رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m012.jpg

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئالدىن بىشارەت بېرىپ، كېيىن ئۇ زات خەۋەر بەرگەندەك
روياپقا چىققان بىشارەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئۇ زاتنىڭ يەمەن، شام، ئىراق
قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەتھى قىلىنىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ
دۆلەتلەردە يەرلىشىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن بىشارىتىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "يەمەن پەتھى قىلىنىدۇ، يەمەندە
يەرلىشىپ قېلىشنى ياخشى دەپ سانىغان جامائەتلەر كېلىپ، ئەھلىنى ۋە ئۇلارغا
ئەگەشكەنلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار بىلسە ئىدى مەدىنە ئۇلار
ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى. شام پەتھى قىلىنىدۇ، شامدا يەرلىشىپ قېلىشنى
ياخشى دەپ سانىغان جامائەتلەر كېلىپ، ئەھلىنى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنى
ئېلىپ كېتىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار بىلسە ئىدى مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە
ياخشى ئىدى. ئىراق پەتھى قىلىنىدۇ، ئىراقتا يەرلىشىپ قېلىشنى ياخشى دەپ
سانىغان جامائەتلەر كېلىپ، ئەھلىنى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ.
ۋاھالەنكى، ئۇلار بىلسە ئىدى مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى".
(ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ئاللاھتائالاغا ھەمدۇ سانالار
بولسۇنكى، بۇ ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك روياپقا
چىقىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەكىتلەيدىغان مۆجىزىلەر قاتارىدىن ئورۇن
ئالدى" دەيدۇ.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ خەۋەرلەرنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى
تەكىتلەپ، ئىبنى ئابدۇلبىر ۋە باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ: "يەمەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۈنلىرىدە
پەتھى قىلىندى، يەمەن پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن شام پەتھى قىلىندى، شامنىڭ
پەتھىسىدىن كېيىن ئىراق پەتھى قىلىندى. بۇ ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
خەۋەر بەرگەندەك ۋە شۇ تەرتىپ بۇيىچە روياپقا چىقىپ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى
قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. پەتھى قىلىنغان شەھەرلەردىكى باياشات تۇرمۇشنى دەپ
نۇرغۇن كىشىلەر مەدىنە مۇنەۋۋەرىنى تاشلاپ بۇ شەھەرلەردە يەرلىشىپ قالدى,
ئەگەر ئۇلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە قېلىشقا سەۋرى قىلغان بولسا ئەلۋەتتە،
ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولغان بولاتتى" دەيدۇ.

  
ئەمما ئىراننىڭ پەتھى قىلىنىشى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھسىسالام ساھابە
كىراملىرىگە بىشارەت بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: "بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار
كىسرانىڭ ئاق سارايدىكى خەزىنىسىنى چوقۇم پەتھى قىلىدۇ". (ئىمام مۇسلىم
رىۋايىتى).

  
بۇ ۋەدە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ زامانىسىدا روياپقا چىقىدۇ. ساھابە
كىراملار ئۇنى پەتھى قىلغاندا زىرار ئىبنى خەتتاب كىسرانىڭ ئاق سارىيىنى
تۈنجى بولۇپ كۆرىدۇ، ساھابە كىراملار تەكبىر ئېيتىشىپ: "بۇ ئاللاھ ۋە
رەسۇلنىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ئىدى" دېيىشىدۇ.

  
شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسىر پەتھىسىدىن، مىسىرلىقلارنىڭ
ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن ۋە ئىسلامغا زور تۆھپىلەرنى
قوشدىغانلىقىدى خەۋەر بېرىپ ۋە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى
ھاجەر ئانىنىڭ ھۆرمىتىدىن مىسىرلىقلارغا ئېھسان قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق
دېگەنىدى: "شەكسىزكى، سىلەر مىسىرنى پەتھى قىلىسىلەر، ئۇنى پەتھى قىلغان
ۋاقتىڭلاردا مىسىرلىقلارغا ئېھسان قىلىڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۈچۈن قوغدىنىش
ۋە ئورۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار". ئىبنى ھەبباننىڭ رىۋايىتىدە
مۇنداق كەلگەن: "ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. چۈنكى، ئۇلار دۈشمەنگە قارشى
سىلەرگە كۈچ - قۇۋۋەتتۇر".

