رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى ۋە رەببىدىن قورقۇشى
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ، راستچىللىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ
جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن ئىبادەت
قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن ھەقىقى قورققانلىقىدۇر.ەگەر ئۇ يالغان پەيغەمبەر
بولغان بولسا پۇتلىرى قاپىرىپ كەتكۈدەك، ئۆزىنى جاپاغا ئۇرۇپ، ئاللاھقا
ئىبادەت قىلمىغان بولاتتى بەلكى تارىختا ئۆتكەن يالغان پەيغەمبەرلەرگە
ئوخشاش ھاراملارنى ھالال ساناپ، ھاۋايى ھەۋەس، شەھۋەتلەرگە بېرىلگەن
بولاتتى.
 
جۈملىدىن كەززاپ مۇسەيلىمە ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ھاراق، زىنا – پاھىشىلەرنى
ھالال قىلىپ، ناماز ئوقۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى، يالغانچىلار شەرىئەت
تەكلىپلىرىنى تەتبىقلىمايدۇ.

  
ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى، كۈچ،
قۇدرىتىنى ھەقىقى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان، ئەڭ بەك
قورقىدىغان زات ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مەن ئاللاھ تائالادىن
سىلەردىنمۇ بەكرەك قورقىدىغان، تەقۋالىق قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى
سىلەردىن بەكرەك بىلىدىغان بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن. (مۇسلىم
رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن بەك قورقىدىغانلىقىنىڭ،
ئۇنىڭغا قاتتىق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. جۈملىدىن
ئۇنىڭ ساھىبى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ چاچلىرىدىكى
ئاقنى كۆرۈپ: يا رەسۇلۇللاھ، چاچلىرىغا ئاق چۈشۈپ كېتىپتۇ؟ دېگەندە،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "چاچلىرىمنى ھۇد، ۋاقىئە، مۇرسالات، ئەممە
يەتەسائەلۇن، ئىزەششەمسۇ كۇۋۋىرەت قاتارلىق سۈرىلەر ئاقارتىۋەتتى"، دېگەن.
(تىرمىزى رىۋايىتى).

   دېمەك، بۇ سۈرىلەردە بايان قىلىنغان قىيامەت ئەھۋاللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاچلىرىنى ۋاقىتتىن بۇرۇن ئاقارتۋەتكەنىدى.

  
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
رەببىدىن قورقۇشىنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
تامغاقلىرى كۆرۈلگۈدەك كۈلۈپ باققانلىقىنى كۆرمىگەندىم، ئۇ ھاۋانىڭ
تۇتۇلغانلىقىنى ياكى بوران چىققانلىقىنى كۆرسە ئۇنىڭ يۈزىدىن ئەندىشىنىڭ
ئالامەتلىرى كۆرۈلەتتى. مەن يا رەسۇلۇللاھ، خالايىقلار ھاۋا تۇتۇلغانلىقىنى
كۆرسە يامغۇرنى ئۈمىت قىلىشىپ خۇرسەن بولىشىدىكەن، ئۆزلىرى بۇنداق
ئەھۋالنى كۆرسىلە يۈزلىرىدىن ئەندىشىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن
دېگىنىمدە، ئۇ: ئى ئائىشە! ئۇنىڭدا بىر ئازاپ بولۇشىدىن خاتىرجەم
بولالمايمەن. چۈنكى ئىلگىرىكى بىر ئۈممەت قاتتىق بوران بىلەن ئازاپ
قىلىنغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ
بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر»، دېيىشكەنىدى"، دېگەن. (بۇخارى ۋە
مۇسلىم رىۋايىتى).

