رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتىقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ئەرەپاتقا چىقتى ۋە بۇيەردە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە شاخچىلىرى بايان قىلىنغان ئۇلۇغ نۇتقىنى سۆزلىدى.ھەممە مەدھىيە ئاللاغا خاس، ئاللانى مەدھىيلەيمىز، ئاللادىن كەچۈرۈم سۇرايمىز، ئاللاغا تەۋبە قىلىمىز. ئاللاغا سېغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز.ئاللا ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللا ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.شۇنىغا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق،ئاللانىڭ شىرىكى يوق.

شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى مۇھەممەد ئاللانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.سىلە ئاللانىڭ بەندىلىرى ،سىلەرنى ئاللاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. سۆزۈمنى خەيرىلىك ئىشلاردىن باشلايمەن. ئى خالايىق سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇيىلدىن كىيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. ئى خالايىق! تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر، بىر- بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر.

سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن، قولىدا كىشلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن.جاھىليەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانىخورلۇق بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى مۇتەللىپنىڭ جازانىخورلۇقىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن.جاھىليەت دەۋرىدىكى قان قەرىز بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن.جاھىليەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەبىنى، ئابى زەمزەمنى باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بىكار قىلىنىدۇ.قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرلىدۇ. ئەگەر ئۇبىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، قىسمەن سەۋەنلىك ھىسابلىنىپ قىساسىغا يۈز تۈگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشلىرىنىڭ ئىشى.

ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زىمىنىڭلاردا خۇدا بۇلۇشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزدى، لېكىن ئۇسىلەرنىڭ كىچىك سانايدىغان ئىشىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بۇلىدۇ.ئى خالايىق! نەس دىگەننى قوللىنىش كۇپرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، ***** لارنى ئازدۇرىدۇ، ئاللا ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىلى ھارام قىلىشىدۇ، ئاللا ئاسمان- زېمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى.
قۇرئاندا ئاللانىڭ ھۆكمىدە ئاسمان زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى – زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم بىر- بىرىگە ئۇلىنىپ كىلىدۇ. جامادىييەل ئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا يالغۇز كىلىدۇ. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ؟

ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن، ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللا سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بىرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كىيىم كىچەك بىلەن تەمىنلەڭلار.سىلرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللانىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار. ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزەڭلەرگە ھالال قىلدىڭلار، ئاياللار توغرىسىدا ئاللادىن قورقۇڭلار، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتنى قۇبۇل قىلىڭلار.

سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. ئى خالايىق! مۆمىنلەر بىر بىرىگە قېرىنداش، قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس.سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. مەندىن كىين مۇرتەد بۇلۇپ بىر بىرىڭلارنى قىرىدىغان ***** بولماڭلار! سىلەر گە مەن ئاللانىڭ كىتاۋى بولغان قۇرئاننى قۇيۇپ كەتتىم. قۇر ئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر. تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان.كىم ئەڭ مۇتتەقى ( ئاللانىڭ بۇيرىغانلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ توسقان ئىشلىرىدىن چەكلەنگەن ئادەم ) بولسا، شۇئادەم ئاللانىڭ نەزەرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەپ بولغان ئادەم بىلەن غەيرى ئەرەپ بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋاداربولسا شۇ ئەۋزەل. تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. سۆزۈمنى بۇيەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن.

ئى خالايىق! ئاللا ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نىسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس، مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. بالا ئەرنىڭ بۇلىدۇ، زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتادەپ، خۇجىسىدىن باشقا بىرىنى خۇجا دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللانىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋالىقى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللانىڭ رەھمىتى بولسۇن!

مەنبە: ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى )