رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m013.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان غەيبىي
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ كېڭىيىپ، بارلىق دىنلەر
ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدۇر.
ۋاھالەنكى بۇ گومان ياكى تەخمىنگە تايانغىلى بولمايدىغان خەۋەرلەر ئىدى.  قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى ناھايىتى كۆپ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىكلار ئۇنىڭ (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ
ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئىسلام دىنىنى بارلىق
دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامن تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى». (تەۋبە سۈرىسى
33- ئايەت).

   ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىپ، پەيغەمبىرىنىڭ راستچىللىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنىڭ مۈلكى ۋە سەلتەنەتى ھەققىدە ئالدىن
خەۋەر بېرىپ: "ئاللاھ تائالا ماڭا زېمىننى قاتلاپ بەردى، مەن ئۇنىڭ مەشرىق -
مەغرىبلىرىنى كۆردۈم، شەكسىزكى، ئۇممىتىمنىڭ مۈلكى ماڭا قاتلاپ بېرىلگەن
زېمىنلەرگە يېتىدۇ، ماڭا قىزىل - ئاق ئىككى خەزىنە ئاتا قىلىندى" دېگەنىدى.
(ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانالار
بولسۇنكى، بۇ ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك روياپقا
چىقىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەكىتلەيدىغان مۆجىزىلەرگە ئايلاندى.. قىزىل -
ئاق ئىككى خەزىنىدىن ئىراق بىلەن شامنىڭ پادىشاھلىرى كىسرا بىلەن
قەيسەرنىڭ ئالتۇن - كۆمۈشلىرى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىستە بۇ ئۇممەتنىڭ
مۈلكى ۋە سەلتەنەتىنىڭ شەرق بىلەن غەرب تەرىپىگە كېڭىيىدىغانلىقىغا ئىشارەت
بار بولۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى، ئۇنىڭ جەنۇپ ۋە شىمال تەرىپىگە
كېڭىيىشى شەرق بىلەن غەرب تەرىپىگە قارىغاندا ئاز بولدى" دەيدۇ.

  
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ئىسلام دىنىنىڭ كېڭىيىپ، بارلىق دىنلەر
ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىران ۋە رىم قاتارلىق
بىر قانچە شەھەرلەرنى پەتھى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلدۈرگەنىدى.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بۇ ئىش (يەنى ئىسلام دىنى) كىچە - كۈندۇز
يەتكەن يەرلەرگىچىلىك يىتىپ بارىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ دىننى ئەزىزنىڭ
ئىززىتى، خارنىڭ خارلىقى بىلەن بىرمۇ ئۆي قالدۇرماستىن ھەممىگە كىرگۈزىدۇ،
ئاللاھ تائالا ئىززەت بىلەن ئىسلامنى ئەزىز، خارلىق بىلەن كۇپرىنى خار
قىلىدۇ" دېگەن.

  
تەمىم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭ ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى
تەكىتلەپ: "بۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئائىلە ئەزالىرىمدا كۆردۈم، ئۇلاردىن
مۇسۇلمان بولغانلار ياخشىلىق، شەرەپ ۋە ئىززەتكە نائىل بولدى، كاپىر
بولغانلارغا خار، زەبۇنلۇق ۋە جىزيە يۈزلەندى" دېگەنىدى. (ئىمام ئەھمەد
رىۋايىتى).

  
تۆۋەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىشارەت بېرىپ، ئۇنىڭ ھاياتىدا ياكى
ۋاپاتىدىن كېيىن روياپقا چىقىپ، پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرىگە ئايلانغان
بەزى غەيبىي بېشارەتلەر ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز:

  
مۇسۇلمانلار مەككە مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك زولۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقان
بىر ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى غازىتىنىڭ غەلىبىسى بىلەن
ئۇلارغا ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ. مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنىھەر خىل ئۇسۇللار
بىلەن قىيناپ، ئازابلاۋاتقان بىر شارائىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتلىرى نازىل بولىدۇ: «(ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار
(يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۇممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار
ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم
قىلىنىش بارمۇ؟. ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز»
دەمدۇ؟. (ئۇلارنىڭ) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ. ھەرگىز
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت
ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر،
تېخىمۇ جاپالىقتۇر». (قەمەر سۈرىسى 42-، 43-، 44-، 45-، 46 - ئايەتلەر).

  
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان
ۋاقىتتا مەن ئىچىمدە: مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قاراپ قاچىدىغان توپ قايسى
توپتۇر؟ دېگەنىدىم، بەدرى كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دوبۇلغا كىيىپ:
«(ئۇلارنىڭ) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ» دېگەن ئايەتنى
ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ئايەتنىڭ مەقسىدىنى ئاندىن بىلگەنىدىم"
دەيدۇ.

  
بەدرى غازىتىدا مۇشرىكلار توپىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قاراپ
قاچىدىغانلىقىدن خەۋەر بەرگەن بۇ ئايەت كەرىم ھىجرەتتىن بىر قانچە يىل
ئىلگىرى نازىل بولغانىدى.

  
بەدرى ئورۇشى باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان ئىلگىركى
ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلگەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام سايىۋەننىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ: "ئى ئاللاھ
سېنىڭ ئەھدەڭ ۋە ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن، ئى ئاللاھ بۈگۈن
بىزگە غەلىبە ئاتا قىلمىساڭ بۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەت قىلىنمايسەن" دەپ
ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى كۈنى پەرۋەردىگارىغا ئۇزۇن مۇناجات
قىلغاندىن كېيىن سايىۋەننىڭ ئىچىدىن: «(ئۇلارنىڭ) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ،
ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان
ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان
ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر». دېگەن
ئايەتنىئوقۇغان ھالدا چىقىدۇ.

  
بۇ ئايەت كەرىمدە خەۋەر بېرىلگەندەك، بۇ كۈنى مۇشرىكلار توپى مەغلۇپ
بولۇپ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ. ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ئاللاھ
تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە بەرگەن بۇ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدى ھەرەمگە كېلىپ، كەبە شېرىپنى تاۋاپ
قىلىپ، چۈش كۆرىدۇ، ئۇ چۈشىنى ساھابىلىرىگە خەۋەر قىلغاندا ئۇلار خۇشال
بولۇشۇپ، بۇ چۈش مۇشۇ يىل روياپقا چىقسا كېرەك دەپ ئويلاپ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسلام بىلەن بىرگە ئۆمرە قىلىشقا تەييارلىنىدۇ، ئۇلار ھۇدەيبىگە
كەلگەندە ئويلىمىغان يەردىن مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغانلىقتىن
بۇ يىل مەدىنىگە قايتىپ كېتىپ، كېلەر يىلى ئۆمرە قىلىش ھەققىدە سۈلھى
تۈزىلىدۇ.

  
ساھابىلار سۈلھى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرتلەردە خورلۇق ھېس قىلىدۇ، بەزىلىرى
بۇنى بوزەك قىلىنغانلىق دەپ قارايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
رەزىيەللاھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: "ئي ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرى بىز ھەقىقەت ئۈستىدە، ئۇلار باتىل ئۈستىدە ئەمەسمۇ؟" دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "توغرا" دەيدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
رەزىيەللاھۇ: "بىزدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جەننەتتە، ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر
دوزاختا بولىدىغۇ؟"دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "توغرا" دەپ جاۋاپ
بېرىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ: "ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن
دىنىمىزدا خورلىنىشقا رازى بولىمىز؟ ئاللاھ بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا
ھۆكۈم قىلمىغان تۇرسا ئارقىمىزغا قايتامدۇق؟ دەيدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئى خەتتابنىڭ ئوغلى، مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ
مېنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدۇ" دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا (پەتىھ سۈرىسىنى) نازىل قىلىدۇ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بۇ سۈرىنى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇغا
ئاخىرغىچىلىك ئوقۇپ بېرىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ: ئى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇ پەتھىمۇ؟ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ھەئە
بۇ پەتھىدۇر" دەيدۇ.

  
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «..ساڭا بىز
ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق». دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغانىدى.

  
پەتىھ سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتنىڭنازىل بولىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە
ساھابە كىراملارنىڭ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلالماي مەدىنىگە قايتقانلىقىغا
تەسەللى بولغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ماڭا بىر ئايەت نازىل بولدى.
ۋاھالەنكى بۇ ئايەت ماڭا دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكتۇر"
دېگەنىدى. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇسۇلمانلار ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدە
ئېرىشكەن بۈيۈك پەتھىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەتتە
بايان قىلىنغان پەتھىدىن ھۇدەيبىيە مەقسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، ھۇدەيبىيە
مەككە پەتھىسىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئورۇش توختۇتۇش، بىخەتەرلىكىگە
كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھۇدەيبىيە سۈلھىسىنىڭ بەزى ماددىلىرى مەدىنىگە
بېرىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن قورققۇچىلارغا بەزى شارائىتلارنى
يارىتىپ بەرگەنىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئەمرۇ ئىبنى ئاس ۋە باشقا بىر قانچە
كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش جەريانى بۇنىڭ ئوچۇق مىسالىدۇر.

  
ئىمام زوھرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ئىسلامدا ھۇدەيبىيە پەتھىسىدىن كاتتا
بىر پەتھى بولمىدى. ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن خەلق بىر ئاز خاتىرجەملىككە
ئېرىشىپ، ئىسلام دىنى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئاڭلاپ، بۇ دىننى بەس -
بەس بىلەن قوبۇل قىلىشقا باشلىغانىدى، بۇ ئىككى يىل ئىچىدە مۇسۇلمان
بولغانلارنىڭ سانى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ
سانىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنىدى" دەيدۇ.

