رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى

مۇناپىقلار ھەققىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى
ئەھمەد رامزان ھىجازكۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا بۆلىمى - نىپاق ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن خەۋەرلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ۋە راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىللىرى ۋە شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنىڭ غەيبىي مۆجىزىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {دېگىنكى، ئاللاھدىن بۆلەك ئاسمان ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ}. (سۈرە نەمل 65- ئايەت). تۆۋەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان بەزى دەلىللەر ئۈستىدە توختىلىمىز:

1- قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسلامىي جەمئىيەتتىمۇ مۇناپىقلارنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى ۋە بۇ خەۋەرلەرنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن چىققانلىقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە بەقەرە، سۈرە تەۋبە ۋە باشقىمۇ سۈرىلىرىدە ئىسلام دۆلىتىدىمۇ مۇناپىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋەر قىلىنغان.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى. يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ}. (سۈرە بەقەرە 8-، 9- ئايەتلەر). ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئەتراپىڭلاردىك ئەئرابىلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ}. (سۈرە تەۋبە 101- ئايەت).ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئەئرابىلارنىڭ كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتلىرىنى ئەھۋاللىرىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر}. (سۈرە تەۋبە 101- ئايەت).
شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ, بۇ خەۋەرلەر رېئاللىققا ئۇيغۇن چىقتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرى بولمىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى، ھىلە - مىكىرلىرىنى بىلدۈرمىگەن بولاتتى.

2-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ مۆمىن ياكى مۇناپىق ئىكەنلىكى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىنىڭ رېئاللىققا تامامەن ئۇيغۇن چىققانلىقىدۇر.
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەئبە ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى نىپاقلىقتىن ئاقلىغانلىقىدۇر. كەئبە ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇناپىقلار بىلەن تەبۇك غازىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزرە ئېيتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى ئاسماندىن ۋەھيى چۈشۈپ ئۇنىڭ نىپاقلىق تۆھمىتىدىن پاك ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانغا قەدەر كىچىكتۈرگەن.
4 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى نىپاقلىقتىن ئاقلىغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتھىسىنى نىيەت قىلىۋاتقاندا ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككە ئەھلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىر ئايالدىن ئۇلارغا خەت ئەۋەتكەن. ئاللاھ تائالا ھاتەبنىڭ بۇ ئىشىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خەۋەردار قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى، مىقداد، زۇبەير قاتارلىق ساھابىلەرنى ئەۋەتىپ ھاتەپ خەت ئەۋەتكەن ئايالنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇ ئايالنى خەتنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. ھاتەب بۇ قىلمىشىغا ئۆزرە ئەيتىپ ئەپۇ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە : "ئۇ سىلەرگە راستىنى ئەيتتى" دەپ ئۇنى نىپاقلىقتىن ئاقلىغان. بۇ ۋەقەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىككى دەلىل بار:بىرىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاتەبنىڭ مەقسىتىنى، ئۇنىڭ بىر ئايال ئارقىلىق مەككە ئەھلىگە خەت ئەۋەتكەنلىكىنى، خەت ئېلىپ ماڭغان بۇ ئايالنىڭ قايەرگە يىتىپ بارغانلىقىنى بىلگەنلىكىدۇر. ئىككىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاتەبنىڭ ئىمانىدا راستچىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدا نىپاقلىقنىڭ يوقلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكىدۇر.

5- جەددە ئىبنى قەيسنىڭ قىسسىسىدۇر. مۇناپىقلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان جەددە ئىبنى قەيسنىڭ بۇ قىسسىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك مۆجىزىلىرى نامايان بولىدۇ. بۇ ئادەم رىم ئاياللىرى بەك چىرايلىق بولغانلىقتىن ئېزىپ كېتىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەبۇك غازىتىدا جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سوراپ كەلگەن. مۇناپىقلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان جەددە ئىبنى قەيس ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى ھەققىدە ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلغان: (ئى مۇھەممەد) سەندىن پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھورۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى. ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە - پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئاراڭلاردا ئۇلار ئۈچۈن تىڭ - تىڭلايدىغانلار بار، ئاللاھ زالىم (مۇناپىقلارنىڭ ئىچى- تېشىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان، ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا (يەنى مېنىڭ قېلىشىمغا)رۇخسە قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن (يەنى رىمنىڭ ئاياللىرى بىلەن گۇناھ قىلىپ سېلىشىمغا سەۋەبچى بولمىغىن)» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلدە ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت چوڭ) بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر. ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر.

مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن». ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ (ئۆزەڭلارغا كەلگەننى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (ئۆزىمىزگە كەلگەننى) كۈتەيلى». ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا (قانچىلىك پۇل - مال سەرپ قىلساڭلارمۇ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار». ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل - مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار) دىن» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار (زىيان - زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان) قورقۇنچاق قەۋمدۇر. ئەگەر ئۇلار بىرەر قورغان ياكى غار ۋەياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ئەلۋەتتە يۈگۈرۈشكەن بولاتتى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىمەت) لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولۇشىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھدىن (ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى) ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى}. (سۈرە تەۋبە 45- 59 ئايەتلىرى).بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ئەگەر ۋەھيى بولمىسا ئىدى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇناپىق جەددە ئىبنى قەيس ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مۇناپىقلارنىڭ سىرلىرىنى بىلمىگەن بولاتتى! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولىشى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.

6- مەسجىدى زىرار قىسسسىدۇر. مەسجىد بىنا قىلىش ئىسلام رىغبەتلەندۈرىدىغان ياخشى ئىشتۇر. لېكىن مۇناپىقلار يامان غەرەز بىلەن مەسجىد سېلىۋىدى قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ بۇ مەسجىدىنى ئەيىبلىدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇماسلىققا بويرىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مالىك ئىبنى دۇخشىم، مەئن ئىبنى ئەدى قاتارلىقلارنى چاقىرىپ ئۇ مەسجىدنى ئۆرۈپ، كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىنى دەرھال ئورۇندىدى. مانا بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر.

7-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزەيفەتە ئىبنى يامان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر تۈركۈم مۇناپىقلارنىڭ ئىسمىلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ئەيتىپ بەرگەنلىكىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى بولمىغان ۋە ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مۇناپىقلارنىڭ ئىسىملىرىنى، سىرلىرىنى ئەيتىپ بەرمىگەن بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى، سىرلىرىنى تەپسىلى بىلمىگەن بولاتتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن بۇ ئىسىملارنى مۇناپىقلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، ئۇلار بىلەن شەخسى ئاداۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلنى ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنى دوست تۇتۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن، ئاللاھ تائالا چەكلىگەنگە قەدەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغانىدى، مانا بۇ مۇناسىۋەت ئۇنى قارا تىزىملىك ئىچىگە كىرگۈزمەسلىككە كېپىللىك قىلاتتى. لېكىن ئۇ، مۇناپىقلار قارا تىزىملىكى ئىچىگە كىرگۈزۈلدى، قۇرئان كەرىم بىر قانچە ئورۇندا ئۇنىڭ مۇناپىقلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.{(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش), ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ}. (سۈرە تەۋبە 80- ئايەت). {(مۇناپىقلار): «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي قاتارلىق مۇناپىقلار ئۆزلىرىنى دېمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھ، مۆمىنلەرنى دېمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ}. (سۈرە مۇنافىقۇن 8- ئايەت).

8-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇناپىقلارنىڭ سۈيقەستلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىدىن قايتىشىدا ئەقەبە دېگەن جايغا كەلگەندە نىقابلانغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنغان لېكىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ئۇلارنىڭ بۇ پىلانىنى ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويغان، بۇ پىلاندىن ئالدىن خەۋەر تاپقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاممار، ھۇزەيفە قاتارلىق ساھابىلىرى بىلەن ئەقەبە دېگەن جايغا كەلگەندە، ئاللاھ تائالا ھۇزەيفە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ تاشلىغانلىقتىن ئۇلار ئارقىسىغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي تىكىۋەتكەن، ئۇلار يۈز - كۆزلىرىنى يۆگىۋالغان بولسىمۇ ئەقىللىق ھۇزەيفە ئۇلارنىڭ بەزىسىنى تۆگىلىرىدىن تونۇۋالغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نىقابلانغان بۇ 13 نەپەر مۇناپىقنىڭ ئىسىملىرىنى بىردىن - بىر ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەيتىپ بەرگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۈيقەستلىرىدىن قانداق قۇتۇلۇپ قالدى؟ بۇنىڭدىكى مۆجىزە قەيەردە؟ تارىختا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنغۇ؟ سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە داغ تەككۈزەمدۇ؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مۆجىزە نامايان بولىدۇ. بىرىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغانلىقتىن ئىسلام دىنى كامالەتكە يېتىشتىن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» دېگەن سۆزى نازىل بولۇشتىن بورۇن ئۇنىڭ شېھىت قىلىنىشىغا ئاللاھ تائالا رازى بولمىغان. مانا بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاللاھ تائالا شېھىتلىك مەرتىۋىسى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىكرام قىلغان باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتۇر. ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنى كامالەتكە يەتكەنگە قەدەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاشقا ۋەدە بەرگەن: {ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ}. (سۈرە مائىدە 67- ئايەت). ئۈچىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ سۈيىقەست پىلانىنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق بىلگەن.

9-قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناپىقلار ھەققىدە خەۋەر بەرگىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەر خىل سۆز - چۆچەكلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە رەددىيە بەرگەنلىكىدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى, ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر, لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ}. (بەقەرە سۈرىسى 13- ئايەت).
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلارنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى) ئۇلارنىڭ دىنى ئالدىدى (يەنى مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىغا مەغرۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يېڭىلمەس دەپ گۇمان قىلىپ، ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقتى)» دېدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ) چۈنكى ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر}. (ئەنفال سۈرىسى 49- ئايەت).

10- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناپىقلارنىڭ يۇشۇرۇن دېيىشكەن سۆزلىرىدىن خەۋەر بەرگەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىۋاشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ}. (بەقەرە سۈرىسى 14- ئايەت).
11- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناپىقلارنىڭ دىللىرىدىكىنى پاش قىلغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە خەۋەر بېرىشتىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى (خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ»}. (تەۋبە سۈرىسى 64- ئايەت).

12- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناپىقلارنىڭ مۇناپىقلىقىدىن قايتمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل مىساللارنى بايان قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىرمۇ مۇناپىق مۇناپىقلىقىدىن قايتمىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار گوياكى (كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى. ئۇلار گاستۇر (يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ), گاچىدۇر (يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ), كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ. ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ, ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ. قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر}. (بەقەرە سۈرىسى 17- 20).
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاپ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى ئۇلاردىن بىر تامچىدۇر، خالاس!

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

***