رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز!

پەيغەمبەرسەلەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم(ئاللانىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىنئاملىرى ۋە مەرھەممەتلىرى ئۇنىڭغابولسۇن)،ەرقايسىمىز مەيلى ئەھلى ئىلىم بولايلى ياكى ئەھلى ئىلىم بولمايلى ئىسلام دىنىدىن خەۋىرىمىز بارمۇ يوقمۇ(لائىلاھەئللەللامۇھەممەدن رەسۇلىللا)دەپ چىن كۆڭلىدىن بۇكەلىمىنى ئيتپ ئىمان ئىيىتقان بولساق،مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغادۇرۇت ئيتىپ تۇرايلى.ئەگەردۇۇت ئيتىشنى بىلمىسەكمۇ رەسۇلىللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا(مۇەممەد!)دەپ ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ دىمەستىن (ئەلەيھى ۋەسسەللەم!)دىيىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن.ئومومەن قىرىنداشلىرىم پەيغەمبىرىمىزگەمۇھەببىتىمىزنى زىيادەقىلىشىمىزكىرەك!!بەزىلەر ئويلىشى مومكىن (بۇ زاتنىڭ جەننەتكەكىرىشى ئىنىق،جايلىرى ئىنىق،مەنزىللىرى ئىنىق ئىكەن )ئۇنداقتا بۇ زاتقا بىزنىڭ دۇرۇتلىرىمىزنىڭ نىمەكىرىگى بار؟-دەپ.بىربەندە رەسۇلىللاھقا بىرمەرتىۋەسالاۋەت ئىيىتسا (ئاللاھ تائالا)شۇبەندىگ10مەرتىۋە رەھمەت قىلىدۇ.كىم دۇئاقىلغاندا رەسۇلىللاھقا سالاۋەت ئىيىتمىسا ئۇنىڭ قىلغان دۇئاسى،ئبادەتلىرى (ئاللاھ )نىڭ دەرگاھىداقوبۇل بولمايدۇ.چۇنكى ئۈممەتنى دەپ رەسۇلىللاھنىڭ قانچىلىك قايغۇرغىنىنى،قانچىلىك قۇربانلىقلارنى بەرگىنىنى بىر(ئۇلۇغ ئاللاھ)بىلىدۇ!

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇرىۋايەت قىلىغان ھەدىس(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)
رەسۇلىللاھ 62يىشىدا يەنى ۋاپات بولۇشقا بىريىل قالغاندا (ئاللاھ)نىڭ ئەڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتۇپ بولغاندا،ئىنسان بالىسى كۆتۈرەلمەيدىغان،بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئىمتىھاھانغادۇچ كەلدى.رەسۇلىللا پەيغەمبەرلىككە ۋەھى كىلىشتىن بۇرۇن خەدىچەئانىمىزدىن ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن ئىدى،بىرىنىڭ ئىسمى(قاسىم)يەنە بىرىنىڭ (تاھىر)ئىدى.لىكى ئۇلار كىچىكلىكىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.رەسۇلىللاھ پەيغەمبەر بولغاندىن كىيىن ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنلىگى ئۈچۇن دائىم ئوغۇل پەرزەنتى بولۇشنى ئارزۇقىلاتتى،شۇچاغلادا كافىرلارنىڭ10-15تن خوتۇنلىرى بولغاچقا ئوغۇللىرى جىق ئىدى ھەم شۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى ۋەرەسۇلىللاھقا لەقەم قويۇپ(ئەبتەر)يەنى (دىنى كىسىك،ئاخىرى يوق)ئوغلى يوق! ئۇئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىشلىرى توختاپ قالىدۇ!-دەپ ،رەسۇلىللاھنىڭ دىلىغا ئازار بەردى.بۇنى رەسۇلىللاھ ئاڭلاپ كىرىپ:

(ئىھ!ئاللاھ!)بۇندىن كىيىن ئەگەر ئشلىرىم توختاپ قالمىسا ئوغۇل پەرزەنىت بەرسەڭ!-دەپ يىغلاپ دۇئاقىلدى.شۇندا جەبرائل ئەلەيھسسالام قۇرئاندىكى ئەڭ كىچىك سۈرە بولغان(سۈرەكەۋسر)دىن ۋەھى ئىلىپ كەلدى.رەسۇلىللانىڭ بۇ سۈرىدىن كۆڭلى يورىغاندەك بولدىيۇ لىكىن ئاتىلىق مىھرى يەنە جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى!كىيىنچە(ئاللاھ)نىڭ ھىكىمىتى بىلەن مارىيە ئانىمىزدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى ۋە ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ پۈتۈن قۇرەيىشلەرگەخەۋەرلەرنى يەتكۈزدى،ھەممەيلەنگە دۇئالارنى قىلدى.7كۇنلۇك بولغاندا ئوغۇلغا (ئبراھىم)دەپ ئىسىم قويدى! يەنى رەسۇلىللاھ ئوغلۇم(ئبراھىم خەلىيۇللاھ)دەك بولسۇن!-دەپ(ئبراىم)دەپ ئىسىم قويدى.
بۇئوغۇل5ياشقا كىرگەن يىلى يەنى رەسۇلىللاھ62ياشقا كىرگەن يىلى قاتتىق ئاغرىپ قالدى.بۇنىڭدىن رەسۇلىللاھنىڭ كۆڭلى پەرىشان بولۇپ يىغلاپ:
(يا!رەببىم! 5كەكىرگەن شۇ ئوغلۇمدىن ئايرىلارمەنمۇ؟يا!رەببىم!ئۆزۈڭ شىپالىق بەرگەيسەن!-دەپ دۇئالار قىلدى،ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا قارىسا ئوغلى يۈگۈرۈپ تالادا يۈرگەنلىكىنى كۆرۇپ:
(سۇبھاناللاھ!رەببىم !دۇئايىمنى ئىجاۋەت قىلىپسەن،شۈكرى!)دەپ ئوغلى يىنىغا ماڭدى.دەل شۇ پەيىتتە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كىلىپ قالدى يەنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلىللاھقا بەزىدە ئەرەب شەكلىدە كۆرۈنەتتى،بەزىدە كۆرۈنمەي رەسۇلىللاھنى بىر يۈك باسقاندەك بولاتتى. بۇ قىتىم ئۇ كۆرۈنمەي رەسۇلىللاھنىڭ يەلكىسىدىن باستى.

رەسۇلىللاھ جەبرائىلغا قاراپ:
ئەي،جەبرائىل بۇ قىتىم يىغلاپ كىلىپسىزغۇ؟نىمە بولدىڭىز؟-دەپ سورىدى.
جەبرائىل دىدىكى :
يا رەسۇلىللاھ! قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى.-دىدى.ۋە ئاز ۋاقىتتىن كىيىن: ،يارەسۇلىللاھ قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلگىنى يوق!ئوغلۇم شىپا تاپتى،دەپ خۇرسەن بولۇپسىز -دىدى.

رەسۇلىللاھ:
شۇنداق ئەي جەبرائىل،ئوغلۇمنى دۇنياغا تىگىشمەيمەن،ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن!-دىدى.
شۇزامان جەبرائىل يەنە يىغلىدى: يارەسۇلىللاھ!مە بىلەن كىمنىڭ كەلگىنىنى بىلەمسىز؟-دىدى.
رەسۇلىللاھ: كىم كەلدى؟ئەي جەبرائىل؟-دىدى.
ئەزرائىل ئەلەيھسسالام كەلدى،بۈگۈن ئوغلىڭىز روھى قەبىز قىلىنىدۇ يارەسۇلىللاھ! ئاللاھ سىزگە ھىچقاچان ئوغۇل پەرزەنىت بەرمەيدىكەن،چۇنكى سىزدىن كىيىن ئۈممەتلىرىڭىز ئوغلىڭىزنى(پەيغمبەر)لىك ماقامىغا كۆتۈرۈپ قويىدۇدەپ تەشۋىشلىنىمىز ۋە بىر قەلىبتە ئىككى مۇھەببەت بولمايدۇ،يا!رەسلىللاھ!سىز ياكى ئۇممىتىڭىزنى تاللاڭ ياكى ئوغلىڭىزنى!دىدى.
رەسۇلىللاھنىڭ ۋۇجۇدلىرى تىترەپ يا رەببىم،قېرىغان چىغىمداقانداق ئىمتاھان بولدى ئەمدى بۇماڭا؟-دەپ يىغلاپ كەتتى.
جەبرائىلمۇ يىغلاپ تۇرۇپ:
يا!رەسۇلىللاھ بارچە پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىنى دۇئاغا ئىچىپ قويدۇم،كىلىڭ،بىرگە (ئاللاھ)قا دۇئاقىلايلى!ھىچ بولمىسا سىز دۇنيادىن كەتكىچە ئوغلىڭىز تۇرۇپ تۇرسۇن!دىدى.

رەسۇلىللاھ:
شۇندiقمۇ؟يا!جەبرائىل؟مەن ئوغلۇمنىڭ ئۆمرىنى سوراشقا كەلگەن پەيغەمبەرئەمەسمەن،ماڭا ئختىيار بېرىلسە مەن ئۈممەتنى تاللىدىم.سىز ھەم دۇئا قىلىڭ مەن ھەم دۇئاقىلاي!(ئاللاھ!)ئوغلۇمنىڭ ئورنىغا ئسلامغا خىزمەت قىلىدىغان پەرزەنىتلەردىن ساھابە ئۈممەتلىرىمگە،ئاخىر زامان ئۈممەتلىرىمگەئوغلۇمنىڭ ئورنىغا ساداقەتمەن،ئنساپلىق پەرزەنىتلەردىن بەرسە ئەجەپ ئەمەس،دۇئا قىلىڭ!دەپ،يىغلا تۇرۇپ دۇئا قىلدى.ۋە ئەزرائىل ئەلەيھسسالامغا
ئەي!ئەزرائىل!شۇ كۆزۈمنڭ قارىسى بىلەن خوشلىشىۋالغىلى رۇخسەت قىلىڭ!-دىدى.
شۇچاغ جەبرائىل ئەلەيھسسالام يىغلاپ تۇرۇپ دىدىكى:

يا!!رەسۇلىللاھ!ئزرائىل ئەلەيھسسالام سىزنىڭ ئىشارىڭىزنى كۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
رەسۇلىللاھ ئوغلى يىنىغا چىقتى .ئوغلى(ئبراھىم)ئز تەڭتۇشلىرى ساھابە بالىلىرى بىلەن ئويناپ يۈرەتتى ۋە شۇنچە ساغلام بوپقالغان ئىدى .رەسۇلىللاھ قارىسا شۇنچە كۆپ بالىلار ئارىسىدائەڭ چىرايلىقى يەنە ئۆز ئوغلى.گۈزەل خۇلىقلىق،گۈزەل سۈپەتلىك.رەسۇلىلاھ ئوغلىغا ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇردى ۋە:
(يا!قۇررەتى ئەيىن!)يەنى ئەي!كۆزۈمنىڭ قارىسى!-بۇياققا كىلىڭ ،-دىدى. ئوغلى يۈگرەپ كەلگەن ئىدى.رەسۇلىللاھ ئۇنىڭ باشلىرىنى سىلاپ،باغرىغا باستى ۋە:
ئوغلۇم،سىز سەپەرگە چىقىدىغان بوپ قالدىڭىز!-دىدى.ئغلى خۇرسەن بولۇپ:

(ھەلئەلبى لىبە سەل جەدى دە!) يەنى ئۇنداق بولسا يىڭى كىيىملىرىمنى كىيىپ تەييار بولايمىكىن!-دىدى.
رەسۇلىللاھ ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە:
ئەي!ئوغلۇم!سىز كىيىم كېرەك بولمايدىغان،دۇنيا كېرەك بولمايدىغان جايغا كىتىدىغان بوپ قالدىڭىز!ئۆيگە كىرىپ بىر مىھمان بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىڭ!-دىدى.
ئەقلى پاراسەتتە رەسۇلىللاھ نىڭ قىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوغۇل ئاتىسى رەسۇلىللاھ نىڭ نىمە دىگىنىنى دەرھال چۈشەندى ۋە قولىدىكى ئوينىغان ئويۇنچۇقىنى كۆرسىتىپ :- ئۇنداق بولسا بۇنى ئامانەت ئالغان ئىدىم،بۇنى بىرىپ قوياي!-دىدى.