  
ئىبنى ھىشام رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ھۇدەيبىيىگە بىر مىڭ تۆت يۈز كىشى بىلەن، ئىككى يىلدىن كېيىن مەككە
پەتھىسىگە ئون مىڭ كىشى بىلەن چىققانلىقى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتىدۇر" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە قايتماقچى بولۇپ، ساھابىلارنى
قۇربانلىقلىرىن بوغۇزلاپ، مەدىنىگە قايتىشقا بۇيرۇيدۇ. ۋاھالەنكى، ھەرەمگە
كېلىپ، كەبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىنى
ئەمەلگە ئاشۇرماستىن مەدىنىگە قايتىشقا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى قويمايۋاتاتتى.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ھوزۇرىغا كېلىپ: "سىلە بىزگە، ھەرەمگە كېلىپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ
قىلىدىغانلىقىمزنى سۆزلىمىگەنمىدىلە؟" دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
"ھەرەمگە مۇشۇ يىل كېلىمىز" دېدىممۇ ؟ دەيدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر: "ياق" دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "چوقۇمكى سىز ھەرەمگە كېلىپ، كەبىنى تاۋاپ
قىلىسىز" دەيدۇ. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنىڭ راست چۈش ئىكەنلىكىنى، ۋەھيىسىنىڭ
چوقۇم ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلىدۇ:
«ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقى راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى
مۇھەممەد! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان،
(بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا،
قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمغا كىرىسىلەر». (پەتىھ سۈرىسى 27- ئايەت). بۇ
ئىش كىلەركى يىلى روياپقا چىقىدۇ.

  
ئىمام قۇرتۇبى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇلار پەقەت ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بىلىدىغان ياكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلدۈرگەنلەر
بىلىدىغان غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ چۈملىسىدىن بولۇپ، ئاللاھتائالا بۇ
خەۋەرلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە
پەيغەمبىرىگە بىلدۈرگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ" دەيدۇ.

  
ئاللاھ تائالا ساھابە كىراملارنىڭ رىزۋان دەرىخىنىڭ سايىسى ئاستىدا
پەيغەمبىرىگە راستچىللىق، ۋاپادارلىق بىلەن بەيئەت قىلغانلىقىغا ئۇلارنى
يېقىن غەلىبە ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن
مۇكاپاتلايدىغالىقىنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ مۆمىنلەردىن
ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيىدە)
دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى
(يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت
قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى
خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر
بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ
سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى
خەيبەرنىڭ غەنىمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ
قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى
ھەرامغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا
يولغا باشلاش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى)». (پەتىھ سۈرىسى 18-، 19-، 20-
ئايەتلەر).

  
ئىمام تىبرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامغ رىزۋان دەرىخىنىڭ سايىسى ئاستىدا سەمىمىيلىك بىلەن بەيئەت
قىلغانلارنى - تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بېرىش، رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە -
يېقىن غەلىبە ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى،
ئاللاھ تائالا بۇنى پەقەت رىزۋان دەرىخى ئاستىدا بەيئەت قىلغانلارغا خاس
قىلدى" دەيدۇ.

  
خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەر ئۇنداق ئاسان قولغا
كېلىدىغان پەتھى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەر ئەمەسئىدى. چۈنكى خەيبەر سېپىللىرى
ناھايىتى پۇختا ۋە ئېگىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئورۇشقا يارايدىغان ئون مىڭ
كىشى بار ئىدى. دېمەك، ئۇلارنىڭ سانى خەيبەرنى پەتھى قىلغىلى كەلگەن
مۇسۇلمانلارنىڭ سانىدىن يەتتە ھەسسە كۆپئىدى. لېكىن خەيبەرنىڭ پەتھى
قىلىنىشى ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان ئىش ئىدى.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "خەيبەر تۈگەشتى، بىز بىر قەۋمنىڭ
ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، «ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن
يامان!». (ساففات سۈرىسى 177- ئايەت).

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئاللاھھەقىقەتە ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى" دېگەنىدى.