  
بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويقۇسىدا پىتنەلەرنىڭ
چۈشۈۋاتقانلىقىى كۆرگەن، ۋاھالەنكى ئۇ، ئۇممۇسەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ
ئۆيىدە ئىدى، ئۇ پىتنەلەردىن كەلگەن يامانلىقلاردىن پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن
ئاياللىرىنى ئويغۇتۇشقا، ئۇلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇشىغا
بۇيرىغانىدى. ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئويقۇسىدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ: سۇبھانەللاھ، بۈگۈن كېچە
نېمىدېگەن كۆپ خەزىنە ۋە نېمىدېگەن كۆپ پىتنەلەر نازىل قىلىندى؟
ھۆجىرلاردىكى ئاياللارنى كىم ئويغىتىپ قويىدۇ، دۇنيادا كىيىم كىيگەن
كۆپلىگەن ئاياللار باركى، ئۇلار ئاخىرەتتە يالىڭاچ قالىدۇ"، دېگەن. (بۇخارى
رىۋايىتى).

  
يەنە بىر كىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرى ئۇنىڭ كېچىنىڭ
ئاخىرىدا ئوخلىيالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇنى ئۇخلىغىلى قويمىغان
نەرسە نېمە؟

  
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى بىزگە مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بېقىنىنىڭ ئاستىدىن بىر خورمىنى ئېلىپ، يېگەن بولۇپ، كېچىنىڭ
ئاخىرى بولغاندا بۇنىڭدىن بىئارام بولغان، بۇنىڭدىن بەزى ئاياللىرى
ئەندىشە قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مەن بېقىنىمنىڭ ئاستىدىن بىر
تال خورمىنى ئېلىپ يېگەنىدىم، ئۇنىڭ سەدىقە خورمىلىرىدىن بولۇپ قېلىشىدىن
قۇرقتۇم"، دېگەن. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇخلاتمىغان نەرسە
ئۇنىڭ يېگەن خورمىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھالال بولمايدىغان سەدىقە خورمىلىرىدىن
بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇش ئىدى.

  
ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەببىگە قىلغان ئىبادىتى بولسا ئۇنىڭ
راستچىللىقىنىڭ يەنە بىر شاھىتىدۇر. ئۇنىڭ ئىبادىتى ئاللاھقا يالغاننى
توقۇيدىغان، خەلقنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئازدۇرىدىغان يالغانچىدىن سادىر
بولىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىبادەتىدى. ئۇنىڭ يالغانچى بولۇشى قەتئى مۇمكىن
ئەمەس. دۇنيادا رەببىگە يالغاننى توقۇپ، ئاندىن رەببىگە ئىبادەت قىلىپ،
ئۆزىنى جاپاغا سالىدىغان يالغانچى بولمىسا كېرەك.

  
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزگە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ كېچىلىك ئەھۋالىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام كېچىلىرى ئىبادەت قىلىپ، پۇتىلىرى قاپىرىپ كېەتتى، مەن
ئۇنىڭغا: يا رەسۇلۇللاھ، ئاللاھ تائالا ئىلگىركى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى
مەغپىرەت قىلغان تۇرسا نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بۇنداق جاپاغا ئۇرىلا،
دېگىنىمدە، ئۇ: "مەن شۈكۈر قىلغۇچى بەندە بولمامدىم"، دېگەن. (بۇخارى ۋە
مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى سۈپەتلەپ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام كېچىسى ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇياتتى، بۇ نامازدا سىلەردىن
بىرىڭلار ئەللىك ئايەت ئوقۇغان مىقدار سەجدە قىلاتتى، بامدات نامىزىدىن
ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، نامازغا نىدا قىلغۇچى كەلگەنگە قەدەر ئوڭ
تەرىپىنى بېسىپ يېنىچە ياتاتتى، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدرى كۈنى ساھابە كىراملار ھېرىپ،
چارچىغانلىقىدى ئۇيقۇغا غەرق بولغان ۋاقتىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ: ئۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا
ھەممەيلەننىڭ ئۇيقۇغا غەرق بولغانلىقىنى كۆرگەنىدىم، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بولسا بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا ناماز ئوقۇپ، يىغلاپ تاڭ
ئاتقۇزغانىدى، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەببىنىڭ قەدرىنى تونۇپ، پەزلى، مەرھىمىتىنى
ئۈمىت قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلىپ يىغلىشى بىر قانچە قېتىم
تەكرارلان ئەھۋال ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەششىخخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەنىدىم ۋاھالەنكى ئۇ ناماز
ئوقۇۋاتقانىكەن ئۇنىڭ يىغىسىدىن قورسىقى قازان قاينىغاندەك، قايناۋاتاتتى،
دېگەن. (نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىنىڭ: «(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى،
پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر
توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە،
يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ»، دەپ
سۈپەتلىگىنىدەك سۈپەتكە ئىگە ئىدى. دۇنيا يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ،
رەببىگە ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ ئولتۇرغان بىر يالغان
پەيغەمبەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟.