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قاراپ: "
ئىككىكىشىنىڭ بىر قىشنىڭ ئورنىنى تالىشىپ جېدەللەشكەنلىكىنىكۆرگىنىڭدە
مىسىردىن چىقىپ كەتكىن" دېگەنىدى.

  
بۇ ئىش ئۇنىڭ خەلىپىلىرىنىڭ زامانىسىدا روياپقا چىقىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇ زەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىسىرنى پەتھى قىلىپ، ئۇ يەردە يەرلىشىپ قالغانلارنىڭ
قاتارىدا بار ئىدى. ئۇ: "ئابدۇراھمان ئىبنى شۇرەھبىل بىلەن ئۇنىڭ
قېرىندىشىرەبىئنىڭ بىر قىشنىڭ ئورنىنى تالىشىپ جېدەللەشكەنلىكىنىكۆرۈپ
مىسىردىن چىقىپ كەتكەنىدىم"دېگەىدى. (مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھىئەلەيھى: "بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامدن كېيىنمۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ زالىملار ئۈستىدىن غەلىبە
قىلالىغۇدەك كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مىسىرنى پەتھى
قىلىدىغانلقى، ئىككى كىشىنىڭ بىر قىشنىڭ ئورنىنى تالىشىپ جىدەللىشىدىغانلقى
قاتارلىقلاردىن ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىشلار ھەدىستە خەۋەر
بېرىلگەندەك روياپقا چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوچۇق مۆجىزىلىرى
قاتارىدىن ئورۇن ئالدى" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھەرلەرنى پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ساھابە
كىراملار، تابىئىنلار ۋە تابىئىنلاردىن كېيىنكىلەر بولۇپ، ئۈچ
ئەۋلادقىچىلىك توختىماي داۋاملىشىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەنىدى.
سەھىھۇلبۇخارى ۋە سەھىھۇلمۇسلىمدىن ئىبارەت ئىككى سەھىھ كىتابدا ھەزرىتى
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "زامانلارنىڭ بىرىدە بىر تۈركۈم
كىشىلەر غازاتقا ئاتلىنىدۇ، ئۇلارغا: ئاراڭلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دېيىلىدۇ. ئۇلار: بار، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ - دە ئۇلارغا
شەھەر پەتھى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر غازاتقا
ئاتلىنىدۇ، ئۇلارغا: ئاراڭلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى
كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دېيىلىدۇ. ئۇلار: بار، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ - دە ئۇلارغىمۇ
شەھەر پەتھى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر غازاتقا
ئاتلىنىدۇ، ئۇلارغا: ئاراڭلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى
كۆرگەنلەرنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دېيىلىدۇ. ئۇلار: بار، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ - دە
ئۇلارغىمۇ شەھەر پەتھى قىلىنىدۇ". (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ھەدىستە  پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ مۆجىزىلىرى، ساھابە كىراملارنىڭ، تابىئىنلارنىڭ ۋە
تابىئىنلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ پەزىلەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشارەتلىرى ئىراق، شام، مىسىر قاتارلىق
ئەللەرنىڭ پەتھى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ
قالماستىن بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى رىم ئېمپۇراتۇرلىقىنىڭ پايتەختى
قۇستۇنتۇنىيىدى ئىبارەت سېپىللىرى مۇستەھكەم، ئېرىشىش قېيىن بولغان بىر
شەھەرنىڭمۇ پەتھى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىشارەتكە ئوخشاش نۇرغۇن
بىشارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
"چوقۇمكى، قۇستۇنتۇنىيە پەتھى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەمىرى نېمىدېگەن ياخشى
ئەمىر ۋە ئۇ قوشۇن نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن!". بۇ ھەدىسنىڭ راۋىسى ئابدۇللاھ
ئىبنى بەشىر ئەلخەسئەمى مۇنداق دەيدۇ: "مەسلىمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك مېنى
چاقىرتىپ، مەندىن قۇستۇنتۇنىيە ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشىمنى
تەلەپ قىلغانىدى، مەن ئۇنىڭغا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ
قۇستۇنتۇنىيىنى پەتھى قىلىش غازىتىگە ئاتلانغانىدى". (ئىمام ئەھمەد
رىۋايىتى). 

  
مەسلىمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك بۇ بىشارەتنىڭ چوقۇم روياپقا
چىقىدىغانلىقىنجەزملەشتۈرۈپ، قۇستۇنتۇنىيىنى پەتھى قىلىش شەرىپىگە نائىل
بولۇش نىيىتى بىلەن غازاتقا ئاتلانغانىدى لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنى
ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ پەرزنتلىرىدىن مۇھەممەد پاتىھ رەھمەتۇللاھى
ئەلەيھى ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدى.

  
ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، بۇ بىشارەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇسۇلمانلارغا زېمىن
تارلىق قىلىۋاتقان، ۋەقەلىكلەر مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا ئىشارەت قىلىۋاتقان
بىر پەيتتە بېرىلگەن بېشارەتلەر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا ۋە
مۇسىبەتلەرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ چۈشىدەكۆرۈلۈشىمۇ
مۇمكىن بولمايدىغان ئاجايىپ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ئالدىن
بېشارەتلەرنى بەرگەنىدى.

  
مەككە مۇشرىكلىرى ساھابىلارنى مەككە سايلىقىدا ئوت ۋە تۆمۈرلەر بىلەن
قاتتىق قىينىغان بولۇپ، پەيغەمبەرلەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا
كەلگەندە ئازاپلانغانلاردىن خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىزگە
نۇسرەت تىلەپ، ئاللاھ تائالغا دۇئا قىلغان بولسىلا، دەيدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "بۇرۇن ئۆتكەنلەردىن بىر كىشىگە ئازگال كولۇنۇپ، ئۇنى
ئازگالغا قويۇلۇپ، ئاندىن ھەرە بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى ئىككى پارچە قىلىپ
تىلىنغان، بۇ  ئۇ نى دىنىدىن قايتۇرالمىغان، تۆمۈر تاغاقلار بىلەن
گۆشلىرىنىڭ ئاستىدىكى پەي، سۆڭەكلىرى تارالغان، بۇ ئىشمۇ ئۇنى دىنىدىن
قايتۇرالمىغان"، دەيدۇ.

  
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا
بىشارەت بېرىپ: "ئاللاھ تائالا بۇ دىننى چوقۇم كامالەتكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ،
ھەتتا بىر ئادەم سەنئا دېگەن جايدىن ئاللاھدىن باشقا ياكى قويىنى بۆرە يەپ
كېتىشتىن باشقا ھىچ نەرسىدىن قورقمىغان ھالدا ھەزرەمۆۋت دېگەن يەرگىچىلىك
سەپەر قىلالايدۇ لېكىن سىلەر ئالدىراپ قېلىۋاتىسىلەر" دەيدۇ. (بۇخارى
رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ساھابىلىرىنىڭ قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ
ئەزابىدىن قورقۇپ دىنىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر
ۋاقىتتا بۇ دىننىڭ كامالەتكە يېتىدىغانلىقىدىن، ساھابىلىرىنىڭ بىخەتەرلىككە
ئېرىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

  
مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە مۇسۇلمانلار بىر مەزگىل قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. بۇ
ھەقتە ئۇبەييى ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى، ئۇ
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەلگەندە، ئەنسارلار
ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، جاي بەرگەن، ئەرەبلەر بىرلىشىپ ئۇلارغا ئوق ئېتىپ
ئۇلارنى يوقىتىۋېتىشكە ئورۇنغانلىقتىن، ئۇلار قورقۇنچ ئىچىدە  كېچە -
كۈندۇز قۇراللىق تورۇشقا مەجبۇر بولغان، دەيدۇ.

  
مۇسۇلمانلار: ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان ھالدا خاتىرجەم بىر
كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان زاماننىمۇ كۆرەرمىزمۇ؟ دېيىشكەندە، ئاللاھ تائالا بۇ
ئايەتنى نازىل قىلىدۇ: «ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى
ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران
قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان
دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا
ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى». (نۇر سۈرىسى 55- ئايەت).

  
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ۋەدىسى بويىچە، ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلدى،
ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى مۇستەھكەم قىلىپ بەردى ۋە ئۇلارنىڭ
قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بەردى.

  
ئىمام قۇرتۇبى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ئاللاھ تائالا مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى ئەزىز، دۈشمەنلىرىنى خار قىلدى،
ئۇلارنى مۇتەكەببىر دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىگە، دىيارىلىرىگە، مال -
مۈلۈكلىرىگە ئىگە قىلدى، مۇسۇلمانلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلدى. «(بۇ)
ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ »"، دەيدۇ. (زومەر
سۈرىسى 20- ئايەت).

  
ساھابىلار قېيىن ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئورۇنلاردىن يەنە بىر ئورۇندا
ئەدى ئىبنى ھاتەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ تۇرىشىغا بىر
ئادەم يوقسۇزلۇقتىن شىكايەت قىلىپ كېلىدۇ، بىرئازدىن كېيىن يەنە بىر ئادەم
سەپىرىنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ كېلىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەدى ئىبنى ھاتەمگە قاراپ: "خەلقنىڭ ھۇزۇرۇمغا
ھاجەتلىرىنى شىكايەت قىلىپ كەلگەنلىنى كۆرگەنلىكىڭ سېنى ئىسلامدىن چەكلەپ
قويغان بولىشى مۇمكىن" دەيدۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئەدى ئىبنى ھاتەمنى ھەيران
قالدۇرىدىغان بىرسوئالنى سوراپ: "سىز ھىيرە دېگەن جاينى كۆرگەنمۇ؟ دەيدۇ.
ئەدى: ئۇ ھەقتە ئاڭلىغان لېكىن كۆرمىگەن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئەگەر ئۆمرىڭىز ئوزۇن بولسا، بىر ئايالنىڭ ھيرە دېگەن
جايدىن مېڭىپ، ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان ھالدا كەبىنى تاۋاپ
قىلغانلىقىنى كۆرىسىز!" دەيدۇ.

   بۇنىڭدىن شەكلىنىۋاتقان ئەدى ئىبنى ھاتەم ئىچىدە: شەھەرلەرگە ئوت قويغان ئوغرىلار ئۇ ۋاقىتتا نەگە كېتىدۇ، دەيدۇ.
  
ئەدى ئىبنى ھاتەم ھوشىنى يىققىچىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىنمۇ
چوڭ ۋە رېئاللىقتىن تېخىمۇ يىراق بىر ئشتىن خەۋەر بېرىپ: "ئەگەر ئۆمرىڭىز
ئوزۇن بولسا، چوقۇمكى كىسرانىڭ خەزىنىلىرى پەتھى قىلىنىدۇ" دەيدۇ. قولىقىغا
ئىشەنمىگەن ئەدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: كىسرا ئىبنى ھورمۇزنىڭ
خەزىنىلىرىمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ھالى ئاجىز، ساھابىلىرى يوقسۇزلۇقتىن شىكايەت
قىلىۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن تولۇق
ئىشەنچىگە تولغان تىلى بىلەن: "ھەئە، كىسرا ئىبنى ھورمۇزنىڭ خەزىنىلىرى.
ئەگەر ئۆمرىڭىز ئوزۇن بولسا، ئالقىنى توشقۇدەك ئالتۇن ياكى كۆمۈشنى
چىقىرىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىنى ئىزدەپ، قوبۇل قىلىدىغان بىرەر ئادەم
تاپالمايدىغان كىشىنى كۆرىسىز" دەيدۇ.

  
مانا بۇ ئۈچ خەۋەر شۇنداق زامان ۋە شۇنداق بىر شارائىتتا ئۇنىڭ يۈز
بېرىشىگە مۆمىننىڭ باشقىسىنىڭ تەستىق قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان خەۋەرلەر
ئىدى. لېكىن ئۇ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى ۋە يالغان چىقمايدىغان ۋەھيى
خەۋەرلىرى ئىدى.

  
ئەدى ئىبنى ھاتەم: مەن ئايال كىشىنىڭ ھيرە دېگەن جايدىن مېڭىپ، ئاللاھدىن
باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان ھالدا كەبىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى كۆردۈم ۋە
كىسرانىڭ خەزىنىلىرىنى پەتھى قىلغانلارنىڭ قاتارىدا بولدۇم، ئەگەر
ئۆمرۈڭلار ئوزۇن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن، ئالقىنى
توشقۇدەك ئالتۇن ياكى كۆمۈشنى چىقىرىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر ئادەم
تاپالمايدىغان كىشىنى كۆرىسىلەر، دەيدۇ. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

   ئەدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راست ئېيتىدۇ، ھەقىقەتەن ئۈچىنچى ئىش خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ زامانىدا روياپقا چىقىدۇ.
  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "يولۇچى يولدىن ئېزىپ قېلىشتىن
باشقا ھېچنەرسىدىن قورقمىغان ھالدا ئىراق بىلەن مەككە ئوتتۇرىسىدا سەپەر
قىلالىغۇدەك زامان كەلمىگىچىلىك قىيامەت قايىم بولمايدۇ". (ئىمام ئەھمەد
رىۋايىتى).

  
شەكسىزكى بۇ ۋەقەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك، روياپقا
چىقىپ، ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىگە ئايلانغان غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ
قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

  
دۈشمەنلەر توپى مۇسۇلمانلارنى يوقىتىۋېتىش نىيىتىدە مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا
توپلىشىۋاتقاند پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا خەندەق
كولاشقا بۇيرۇيدۇ، خەندەق كولاش ھەرىكىتى جەريانىدا يوغان بىر تاش ئۇچراپ،
ئۇلارنىڭ خەندەق كولاش ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولىدۇ، پەيغەمبەر تونىنى
غەندەقنىڭ بىر تەرىپىدە قويۇپ: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستۇر,
ناھايىتى توغرىدۇر, ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ
(بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر, (ئەھۋالىنى) بىلىپ
تۇرغۇچىدۇر». دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، چوتۇ بىلەن تاشنىڭ ئۈستىگە بىرنى
ئورغاندا تاشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئىككىنچى ئۇرۇشىدا، ئۈچتىن ئىككىسى، ئۈچىنچى
ئۇرۇشىدا بۇ يوغان تاش ئۇششاقپارچىلىنىپكېتىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرىكىتىگە بىر چەتتە قاراپ تۇرغان سالمان
پارىسى ئالدىغا چىقىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ھەر قېتىم تاشنى
ئورغانلىرىدا چاقماق چاققانلىقىنى كۆردۈم، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
"شۇنداقمۇ؟، دەيدۇ. سالمان: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇنى كۆردۇم، دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ھەقىقەتەن، تاشنى بىرىنچى قېتىم ئورغىنىمدا ماڭا
كىسرا شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن شەھەرلەر كۆتۈرۈلدى، مەن ئۇ
شەھەرلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم"،دەيدۇ.

  
ساھابىلەر: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلسىلا، ئۇ
شەھەرلەرنى بىزگە پەتھى قىلىپ بەرگەي، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا
قىلىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "تاشنى ئىككىنچى قېتىم ئورغىنىمدا ماڭا قەيسەر
شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن شەھەرلەر كۆتۈرۈلدى، مەن ئۇ
شەھەرلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم"،دەيدۇ.

  
ساھابىلەر: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلسىلا، ئۇ
شەھەرلەرنى بىزگە پەتھى قىلىپ بەرگەي، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا
قىلىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "تاشنى ئۈچىنچى قېتىم ئورغىنىمدا ماڭا ھەبەش
(ئېفىئوپىيە) شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن شەھەرلەر كۆتۈرۈلدى، مەن
ئۇ شەھەرلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم"،دەيدۇ.