  
ئوبۇلقاسىم ئەلئىسبىھانى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ھەدىستە خەۋەر
بېرىلگەندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەندىن كېيىن
خەيبەر تۈگەشكەن بولۇپ، بۇ ۋەقەمۇ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى قاتارىدىن ئورۇن
ئالدى" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى ھەققىدە خەۋەر
بەرگىنىدەك، يەھۇدىيلارنىڭ خەيبەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ
خەۋەر بەرگەنىدى. بۇ ئىش ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
خەلىپىلىك زامانىسىدا يۈز بېرىدۇ. خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ بىرى كىچىدە
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئورۇپ، پۇت - قوللىرىنى
چېقىۋېتىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ خەلق ئاممىسىنى يىغىپ:
"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر يەھۇدىيلىرىنى ئۆز مال - مۈلۈكلىرىنى
باشقۇرغىلى قويغانىدى ۋە ئۇلارغا: "بىز سىلەرنى (خەيبەردە) ئاللاھ
قالدۇرغان مۇددەت قالدۇرىمىز" دېگەنىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر خەيبەردىكى
مۈلكىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغاندا كېچىسى ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىنىپ، پۇت -
قوللىرى چېقىۋېتىلدى، خەيبەردە بىزنىڭ ئۇلاردىن باشقا دۈشمىنىمىز يوق.
دېمەك، ئۇلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ۋە گۇمان ئوبىكتىمىزدۇر. شۇڭا مەن ئۇلارنى
خەيبەردىن چىقىرىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم"دەيدۇ.

  
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ بۇنى رەسمى قارار قىلىپ
بېكىتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ بىرى كېرىپ: "ئى
مۆمىنلارنىڭ ئەمىرى! مۇھەممەد بىزنىخەيبەردەقالدۇرۇپ، ئۆز مال -
مۈلۈكلىرىمىزنى باشقۇرغىلى قويۇپ، بىزگە شۇنى شەرت قىلغان تۇرسا سەن
چىقىرىۋېتەمسەن دەيدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ: "سەن مېنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "خەيبەردىن چىقىرىلغان ۋاقتىڭدا قانداق
قىلارسەن" دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپ ئويلامسەن؟"دەيد. يەھۇدى:
"بۇ سۆز ئوبۇلقاسىمنىڭ چاقچىقى ئىدى" دەيدۇ. (ئەرەبلەر پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوبۇلقاسىم يەنى
قاسىمنىڭ ئاتىسى دەپ چاقىراتتى). ھەزرىتى ئۆمەر: "يالغان سۆزلىدىڭ ئى اﷲ
نىڭ دۈشمىنى!" دەيدۇ.

   ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان مال - مۈلۈكلىرىنىڭ قىممىتىنى بېرىپ، ئۇلارنى خەيبەردىن چىقىرىۋېتىدۇ.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
يەھۇدىيلارنىڭ خەيبەردىن چىقىرىلىۋېتىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بولۇپ،
بۇ ۋەقەمۇ ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن
ئالىدۇ" دەيدۇ.

  
خەيبەر پەتھىسى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا بەيئەت
قىلغانلارغا ۋەدە قىلغان بىردىن بىر ۋەدە ئەمەس ئىدى بەلكى ئاللاھ ئۇلار
بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەتھى قىلىشقا قادىر بولالمىغان شەھەرنى پەتھى قىلىپ
بېرىدىغانلىقى بىلەنمۇ بىشارەت بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى:

  
«ئاللاھ يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ
سىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى) تولۇق بىلگەن بىر غەنىمەت (يەنى
مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) نى (سىلەرگە مۇيەسسەر قىلدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە
قادىردۇر». (پەتىھ سۈرىسى 21- ئايەت).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، جوھفە دېگەن جايغا
كەلگەندە ئاللاھ تائالا تەسەللى بېرىپ بۇ ئايەتنى نازىل قىلغانىدى: 

  
«ساڭا قۇرئاننى)يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل
قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە )يەنى مەككىگە)
قايتۇرىدۇ..». (قەسەس سۈرىسى 85- ئايەت).

  
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە مەككە پەتھىسى بىلەن بىشارەت بەرگەن بولۇپ،
مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى بىلەن ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن بۇ بېشارەتلەر
روياپقا چىقىپ، مۆجىزىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ۋەدە قىلغان بەزى خەۋەرلەرنى كۆرەلمەي
دۇنيادىن ئايرىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇ خەۋەرلەر خەلىپلىرىنىڭ،
ئەگەشكۈچىلىرىنڭ زامانىسىدا روياپقا چىقىپ، پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى ۋە
مۆجىزىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

  
بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئەۋۋىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھودەيبىيىگە
چىقمىغان ئەرابىلار ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ۋەدىلەردۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

  
«(ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەرابىلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر
قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان
بولىدۇ ( ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا)
بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر
ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق
ئازاب قىلىدۇ» دېگىن». (پەتىھ سۈرىسى 16- ئايەت).

  
تەپسىرشۇناسلار ئەرابىلار ئورۇش قىلىشقا چاقىرىلىدىغان « جەڭگىۋار قەۋم»
توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ، بەزىلىرى: "ھاۋازىن ياكى سەقىف" قەبلىسىدۇر، دېسە
يەنە بەزىلىرى: "رۇم ياكى پارسلاردۇر"، دېگەن بولسىمۇ لېكىن ئىمام ۋاھىدى
تەپسىرشۇنالار جۇمھۇرىدىن ئۇلارنىