رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى (1)
ئاللاھ
تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى
پەيغەمبەرلىكنى پارلاق دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ
تائالا پەيغەمبىرى دۇئاغا قول كۆتۈرگەن ھامان ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ
كەلدى. دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنىڭ تەكرارلىنىشى پەيغەمبەرنىڭ
راستچىللىقىغا دەلىلدۇر. چۈنكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ
ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمنى ئاللاھ تائالا قوللاپ، قۇۋۋەتلىمەيدۇ.
يالغانچىلار ئەڭ زالىم ۋە ئاللاھ تائالادىن ئەڭ يىراق ئادەملەردۇر. ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ
ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار
ھەرگىز بەختگە ئېرىشەلمەيدۇ». (سۈرە يۇنۇس 17- ئايەت).

  
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پىرئەۋننىڭ سېھرىگەرلىرىگە خىتاب قىلىپ:
«سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق 
مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق
ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»
دېگىنىدەك، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمنى ئاللاھ تائالا قوللاپ،
قۇۋۋەتلىمەيدۇ بەلكى ئۇنى ھالاك قىلىدۇ.

  
ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەملەرگە ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ ياردەم
قىلمايدۇ، ھىدايەت قىلمايدۇ بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

  
«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى, ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن
(دوزاخ ئازابىدىن) قۇتۇلالمايدۇ». (سۈرە يۇنۇس 69- ئايەت).

   «ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ». (سۈرە زۇمەر 3- ئايەت).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەغلۇپ بولمىدى بەلكى ھەممە ئىشلىرىدا غەلىبە
قىلدى، ئۇنىڭ دىنى يەر يۈزىدىكى دىنلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ كۆپ
تارقالغان دىن بولدى.

  
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: مەلۇمكى،
ئاللاھ تائالا راستچىل، دىنى توغرا كىشىلەرنىڭلا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان كىشى دەۋاسىدا راستچىل بولسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ
ياخشىسى، ئەگەر دەۋاسىدا يالغانچى بولسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى بولغان
بولىدۇ. ئاللاھ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان كىشى ئەسكى ئەمەس بەلكى ياخشى كىشى
بولغان بولىدۇ. پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان كىشى ياخشى كىشى بولغان
تەقدىردە ئۇنىڭ راستچىل پەيغەمبەر بولىشى مۇئەييەندۇر. چۈنكى ئۇنىڭ قەستەن
يالغانچىلىق قىلىشى، پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان ئازغۇن بولىشى مۇمكىن
ئەمەس.

  
ئاللاھ تائالا بىر قانچە ئورۇنلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى
ئىجابەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىرى ئۇنىڭ راستچىللىقىغا شاھىد بولىدىغان
پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىدىن بىر دەلىل ھېسابلىنىدۇ.

  
بىز سۆزنى خەلققە قەھەتچىلىك يەتكەن يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلىكتىن باشلايلى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم بىر جۈمە كۈنى خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە
چىققاندا بىر ئەرابىي ئورنىدىن تۇرۇپ: يا رەسۇلۇللاھ! ماللار ھالاك بولدى
ئائىلە - تاۋاباتلار ئاچقالدى، بىز ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا، دەيدۇ.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى، ۋاھالەنكى بۇ ۋاقىتتا بىز
ئاسماندا بىرەر پارچە بولۇتنىمۇ كۆرمىگەنئىدۇق، نەپسىم ئىلكىدە بولغان زات
بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئادىن قولىنى قويماستا
ئاسماندا تاغدەك بۇلۇتلار توپلىنىشقا باشلىدى، ئۇ مۇنبەردىن چۈشمەستىلا
ئۇنىڭ ساقاللىرىنىڭ يامغۇر بىلەن ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم، يامغۇر
كېلىدىغان جۈمە كۈنىگىچىلىك توختىماي ياغدى. كېلىدىغان جۈمە كۈنى ھېلىقى
ئەرابىي ياكى باشقىسى ئورنىدىن تۇرۇپ: يا رەسۇلۇللاھ! بىنالار ئۆرۈلۈپ
چۈشتى، ماللار غەرق بولۇپ كەتتى، بىز ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: "ئى ئاللاھ ئۈستىمىزگە
ئەمەس، ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن" دېدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى قايسى تەرەپكە ئىشارەت قىلسا شۇ
تەرەپتىكى بۇلۇتلار تارقاپ كېتىپ، مەدىنە مۇنەۋۋىرىنىڭ ئاسمىنى يۇملاق، چوڭ
بىر ئازگالغا ئوخشاپ قالغان، قانات چىلغىسىدا بىر ئاي سەل ئاققان، ھەر
قايسى ناھىلەردىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەلگەن ھەر بىر كىشى مول ھۇسۇل
ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن يامغۇر يېغىپ، بىر ھەپتە داۋام
قىلدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن يامغۇر توختاپ، مەدىنە
مۇنەۋۋىرىنىڭ ئاسمىنىدىن بۇلۇتلار تارقاپ كەتتى. مانا بۇلار ئۇ زاتنىڭ
راستچىللىقىنىڭ ۋە ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن
ئەمەسمۇ؟!

