رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق زات ئىدى

ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەڭ كاتتا، كۈچ - قۇۋۋەت پەقەتلا ئاللاھتىندۇر. ئۇلۇغ
ئاللاھنى ناپاك سۈپەتلەردىن پاكلايمىز، ئۇنى مەخلۇقاتلىرىنىڭ سانى بويىچە،
ئۇ رازى بولىدىغان رەۋىشتە، ئەرشىنىڭ زىننىتىگە يارىشىدىغان ۋە
كەلىمىلىرىنىڭ ئەڭ يىراق چىگرىسىگە بارغۇچىلىك ئاللاھنى ماختايمىز.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق ئىدى؛
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ئەيىپلىمىگەن.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان تاماقنى ئەيىپلىمىگەن بولۇپ؛ كۆڭلى تارتسا يەيتتى، تارتمىسا يېمەيتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇچرىغان كىشىگە ئاۋۋال سالام بېرەتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام پېقىر- مىسكىنلەر بىلەن ئولتۇرۇپ قۇپاتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ئولتۇرۇشتا ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئولتۇراتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىسى ئىدى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ شىجائەتلىكى ئىدى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزرە ئېيتىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىتىن ناھايىتى بەك ھايا قىلاتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىر نەرسە سورىغان بولسا "يوق" دېمەيتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىللارغا ھەلىم – سەلىم بولۇپ، ئەزىيەتلەرگە سەۋرىچان ئىدى.
-    مۇەممەد
ئەلەيھىسسالام پاراڭلاشقان كىشىنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى، ئۇنىڭ
قولىنى تۇتاتتى ۋە پاراڭلىشىۋاتقان ئادەم قويۇپ بەرمىگۈچىلىك قولىنى
قويىۋەتمەيتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام گەپ قىلغان كىشىگە شۇنچىلىك
تىكىلىپ قارايتتىكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ  سۆيۈملۈك
كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى گۇمان قىلاتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام بىراۋنى سۆز بىلەن خوش قىلىشنى ئىرادە قىلغاندا، ئۇنىڭ سۆزىگە سۇكۇت ئىچىدە قۇلاق سالاتتى.
-    مۇەممەد
ئەلەيھىسسالام، بىراۋانىڭ ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشىنى ياخشى كۆرمىگىنىدەك،
بىراۋنىڭ ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ماختىشىنى ياقتۇرمايتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ياقتۇرمىغاندا چىرايىدىن مەلۇم بولاتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام غەلىبىدىن كېيىن مۇتەكەببىرلىك قىلمىغىنىدەك ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىنىپمۇ كەتمەيتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيادا زاھىت ئىدى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام يالغاننى كۆرگەندە غەزەپلىنەتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنى ئىدى.
-    مۇەممەد
ئەلەيھىسسالام جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئۆتىگەندە ئەڭ قىسقا،
ئۆزئالدىغا ناماز ئۆتىگەندە بولسا ئەڭ ئۇزۇن ناماز ئوقۇيتتى.
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتىقىغا كىرگەندە ئوڭ قولىنى ئوڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا قوياتتى.
-    
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولغاندا جۇنۇپ بولسا جىنسى ئورگىنىنى
يۇياتتى ۋە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام خۇشال قىلىدىغان بىر ئىشنى كۆرگەندە شۈكرى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئەلاغا سەجدە قىلاتتى.
-    مۇەممەد
ئەلەيھىسسالام بىر قەۋمدىن قورققىنىدا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ!
بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا سېنى دالدا قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ شەررىدىن سەن بىلەن
پاناھ تىلەيمىز»…
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرىدىغان بىر
نەرسىنى كۆرگەندە مۇنداق دەيتتى: «نېمەتلىرى بىلەن ياخشىلىقلارنى تولۇقلاپ
بېرىدىغان ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن.» يامان كۆرىدىغان بىر نەرسىنى
كۆرگەندە بولسا مۇنداق دەيتتى: «ھەر ئەھۋالدا ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار
بولسۇن».
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت (سۈننىت) ىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ يېنى ئۈستىگە ياتاتتى.
-    مۇەممەد
ئەلەيھىسسالام مەييىتنى دەفنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ (قەبرىسىنىڭ)
ئالدىدا تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت
تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەملىك سوراڭلار، چۈنكى ئۇ، ھازىر سوراققا
تارتىلىۋاتىدۇ.»
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام بېشىدا مىسۋاك بولماستىن ئۇخلىمايتتى، ئويغانغاندا مىسۋاك بىلەن (ئىشقا) باشلايتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەيتتى، قولىنى سۈرتۈشتىن بۇرۇن يالايتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىش، ئايىغىنى كىيىش، مېڭىش – تۇرۇش ۋە ھەر ئىشىدا ئوڭ تەرەپتىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام ھەر دائىم ئاللاھنى زىكرى قىلاتتى…
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام تۆت رەكئەت چاشكا ۋاختى نامىزىنى ئوقۇيتتى. (ۋە بەزىدە) تۆت رەكئەتتىن كۆپ ئۆتەيتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
-    مۇەممەد ئەلەيھىسسالام بورىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايتتى، ئازغا رازى بولاتتى، ئۇنىڭ ياستۇقى دەرەخنىڭ قەۋزىقىدىن ئىدى.
-    
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇشىغا قارىماي ئاللاھ
تائالادىن ئەخلاقىنى گۈزەل قىلىشىنى تىلەيتتى  ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن پاناھ
تىلەيتتى.
-    ئاىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ
مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! مېنى
چىرايلىق ياراتقىنىڭدەك ئەخلاقىمنى گۈزەل قىلغىن.» (ئىمامى ئەھمەد رىۋايەت
قىلغان)
-    ئەى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ
مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ!
سەن بىلەن بەخىتسىلىكتىن، مۇنافىقلىقتىن ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن پاناھ
تىلەيمەن.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نىسائىي رىۋايەت قىلغان)
ئاخىرىدا بۇنى ئالدىڭىزدا تاشلاپ قويماسلىقىڭىزنى ۋە بىزگە ياخشى دۇئالارنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى سورايمىز.

ئاللاھ
تەئەلا بىزنى ھەر دائىم ۋە ھەر ئىشتا ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىش روھىنى
بىزگە ئاتا قىلسۇن. چۈنكى مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆرنەك ئۇ مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامدر. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەرگە ـ ئاللاھ نى،
ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ
رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.» (ئەھزاب سۈرىسى، 33/21 – ئايەت)