رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسىنىڭ جەريانى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئەزىيەت ۋە تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر
ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ مۆجىزە بولغان ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسىنى
ئاتا قىلدى. بۇ مۆجىزە پەقەت ئۇنى قوللاش، ئۇلۇغلاش ۋە شەرەپلەندۈرۈش ئۈچۈن
بېرىلگەنىدى.
ئىنسانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىنى ئىنكار
قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئاللا تائالا بۇ مۆجىزە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇنى
پەيغەمبەرلىككە تاللاپ، شەرەپلەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنىڭ بەزى
دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزىگە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان بولسا
كېرەك.  ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسى پەيغەمبەرلەر تارىخىدا تەڭدىشى بولمىغان
بىر مۆجىزە سۈپىتىدە دۇنيا كەلدى
بىز پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا ھەزرىتى
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ دوستى دەپ ئاتالغانلىقىنى، ھەزرىتى مۇسا
ئەلەيھىسسالامنڭ ئاللاھ بىلەن ۋاسىتىسىز سۆزلەشكەنلىكىنى، ھەزرىتى ئىسا
ئەلەيھىسسالامغ مۇقەددەس روھ بىلەن ياردەم بېرىلگەنلىكىنى
ئاڭلىغانىدۇق.

ئەمدى بىز تۈنجى قېتىم ئاللاھ تائالانىڭ بىر پەيغەمبەرنى
ئۆزىگە چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز.
ئىسرا ۋە مىراج كېچىسى، مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام خىلۋەت بىر ۋاقىتتا يۈزى سۇلغۇن، كۆزى ياشقا تولغان ھالدا ئاللاھقا
دۇئا قىلغاچ ئۆزى يالغۇز كەبىنى تاۋاپ قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، كاپىرلار ئۇنىڭ تاۋاپ
ۋە دۇئا قىلىشىغا ناھايىتى قارشى ئىدى.
ئۇلۇغ ئاللاھ غەم - قايغۇ، دەت -
ئەلەم ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە تاۋلىنىۋاتقان پەيغەمبىرى مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغ ئىلتىپات قىلىپ، ھەزرىتى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى مەسجىدى
ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بېرىشنى، ئاندىن رەببىنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى
كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىشنى بۇيرىدى.

جىبرىئىل
ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن،
ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغانلىقىنى يەتكۈزدى.

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ چىقىشىغا مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام كۆز ئالدىدا قۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇراقنى كۆردى.
ئۇ
چاقماقتىن يارىتىلغان مەخلۇق بولۇپ، بۈركۈتنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى. يارىتىلغان
شەيئىلەرنىڭ ئىچىدە سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغىنىنىڭ يۇرۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە
مەلۇم. يۇرۇقلۇق تېزلىكىدە ماڭغان ھەر قانداق نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ، بىر ئىلمىي ھەقىقەت.

قۇرئان كەرىم سەپەردە قوللىنىلغان قاتناش
ۋاسىتىسىنى تەسۋىرلىمەستىن بىۋاستە بۇ سەپەرنىڭ سەۋەبىگە ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەپەردە بۇراققا مىنگەنلىكى رىۋايەت
قىلىنىدۇ. بۇراق ھەر بىر قەدىمىنى كۆزى يەتكەن يەرگە قۇيىدىغان ھايۋان ئىدى. بۇ،
ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە تېز ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر.
بۇراق پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام تەرەپكە ئېگىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام
بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا مىندى.
بۇراق مەككە تۆپىلىكلىرى ۋە چۆلدىكى قۇم
بارخانلىرىدىن خۇددى نۇردەك تېز ئۆتۈپ، شىمال تەرەپكە يۈزلەندى.
جىبرىئىل
ئەلەيھىسسالام سىنا تېغىنى كۆرسەتتى، بۇراق توختىدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: - بۇ
مۇبارەك يەردە ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلەشكەن، -
دېدى.

بۇراق يولىغا قايتىدىن داۋام قىلدى ۋە بەيتۇلمۇقەددەسكە بېرىپ
توختىدى. ئۇلار بۇراقتىن چۈشۈپ بەيتۇلمۇقەددەسكە كىردى. ئۇلار مەسجىدتە ئاللاھ
تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

پەرىشتىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىرىگە سۈت، يەنە بىرىگە شاراپ
تولدۇرۇلغان ئىككى جام كەلتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈت تولدۇرۇلغان جامنى
قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئىچتى. ئۇنىڭغا: - پىترەت يەنى تەبىئىى بولغان نەرسىنى
تاللىدىڭىز، ئۇممىتىڭىزمۇ شۇنى تاللايدۇ، - دېيىلدى.
پەيغەمبەرلەر مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنڭ ئەتراپىغا توپلاندى، نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالغانىدى.
پەيغەمبەرلەر ئىچىدە: بىزگە كىم ئىمام بۇلار؟ دەپ بىر – بىرىگە قارىشىۋاتقان پەيتتە
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: - ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە
سىزنىڭ ئىمام بولۇپ بېرىشىڭىزنى بۇيرىدى، - دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئىمام بولدى ۋە نامازدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى
ئوقۇۋېتىپ يىغلىدى، بۇ ئىخلاسمەنلىك باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ يىغلاتتى.

ناماز ئاخىرلاشتى، پەيغەمبەرلەر كۆزدىن غايىب بولۇشتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ
ماكانلىرىغا قايتىشقانىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام
بىلەن مەسجدتىن چىقىپ، بۇراققا مىندى. بۇراق چاقماق تېزلىكىدە يۇقىرىغا قاراپ
ئۆرلىدى ۋە ئەڭ چوققىغا ئۇلاشتى، بىرىنچى قات ئاسمانغا كەلگەندە، ئۇلار ھەزرىتى
ئادەمنى كۆردى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى: بەندەم تېخىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلىسۇن! دەپ
ئەمر قىلدى. ئۇلار يۇقىرىغا ئۆرلىدى. ئىككىنچى ئاسماندا ھەزرىتى يەھيا بىلەن
ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالاملارنى كۆردى.
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يەنە:
بەندەم تېخىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلىسۇن! دەپ ئەمر قىلدى. ئۇلار تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ،
ئاسمانلاردىن بىر – بىرلەپ ئۆتتى. ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى
ئاسمانلاردىن ئۆتتى. ئۇلار يەنە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىدى ۋە ئاخىرى
سىدرەتۇلمۇنتاھغا يېتىپ باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە جەننەتۇلمائۋانى
ۋە يەنە بىز بىلمەيدىغان ھەم چۈشەنمەيدىغان ۋە تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان نۇرغۇن
نەرسىلەرنى كۆردى.

{(ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ
نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى)}
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يەنە: بەندەم
تېخىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلىسۇن! دەپ ئەمر قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ يۇقىرى
ئۆرلىدى، ئارقىسىغا قارىۋىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز جايىدا ئاللاھقا
تەسبىھ ئېيتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئەمدى يەر يۈزىگە چۈشكەن
ۋاقىتتىكى شەكىلدە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەسلىدىكى پەرىشتلىك شەكلىگە قايتقانىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا دىققەت بىلەن قارىدى، بۇ
ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتمەكچى بولغان ئەڭ چوڭ ئايىتى ئىدى.

{(پەيغەمبەر)
نىڭ كۆزى (ئوڭ - سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى}

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ چىقتى. ئاخىرى ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارىنى ھۇزۇرىغا كېلىپ تۇردى.
{شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ
(قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى} .
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام رەببىگە: - ئەتتەھىيياتۇلمۇبارەكەتۇ ۋەسسالاتۇ تەييىباتۇ لىللاھى، -
دەپ سالام بەردى.
ئاللاھ تائالا: - ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە
رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، - دېدى.
پەرىشتىلەرمۇ: - ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە
ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىين، - دەپ تەسبىھ ئېيتىشتى.
بۇ جۈملىلەر مۇسۇلمانلار
ھەر كۈنى نامازلىرىدا تەكرار ئوقۇيدىغان "ئەتتەھىييات" دۇئاسىنىڭ بېشى ئىدى. بۇ
قېتىمقى ئۇچرىشىشتا مۇسۇلمانلارغا كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش پەرز
قىلىندى.

ئاللاھ تائالا دەسلەپتە ئەللىك ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەسكە چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن
ئۇچراشتى. ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن قانچە ۋاقىت ناماز پەرز
قىلىنغانلىقىنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەللىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام: - ئۇممىتىڭنىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ، قايتىپ بېرىپ،
رەببىڭدىن يىنىكلىتىپ بېرىشنى سورىغىن! - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
پەرۋەردىگارىنى يېنىغا قايتتى. ئاللاھ تائالا ئون ۋاقىتنى ئازايتتى. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتتى، ئۇ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن يەنە ئاگاھلاندۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ يېنىغا
يەنە قايتا چىقتى. شۇنداق قىلىپ، مەسىلە ئەللىك ۋاقىت ناماز قىسقارتىلىپ بەش
ۋاقىتقا ئۆزگەرگەندە ئاندىن ئاخىرلاشتى. ئەمما بۇ بەش ۋاقىت نامازغا ئەللىك ۋاقىت
نامازنىڭ ساۋابى بېرىلەتتى.
بۇ ئۇچرىشىش كۈچ - قۇدرەت، ھەيۋەت ۋە مەرھەمەتنى
ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جەرياندا تىل بىلەن
ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنساننىڭ چۈشەنچە ۋە ئىدراكىدىن ئۈستۈن بولغان
نەرسىلەرنى كۆرگەن ئىدى.

قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرگەن
نەرسىلەر تەپىسلىي تىلغا ئېلىنمىغان. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالا بىلەن
پەيغەمبىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس مۆجىزە،
شۇنداقلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىنى ئۇلۇغلايدىغان نەرسىلەر بولۇپ،
قۇرئان كەرىم بۇنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇنى سىر ھالىتىدە قالدۇرغان.

شۇڭا بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ جەرياندا يەنە نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى
بىلمەيمىز. بىز پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتائەت ۋە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن
ئاللاھقا سەجدە قىلغانلىقىنى، سۈيۈنۈچتىن كۆز يېشى تۆككەنلىكىنى، قەلبىدىكى ئازاب -
ئوقۇبەتلەرنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىنى ۋە خۇشاللىقىدىن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى
تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىنىڭ قۇدرىتىنىڭ
دەلىللىرىنى كۆرۈپ، مەدھىيە ۋە ئۇلۇغلاشلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇراقنىڭ يېنىغا
قايتىپ، ئۇنىڭغا مىندى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى زېمىنغا قايتۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن
بىرلىكتە يولغا چىقتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ،
تۆشىكىنىڭ تېخى سوۋۇمىغانلىقىنى كۆردى. بۇ سەپەرگە قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ؟ بۇنى
پەقەت بىر ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلەتتى! بىز پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرا ۋە
مىئراج ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنىلا بىلىمىز.
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام شۇنداق خۇشال، ئىچى مەمنۇنىيەتكە ۋە ئاللاھ يولىدا كۆرسىتىدىغان
پىداكارلىققا تولغان ھالدا قايتقانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم
ئەھمىدى.