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ يەتتە كۈن ئۈزۈلدۈرمەستىن
يامغۇر ياغدۇرىشى، ئاندىن يەنە ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن يامغۇرنى توختىتىپ
بېرىشىدىن ئىبارەت ئۇ زاتنىڭ پارلاق مۆجىزىسى نامايان بولىدۇ، دەيدۇ.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى تىز ئىجابەت قىلىشى، بۇلۇتنىڭ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى قاتارلىق پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن
بىر قانچە ئالامەتلەر بار، دەيدۇ.

  
بەزى ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خاس بەزى ساھابىلىرىغا دۇئا
قىلاتتى. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپادار خىزمەتچىسى
ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىزمىتىگە
جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ دۇئانىڭ بەرىكىتى بىلەن
يۈز يىل بەخىتلىك ياشىغان.

  
ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئانام لېچىكىنىڭ يېرىمىنى
ماڭا ئىشتان، يەنە يېرىمىنى ماڭا كۆينەك قىلىپ كىيگۈزۈپ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ئوغلۇم ئەنەس
بولىدۇ، ئۇنى ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن
ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا، دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئى ئاللاھ ئۇنىڭ
مال - مۈلكى ۋە پەرزەنتىنى كۆپەيتىپ بەرگىن" دەپ دۇئا قىلغانىدى. ئاللاھ
بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھازىر مال - مۈلكۈم ناھايىتى كۆپ، بالام ۋە
بالامنىڭ بالىلىرى يۈزدىن ئاشىدۇ. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم
رىۋايىتى).

  
يەنە بىر رىۋايەتتە ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بارلىق ياخشىلىقىنى
تىلەپ: "ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا مال ۋە پەرزەنت بەرگىن، مال -  مۈلۈك ۋە
پەرزەنتىگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن" دەپ دۇئا قىلغانىدى.

  
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت
قىلغان. ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەنسارلار
ئىچىدە مال - مۈلكى ئەڭ كۆپ كىشى ھېسابلىناتتىم.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى ۋە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى نامايان قىلىنغان، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئۆرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر دىنار
بېرىپ، بىر قوي سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغاندا ئۇ بىر دىنارغا ئىككى قوي
سېتىۋېلىپ، قوينىڭ بىرىنى بىر دىنارغا سېتىپ، بىر قوي بىلەن بىر دىنار
ئېلىپ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تىجارىتىگە بەرىكەت تىلەپ
دۇئا قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بىرى ئۇ توپا سېتىۋالغان تەقدىردە ھەم پايدا
ئالاتتى. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

   ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىدىن بىر دەلىل بار، دەيدۇ.

  
ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلەرنى تىز
يادىلىۋېلىشىنى سىرىنى بىلمەكچى بولساق ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە قۇلاق
سالايلى، ۋاھالەنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئاڭلىغان
ھەدىسلەرنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق
دەيدۇ: يا رەسۇلۇللاھ، مەن ئۆزلىرىدىن كۆپ ھەدىسلەرنى ئاڭلايمەن لېكىن
ئۇنتۇپ قالىمەن، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "تونىڭنى يايغىن" دېدى.
مەن تونىمنى يايدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قولى بىلەن ئوچۇملاپ،
ئاندىن: "ئۇنى يۆگىگىن" دېدى. مەن ئۇنى يۆگىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاڭلىغان
ھەدىسلەردىن ھېچ بىر ھەدىسىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرىنىڭ
ئوچۇق پەزىلىتى، پەيغەمبەر ئالامەتلىرىدىن پارلاق مۆجىزە بار. چۈنكى ئۇنتۇپ
قېلىش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بولسىمۇ ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە
ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ كۆپ قېتىم سادىر بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان،
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇنتۇپ
قالمايدىغان بولغان، دەيدۇ.

  
بۇ يەردە ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە پايدىسىنى كۆرگەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ يەنە بىر دۇئاسى بار. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرىنىڭ ئانىسىنىڭ ھىدايىتى ئۇچۇن قىلغان
دۇئاسىدۇر. ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرىنىڭ ئانىسى مۇشرىك ئايال بولۇپ، ئوغلى
ئەبۇ ھۆرەيرىنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇشقا ئۇرۇناتتى ۋاھالەنكى،  ئەبۇ
ھۆرەيرە ئۇنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە مۇنداق
دەيدۇ: بىر كۈنى مەن ئانامنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغىنىمدا ئۇ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مەن يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلدى، مەن يىغلىغان
ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىغا كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ، مەن ئانامنى
ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغانىدىم، ئۇ رەت قىلىپ كەلگەنىدى، بۈگۈن يەنە دەۋەت
قىلسام ئۆزلىرى ھەققىدە مەن يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلدى، ئانامنىڭ
ھىدايىتى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان بولسىلا، دېدىم.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپادار ساھابىسىنىڭ ئۈمىنىدىنى يەردە قويمىدى ۋە
مۇنداق دۇئا قىلدى: "ئى ئاللاھ ئەبۇ ھۆرەيرىنىڭ ئانىسىنى توغرا يولغا
باشلىغىن". ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ
ئانىسىنىڭ ئىسلامىغا سەۋەب بولىشىنى ئۈمىت قىلغان ھالدا خۆرسەنلىك بىلەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقتى.

  
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن قايتىپ ئىشىك
ئالدىغا كەلگىنىمدە، ئانام ئاياغ تاۋۇشىمنى ئاڭلاپ: ئى ئەبۇ ھۆرەيرە
ئورنۇڭدا تۇر، دېدى. مەن سۇنىڭ شاراقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئەسلىدە
ئانام تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن
يۇيۇنۋاتقانىكە.

  
ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: مەن خۇرسەنلىكتىن يىغلىغان ھالدا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتتىم ۋە: يا رەسۇلۇللاھ خوش خەۋەر،
ئاللاھ دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىپ، ئانامنى توغرا يولغا باشلىدى، دېدىم.
(ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
كۈننىڭ ئەۋۋىلىدە ئانىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن ۋە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەت قىلغانلىقىدىن قايغۇرغان ھالدا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئەبۇ ھۆرەيرە ئەمدىلىكتە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئانىسىنىڭ مۇسۇلمان
بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خوش خەۋەر ئېلىپ
كەلگەنىدى.

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ دۇئاسىنىڭ تىز ئىجابەت بولغانلىقى نامايان بولغان بولۇپ،
بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن
ھېسابلىنىدۇ، دەيدۇ.

  
ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خۇرسەنلىكى ئۇنى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامدن ئۈچىنچى بىر دۇئانى تەلەپ قىلىشىنى ئۇنتۇلدۇرمىغان، ئۇ:
ئى رەسۇلۇللاھ، ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا مېنى ۋە ئانامنى مۆمىن بەندىلىرىگە
ۋە ئۇلارنى بىزگە سۆيۈملۈك قىلسۇن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئى
ئاللاھ، بۇ بەندەڭنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى مۆمىن بەندىلىرىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلار
ئۈچۈن مۆمىنلەرنى سۆيۈملۈك قىلغىن" دەپ دۇئا قىلىدۇ.

  
ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: نامىمنى ئاڭلىغان ياكى مېنى كۆرگەن ھەر
قانداق بىر مۆمىن مېنى ياخشى كۆردى، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

  
ھەر ئەسىردىكى مۆمىنلارنىڭ ئىسلام رىۋايەتچىسى ھەزرىتى ئەبۇ ھۆرەيرىنى
ياخشى كۆرىشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت
قىلغانلىقىغا كەسكىن دەلىل ۋە ئوچۇق ھۆججەتتۇر.