 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامساھابىلەرگە ئۇ شەھەرلەرنىڭ پەتھىسى ئۈچۈن دۇئا
قىلىشىنى تەلەپ قىلىشپۇرسىتىبەرمەستىنلا: "ھەبەشلەر سىلەرنى تەرك ئەتكەن
مۇددەتكىچە، ئۇلارنى تەرك ئېتىڭلار، تۈركلەر سىلەرنى تەرك ئەتكەن
مۇددەتكىچە، ئۇلارنى تەرك ئېتىڭلار"، دەيدۇ. (نەسەئىي ۋە ئەبۇ داۋۇد
رىۋايىتى).

  
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ھەبەش ۋە تۈركلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ۋە
ئۇلار بىلەن بولغان ئورۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا بالا - قازا ئېلىپ
كېلىدىغانلىقىن بىلدۈرگەنىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارشى
ئورۇش قىلىشنى يامان كۆرۈپ، ئۇلاردىن يىراق تورۇش ھەققىدە ۋەسىيەت
قىلغانىدى.

  
ھەبەشلەر بولسا زامان ئاخىرىدا كەبىنى ئۆرۈيدىغانلاردۇر. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ھەبەشلەردىن ئىنچىكە پاچاقلىق بىر كىشى كەبىنى ئۆرۈيدۇ"
دېگەنىدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
تۈركلەر بولسا ھىجرىيە 658- يىلى باغدادقا بېسىپ كىرىپ، ئىككى مىليونغا
يېقىن مۇسۇلمانلارنى قىرىپ تاشلىغان تاتارلار شۇ تۈركلەرنىڭجۈملىسىدىن
ئىدى.

  
ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "شۇ يىللاردا خەلىپىنىڭ قوشۇنى بىلەن
تاتارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. مۇسۇلمانلار تاتارلارنىڭ
راسا ئەدىپىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپىنى بۆلۈۋەتكەن لېكىن ئۇلارنىڭ ھېلە -
مىكىرلىرىگە دەسسەپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:
"تۈركلەر سىلەرنى تەرك ئەتكەن مۇددەتكىچە، ئۇلارنى تەرك ئېتىڭلار" دېگەن
سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بارمىغان"، دەيدۇ.

  
دۈشمەنلەر توپى چېكىنىپ، ئەھزاب غازىتى ئاخىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ چاڭ
توزاڭلىرى تېخى بېسىقماستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلدۈرمىسە
بىلىش مۇمكىن بولمايدىغانيەنە بىر ئىشتىن خەۋەر بېرىپ: "ئەمدى بىز ئۇلارغا
قارشى غازاتقا ئۆتىمىز، ئۇلار بىزگە قارشىغازاتقا ئۆتەلمەيدۇ، بىز ئۇلار
ئۈستىدىن باستۇرۇپ بارىمىز" دەيدۇ.

  
بۇ ۋەقەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك روياپقا چىقىدۇ.
چۈنكى، ئەھزاب غازىتى قورەيشلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئېلىپ
بارغان غازاتلىرىنىڭ ئاخىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار
ئۇلارغا قارشى غازات قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن
مەككىنى پەتھى قىلىدۇ. مەدىنىگە توپلانغان نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنلارنىڭ
شۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن مەدىنىگە قايتا بارالمايدىغانلىقىنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرگەن زات كىم؟ شەكسىزكى ئۇ، ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالادۇر.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئەمدى بىز
ئۇلارغا قارشىغازاتقا ئۆتىمىز، ئۇلار بىزگە قارشىغازاتقا ئۆتەلمەيدۇ"
دېگەن سۆزى ئۈستىدە توختۇلۇپ: بۇنىڭدا پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىر
ئالامەت بار. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلەركى يىلى ئۆمرە قىلىش
ئۈچۈن مەككىگە يېقىنلاشقاندا، قۇرەيشلەر ئۇنى بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن
توسۇۋالغانلىقتن ئوتتۇرىدا سۈلھى تۈزۈلگەن لېكىن ئۇلار سۈلھىنى
بۇزۇۋەتكەن، سۈلھىنىڭ بۇزۇلۇشى مەككە - مۇكەررەمەنىڭ پەتھى قىلىنىشىغا
سەۋەپ بولغان بولۇپ، بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك،
روياپقا چىققان، دەيدۇ.