بارلىق ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھﯩسسالامغا بولسۇن .
بەزى مۇسۇلمان ئەمەسلەر ، خۇسۇسەن غەربلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە سورىشىدۇ . ئۇلارنىڭ سورﯨشى مەقسەتلىك بولۇپ غەرب ئاخباراتلىرىدا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازﯨنى يامان سەت
قىلىپ كۆرسىتىشمەكچى بولۇشىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكارىمى ئەخلاقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن:
جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان ھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ئابدۇللالاھ ئىبنى ھۇمەيدد جانابلىرى...
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:
"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكارىمى ئەخلاقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:
ھەزرىتى سارە ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى ئايالى بولۇپ، ئېرى بىلەن ئاللاھ يولىدا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن كۈنلەپ، ئايلاپ يوللار كەزگەن، بارغان يەرلىرىدە كاپىرلاردىن كۆرگەن ئەزىيەت ۋە مۇساپىرچىلىق، غېرىپلىقنىڭ دەردىگە سەۋر قىلغان مۇجاھىدە ئايالدۇر. ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىراقتا نەمرۇت دېگەن پادىشاھنىڭ دەۋرىدە پەيغەمبەر بولغان. نەمرۇت بولسا ئۆزىنى يەر يۈزىنىڭ خۇداسى دەپ جاكارلاپ خەلقنى ئۆزىگە چوقۇندۇراتتى. ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرغاندا، نەمرۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوتقا تاشلىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدىن ئايرىلدى، قارا نىيەتلەر رەزىل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى پۇختا تەييارلىق بىلەن تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نومۇسسىزلارچە مەغلۇب بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ چاغدا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا: «سەن مېنىڭ يېشىل تونۇمنى يېپىنىپ ئورنۇمدا ئۇخلاپ تۇرغىن، ئۇلار ساڭا ھەرگىز يامانلىق يەتكۈزەلمەيدۇ» دەپ قويۇپ قولىغا بىر سىقىم توپا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستى باشلىرىغا چېچىۋېتىپ، سەپلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ چىقىپ كەتتى.
ئوممان پادىشاھىغا يوللىغان مەكتۇب _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئومماننىڭ پادىشاھى جەيفەر ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدى (جۇلەندىنىڭ ئىككى ئوغلى) گە مەكتۇب يوللىدى. مەكتۇبنىڭ تېكىستى مۇنداق ئىدى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھتىن جۇلەندىنىڭ ئىككى ئوغلى جەيفەر ۋە ئەبدىگە: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! سالامدىن كېيىن، مەن سىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىمەن. مۇسۇلمان بولساڭلار ئامان بولىسىلەر، مەن ھايات ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا، كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.
مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا يوللىغان مەكتۇب _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەھرەيننىڭ باش ۋالىيسى مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا مەكتۇب يوللاپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى ۋە بۇ مەكتۇبنى ئەلا ئىبنى ھەزرەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئەۋەتتى. مۇنزىر مەكتۇبنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ! مەكتۇبىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەھرەين خەلقىگە يەتكۈزدۈم، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ مۇسۇلمان بولدى. يەنە بىر قىسمىنىڭ ئىدىيىسى تېخى ھەل بولمىدى. مېنىڭ تەۋەلىكىمدە مەجۇسىي (ئاتەشپەرەس) لار ۋە يەھۇدىيلار بار. بۇلار توغرسىدا نېمە قىلىشىمنى بۇيرۇيسەن؟ دەپ جاۋابنامە يازدى.
ئىران شاھى كىسراغا يوللىغان مەكتۇب__ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىران شاھى كىسراغا مۇنداق مەزمۇندا مەكتۇب يوللىدى:
دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
بىزنىڭ ھەممىمىز غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر غەلبىگە ئېرىشىشنى مۇمكىن بولمايدىغان قىيىن بىر ئىش دەپ گۇمان قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز غەلبىگە ئېرىشتۈرىدىغان سەۋەپلەرگە سەل قاراپ، بىز مەڭگۈ غەلىبە قىلالمايمىز دېگەن ئاڭ بىلەن خورلۇققا كۆنۈپ كەتكەن.
دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
10- ۋەسىيەت: دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، قارا نىيەتلىك قىلما. ئەگەر ئۇنىڭغا بېرەر مۇسىبەت يىتىپ قالسا، دۇئا ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە ئىشتىراك قىل. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئەزىيەتكە سەۋر قىلسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر. (سۈرە شۇرا 43- ئايەت. )
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قېرىندىشىڭغا كەلگەن كېلىشمەسلىكتىن خۇشاللىنىپ كەتمىگىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ سېنى كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇرۇپ قويمىسۇن. تىرمىزى رىۋايىتى.
دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
20- ۋەسىيەت، سىز قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەن، بېشىڭىزغا كۈن چۈشۈپ ئامەت سىزدىن قېچىپ، ئىشلىرىڭىز ئوڭدىن كەلمەي پېلىشىپ يۈرگەن ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرمۇ سىزدىن يۈز ئۆرۈپ يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بولدۇمغۇ دەپ ئولتۇرماي تەكرار- تەكرار رەھمەت ئېيتىڭ ۋە قولىڭىزدىن كېلىشچە سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئاشۇرۇپ قايتۇرۇشقا تىرىشىڭ.
- 1
- 2
- 3
- 4
- 5
- 6
- 7
- 8
- 9
- …
- كىيىنكى بەت
- ئاخىرقى بەت