  
ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى بولسا ئۇ رەببىنىڭ رىزاسىنى
ئىزدەپ، دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا داۋام قىلاتتى. ئەبۇ
ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئەمەللەر
ئاللاھقا دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى توغرىلىنىدۇ، ئەمىلىمنىڭ ئاللاھقا مەن
روزا تۇتقان ھالەتتە توغرىلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن، دېگەنلىكى رىۋايەت
قىلىنغان.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى پەقەت بولارغىنا ئەمەسىدى بەلكى ئۇ
بەزىدە ھەر كۈنى روزا تۇتاتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئاينىڭ بەزىسىدە روزا تۇتمايتتى ھەتتا بىز بۇ ئايدا پەقەت
روزا تۇتمىسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، يەنە بەزىسىدە روزا تۇتاتتى
ھەتتا بىز بۇ ئايدا پەقەت ئېغىز ئوچۇق يۈرمىسە كېرەك، دەپ ئويلاپ قالاتتۇق،
سىز ئۇنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ياكى ئوخلاۋاتقان ھالىتىنى كۆرمەكچى
بولسىڭىز ھەر ئىككى ھالىتىنى كۆرەلەيتىڭىز، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم
رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياز كۈنلىرى ھاۋانىڭ قىززىقىدا روزا تۇتۇپ، ساۋاپ
ئېلىش پۇرسىتىنى قولىدىن بەرمەيتتى، بۇنىڭ بىلەن رەببىگە يېقىنلىشىشنى ۋە
ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزدەيتتى. ساھىبى ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلغانىدۇق، ئىسسىقنىڭ
يامانلىقىدىن بەزىلىرىمىز قولىنى بېشىغا قويۇۋالاتتى، بۇ كۈنى ئارىمىزدا
پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ روزا تۇتقانىدى، دېگەن. (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىنىڭ نىداسىغا ئىجابەت قىلغانغا قەدەر
ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن بۇشىشىپ قالمىغانىدى، ئۇ رەببىگە ئىبادەت قىلىشتا
رەببىنىڭ: «سەن ئۆزەڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر
پەرۋەردىگارىڭغ ئىبادەت قىلغىن»، (سۈرە ھىجرى 99- ئايەت)، دېگەن سۆزىگە
ۋەكىللىك قىلغانىدى. ئەگەر ئۇ يالغان پەيغەمبەر بولغان بولسا پۇتلىرى
قاپىرىپ كەتكۈدەك كېچىسى ئوغلىماي ئىبادەت قىلىش، ھاۋانىڭ قىززىقىدا روزا
تۇتۇش مۇشەققەتلىرىدىن ئۆزىنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى راھەتلەندۈرگەن بولاتتى.
لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ راستچىل، ھەق پەيغەمبىرى ئىدى. رەببى ئۇنىڭغا: «(ئى
مۇھەممەد!) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن.
پەرۋەردىگارىڭغ يۈزلەنگىن»، دەپ ئەمرى قىلىۋاتسا، ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنى
راھەتلەندۇرسۇن!.