رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش مۆجىزىسى

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنىڭ
دەلىل - ئىسپاتلىرى سۈپىتىدە پەيغەمبىرىنى ئۇممىتى ئىچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز
بېرىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئىشلار خەۋەر
بېرىلگىنىدەك روياپقا چىققانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
"سىلەرنىڭ بىرىڭلار كارىۋىتى ئۈستىدە ئولتۇرغاندا، مېنىڭ ھەدىسلىرىم يىتىپ كەلسە:
ئاللاھنىڭ كىتابى كۇپايە، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال تاپقانلىرىمىزنى ھالال، ھارام
تاپقانلىرىمىزن ھارام، دەپ بىلىمىز، دەيدىغانلىقى يەقىندۇر". [تىرمىزى
رىۋايىتى]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى ھەدىستە قۇرئان كەرىم
كۇپايە قىلىدۇ، دەپ داۋا قىلىپ، ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلىدىغان، ھەقىقەتتىن
ئازغۇچى ۋە ئازدۇرغۇچى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر
بەرگەن بولۇپ، مانا بۇ ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەندەك، ئۆزلىرىنى قۇرئانچىلار، دەپ
ئاتىۋالغان بىر تۈركۈم يالغانچىلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام يەنە: "بىرىڭلارنى كارىۋىتى ئۈستىدە يۆلىنىپ ئولتۇرغاندا، مېنىڭ
بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىم يىتىپ كەلسە: بىز بۇنى بىلمەيمىز، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى
قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز، دېگەنلىكىنى تاپمىغايمەن"، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد
رىۋايىتى].
ئۇستاز ئابادى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ئىش روياپقا
چىقىپ، مۆجىزە نامايان بولدى. ھىندىستاندىن ئۆزىنى قۇرئان ئەھلىگە نىسبەت بېرىدىغان
بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭ بىلەن قۇرئان ئەھلىنىڭ ئارىسى
ناھايىتىمۇ يىراق بەلكى ئۇ مۇرتەد، دىنسىزلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئۇ بۇرۇن
ياخشىلاردىن بولۇپ، كېيىن شەيتان ئازدۇردى، دېگەن. [ئەۋنۇل مەئبود شەرھى ئابۇ
داۋۇد].

ھەدىسكە ئىنكار قىلغۇچىلار ھەدىسكە تۈرلۈك شەك - شۈبھىلەرنى پەيدا
قىلىپ، ئۆزلىرى پەيدا قىلغان شەك - شۈبھىلەرنى ھەدىسنى تەرك ئىتىشنىڭ ۋە ئۇنى
ئىسلام قانۇنچىلىقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىماسلىقنىڭ كەسكىن دەلىلى، دەپ داۋا قىلىشتى.
ئۇلارنىڭ غايە - نىشانى ئىسلام ئۇممىتىنى پارچىلاپ ئىسلامنى يوقىتىشتۇر. ئۇلار
پائالىيەتلىرىنڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قۇرئانغا نىسبەت بېرىپ،
"ئەھلى قۇرئان" ۋە "قۇرئانچىلار" دېگەن پەردىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنىۋېلىشقا
ئورۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ،
باتىل شەك - شۈبھىلىرىگە ۋاقتىدا رەددىيە بېرىپ كەلدى.
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئاگاھ بولۇڭلاركى، ماڭا قۇرئان كەرىم بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئوخشىشى
ئاتا قىلىندى"، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ
ھەدىسلەر ئارقىلىق ھەدىس شەرىپنىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھيسى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى
مەنبەسى ھېسابلىنىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر قائىدىنى ئۆگەتكەن ۋە ئۇممەت ئىچىدە
قۇرئان كەرىملا كۇپايە، دەپ داۋا قىلىپ، ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلىدىغان، دىنىي
ئىلىملەردىن خەۋەرسىز بىر تۈركۈم نادان مۇتەكەببىرلارنىڭ ئوتتۇرىغا
چىقىدىغانلىقىدن ئالدىن خەۋەر بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن
ئاگاھلاندۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.