رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

خورما شېخىنىڭ يىغلىغانلىق مۆجىزىسى

سىز تارىختا جانسىز نەرسىلەرنىڭ يىغلىغانلىقىنى
ئاڭلىغانمىدىڭى؟
چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ
پەيغەمبەرلىرىنڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇلارغا ئاجايىپ پارلاق مۆجىزىلەرنى
ئاتا قىلغان. خورما شېخىنىڭ يىغلىغانلىق مۆجىزىسى بولسا، ئاللاھ تائالا
پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان پارلاق مۆجىزىلەرنىڭ
بىرىدۇر. دەرەخلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە
گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى، يەرنى يېرىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا
بويسۇنغانلىقى، ساھابە كىراملارنىڭ خورما شېخىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن
ئايرىلىپ قالغانلىقىغا قايغۇرۇپ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى قاتارلىقلار پەقەت
ئاللاھنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن راستچىل بىر پەيغەمبەرنىڭ پارلاق مۆجىزىلىرىدىن
سانىلىدۇ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەسجىد خورما شاخلىرى
بىلەن يېپىلغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئوقۇغاندىمۇ (مۇنبەرنىڭ ئورنىدا
قويۇلغان) خورما شېخىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇياتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
مۇنبەر ياساپ بېرىلگەندىن كېيىن، مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇشقا باشلىغاندا
بىز ھېلىقى خورما شېخىنىڭ بۇتلاقنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىغانلىقىنى
ئاڭلىغانىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇبارەك قولىنى ئۇنىڭ
ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن، ئۇ يىغلاشتىن توختىغانىدى. [بۇخارى
رىۋايىتى].

ئۆلىمالار: خورما شېخىنىڭ يىغلىغانلىق مۆجىزىسى نۇرغۇن
ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان پارلاق مۆجىزىدۇر، دېگەن.

بۇ مۆجىزە،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جامادات (جانسىز نەرسىلەر) دىن ھاسىل بولغان
مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىز ئۇنى پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئالەمگە رەھمەت قىلىنىپ
ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر، ئۇ زات بارلىق شەيئىلەرگە رەھمەتتۇر، دېگەن مەنتىق بىلەن
چۈشىنىشىمىز لازىم. يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ساردارى مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە چىققاندا خورما
شېخى يىغلاشقا باشلىغان - ئۇ قانداقمۇ يىغلىماي تۇرالىسۇن؟ّ! - پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنبەردىن چۈشۈپ، مۇبارەك قولى بىلەن خورما شېخىنى سىلىغاندا ئۇنىڭغا
رەھمەت يىتىپ، ئۇ يىغىسىدىن توختىغان.

مانا مۇشۇنداق جانسىز نەرسىلەر
ئۈچۈنمۇ ھېس - تۇيغۇلارنىڭ بارلىقىنى، گەرچە بىز يىغىسىنى ئاڭلىيالمىساقمۇ ئۇلارنىڭ
يىغلايدىغانلىقنى تۇنۇپ يېتىمىز. بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس!

ھەسەن
بەسرىي رەھمەتۇللاھى بۇ ھەدىسنى سۆزلىگەندە: ئى مۇسۇلمانلار جامائىتى! بىر جانسىز
ياغاچ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇچرىشىش ئىشتىياقىدا يىغلىغان يەردە، ئەلۋەتتە
سىلەر ئۇ زاتقا ئۇچرىشىش ئىشتىياقىدا يىغلاشقا بەكراق ھەقلىق، دەپ يىغلاپ كېتەتتى.
[بىدايە ۋە نىھايە].

خورما شېخىنىڭ يىغلىغانلىقىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز
قولاقلىرى بىلەن ئاڭلىغانلىق مۆجىزىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر
ئىكەنلىكىگە ئۇچۇق دەلىل بولىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ئۈچۈن
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلغان مۇجىزىدۇر.

شەكسىزكى،
خورما شېخى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇغانلىقىنى
بىلەتتى. بۇ ئۇنىڭ خاتىرجەملىكىنىڭ ۋە خۇرسەنلىكىنىڭ مەنبەسى ئىدى. شۇڭا ئۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئىشتىياقىدا ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا قايغۇرۇپ
يىغلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.