بۇگەپلەرنى رەسۇلىللاھ ئاڭلاپ (داد!!)دەۋەتتى ۋە:
(يا!!رەببىم !!شۇنداق ئامانەتچى!شۇندا پاراسەتلىك ئوغلۇم بار ئىدى!)دىدى.
ئوغلى دوسلىرى يىنىغا بىرىپ ئامانەتنى بەردى ۋە ھەربىرى بىلەن قول بىرىپ خەيرىلەشتى،بەزەن بىرلىرى بىلەن خۇددى چوڭلاردەك يۈزىنى- يۇزىگە يىقىپ مەھكەم باغرىغا باستى.
بۇنى كۆرۇپ تۇرغان جەبرائىل ئەلەيھسسالام چىدىيالماي قاتتىق يىغلىۋەتتى ۋە:
يا!!رەسۇلىللاھ!!ئاللاھقا دۇئا قىلىڭ !ئاللاھقا دۇئا قىلىڭ!!-دىدى. رەسۇلىللاھ يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىنى تاماششا قىلدى.
ئوغلى ھەممە تەڭ-تۈشلىرى بىلەن خوشلاشتى ئاندىن رەسۇلىللاھ نىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە:
(يا!ئەبى!!)يەنى ئەي!!ئاتا! ئەمدى مىنى باشلاپ مىڭىڭ،چۈنكى سىز ئاتىنى ھۆرمەتلەش توغرىسىدا ماڭا كۆپ ھەدىسلەنى ئىيىتقانتىڭىز!سزنىڭ ئالدىڭىزدا كىرسەم ئەدەپسىزلىك بولۇر!مەن ئارقىڭىزدىن كىرەي!-دىدى. بۇگەپ يەنە رەسۇلىللاھ قا ئەلەم بولدى. ئوغۇل رەسۇلىللاھ نىڭ ئارقىسدىن ماڭغاچ يولدا ئۇچرىغان ساھابىلەر بىلەن خەيرىلىشىپ ماڭدى.خوشلاشقانارنىڭ ئارىسىدا <ئابا بەكرى سىددىق>مۇ بار ئىدى.ئوغۇل ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.
ئۇلار نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەيتتى. نىمىشقا رەسۇلىللاھ يىغلايدۇ؟نىمىشقا بۇگۆدەك ھەممىسى بىلەن بۇنداق خوشلىشىدۇ؟ھىچكىم چۇشەنمىدى. ئۆيگەكىرىش بىلەن (ئىبراھىم)نىڭ كۆزى ئەزرائىل ئەلەيھسسالامغا چۇشتى ۋەرەسۇلىللاھ دىن :

مىھمان دىگىنىڭىز شۇ كىشى شۇمۇ؟-دىدى.
رەسۇلىللاھ :-ھەئە،شۇ ئوغلۇم!!؛-دىدى.
ئوغۇل: -ئاتا!!بۇ مىھمانغا قارىسام قورقۇپ كىتىپ بارىمەن!-دىدى.
رەسۇلىللاھ: -ئەي!ئوغلۇم! بۇ مىھمان بارچە جاننى قورقىتىدىغان،ئاتىدىن بالىنى ئاجرىتىدىغان قەبرىستاننى ئاۋاتلاشتۇرۇپ،شەھرىستاننى بەربات قىلىدىغان مىھماندۇر!-دىدى.
شۇزامان ئوغۇلنىڭ بىشىغاقاتتىق ئاغرىق كىردى.ۋە:
(يۇئەللىمۇ نىراسى!)يەنى بىشىم قاتتىق ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ!دەپ بىشىنى ئىككى قولى بىلەن تۇتتى.
رەسۇلىللاھ: - كىلىڭ ئوغلۇم بىشىڭىزنى تىزلىرىمغا قويۇۋىلىڭ !!-دىدى ئاندىن ئوغلىنى مەھكەن قۇچاقلاپ :
يا!جەبرائىل!! قەيەردە سىز؟ئەزرائىلغا ئىيتىڭ ،ئوغلۇمنىڭ جىنىنى قىينىماي ئالغان بولسا!!ئوغلۇمنى ئاللاھقا بەردىم ،قىينىمىسۇن!!-دىى.
بۇسۆزنى ئاڭلاپ جەبرائىل ئەلەيھىسسالام يىغلىۋەتتى.ئوغۇ رەسۇلىللاھقا قاراپ بىر كۈلدى ۋە جان تەسلىم قىلدى.رەسۇلىللا ئوغۇلنىڭ مىيتىنى ئۆزى يۇدى،ئۆزى كىپەنلىدى،ئۆزى جىنازىغا ئالدى،.....ئۆزى قەبرىگە قويدى.ئۆزى كۆمدى ۋە (داد!!!)دەپ يىغلىدى.

ساھابىلەر بۇنى كۆرۇپ :
يا!رەسۇلىللاھ؟ئزىڭىز چەكلىگەن ئىشنى ئۆزىڭىز قىلۇرسىزمۇ؟ سىز بىزگە <يىغلىماڭلار!>; دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟-دىدى.
رەسۇلىللاھ دىدىكى: -ئەي!ئەزىزلىرىم!ۈگۈنكى ۋەقەدىن سىزلەر بىخەۋەرسىزلەر!بگۈن مىنىڭ بىشىمغا چۈشكەن ئمتىھان باشقائىنساننىڭ بىشىغا چۇشسە سەبىرقىلالماس ئىدى،بۇگۈن (ئاللاھ)ئۈچۇن ئۈممىتىمنى تاللاپ،ئوغلۇمنى تاپشۇردۇم ئەگەر ئوغلۇم سىزلەرنىڭ ئوغلىڭىز بولغان بولسا ئويناپ يۈرگەن بولاتتى-دىدى.ھەممە ساھابىلەر يىغلىدى،(يا!ۋەيلەتا!)ۋە رەسۇلىللاھ قا :
-(يا!مۇسىبەتا!)يەى بۇنداق مۇسىبەتكە (ئاللاھ)سىزگەسەۋىر بەرسۇن!!-دىدى.

ئەزىزى قىرىنداشلىرىم!!رەسۇلىللاھ ئارزۇ قىلدىكى:'
مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئورنىغا،ئۈممەتلىرىمدىن شۇنداق ئوغۇللەر چىقىدۇ !-دەپ. ئەمدى بىر پىكىر قىلىپ باقايلى؟بىز رەسۇلىللاھ ئارزۇ قىلغاندەك پەرزەنىت،ئوغۇل بولالىدۇقمۇ؟يوق؟! (يا!!!رەسۇلىللاھ ئەلەيھى ۋەسسللەم ئوغلىڭىزنى بىزنىڭ ئورنىمىزغا پىدا قىلغان ئىكەنسىز !بىز شۇنىڭغا لايىق پەرزەنىت بولدۇق! )دىيەلەيمىزمۇ؟يكى بىزگەبەرگەن پەرزەنىتلەرنى شۇنىڭغا مۇناسىپ تەربىيە قىلالىدۇقمۇ؟تەربىيلەپ چىقالىدۇقمۇ؟-يو؟!قىيامەت كۈنى (مانا سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئورنىغا نامازخان!ئىبادەچى!!ئىنساپلىق ئوغۇل ئەپ كەلدۇق!)ياكى (ئىچەرمەن!چىكەرمەن!ناماز ،ئاللاھ نى بىلمەيدىغان ئوغۇل ئەپكەلدۇق !)دەپ قايسىسىنى ئېيتىمىز ؟قايسى يۈز بىلەن قايسى دىل بىلەن رەسۇلىللاھ سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا بارىمىز !
ئەمما ئەزىز قىرىنداشلىرىم!رسۇلىللاھ شۇنداق قاتتىق ۋاقىتتا بىزنى يەنى ئۈممىتىنى تاللىدى! بىزنى ئختىيار قىلىپ بۇ ئمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتتى.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ھەم بۇدۇنيادىن كەتتى!شۇكىتىشنى ئالدىدىمۇ(ئاھ!!ئممىتىم!!!ئۈممىتىم!!) دەپ كەتتى! ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلىرىم!ھياتى ئۈممەتنى دەپ ئۆتكەن شۇنداق بىر زاتنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا بىھۆرمەتلىك قىلغان ئۈممەت ،مىللەت، (ئاللاھ )نىڭ دەرگاھىدا (دۇئايى بەت)قىلىنىدۇ قىرىنداشلىرىم !!!

داۋامى بار