رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m003.jpg

1.ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۇپۇنچە « لا ۋە مۇقەللىبەلقۇلۇبى» يەنى قەلىبلەرنى خالىغانچە چۆرۈپ، يۆتكەپ تۇرغۇچى زات، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى دەپ قەسەم قىلاتتى، (مۇھەممەدنىڭ جېنى قول ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم دەپمۇ قەسەم قىلاتتى). ئەھمەد، بۇخارى، تىرمىزى، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.

2.ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن، ئاللاھتائالا سىلەرنى داداڭلار بىلەن قەسەم قىلىشىڭلاردىن چەكلەپ توسىدۇ، كىم قەسەم قىلماقچى بولسا، ئاللاھ بىلەنلا بىللاھى دىيىش بىلەن قەسەم قىلسۇن، ئۇنداق بولمايدىكەن، جىم تۇرسۇن، مالىك. ئەھمەد، بەيھەقى،بۇخارى،مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ.

3.سابىت ئىبنى زەھھاك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم ئىسلام مىللىتىدىن باشقا مىللەت بىلەن يالغاندىن قەسەم قىلسا، ئىسلامدىن باشقا دىننىڭ قەسىمى بىلەن چاخچاق قىلىپ، يالغاندىن شۇنداق قەسەم قىلسا، ئۇ ئۆزى دىگەندەك بولۇپ كېتىدۇ، (يەنى شۇ مىللەتكە ئۆتۈپ كېتىدۇ،) ئادەم بالىسىنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىگە بولالمايدىغان نەرسىدە ۋەدە نەزىرىسى يوق. كىم بۇدۇنيادا ئۆزىنى بىرەر نەرسە بىلەن ئۆلتۈرۈۋالسا، ئۇ قىيامەت كۈنى شۇ نەرسىسى بىلەن ئازابلىنىدۇ. مۆئمىنگە لەنەت قىلىش ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر، كىم مۆئمىنگە كۇپرىلىقنى بۆھتان قىلسا، كاپىر دېسە، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر. كىم مال-مۈلۈكىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يالغاندىن داۋا قىلسا، اللھ ئۇنىڭغا پەقەت ئاز قېلىشنىلا زىيادە قىلىدۇ. ئەھمەد، بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم، تۆت كىتاپ توپلىغان، سەھىھ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى داۋا قىلسا، ئۇ بىزنىڭ جۇملىمىزدىن ئەمەس، ئۇ ئۆز ئورنىنى دوۋزاخدىن ئېلىۋالسۇن. ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.

4.ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن مەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، بىرەر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، ئاندىن ئۇ ئىشدىن باشقىسىنى ياخشىراق دەپ قارىسام، يەنى قىلىشنى ياخشى دەپ قارىسام، قەسىمىم توغرىسىدا كاپارەت بېرىۋېتىپ، شۇ ياخشى ئىشنى قىلىۋېرىمەن. (قىلماسلىققا قەسەم قىلغان ياخشى ئىشنى قىلىۋېرىپ، قەسەمگە كاپارەت بېرىمەن) بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە توپلىغان،سەھىھ،بىر ئىشنى قىلىشقا قەسەم قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئىشنى قىلماسلىق ياخشى بولسا، قىلىش گۇناھ بولسا، كاپارەت بېرىۋېتىپ، ئۇنى قىلماسلىق لازىم.

مىشكاتۇل مەسابىھنىڭ ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسى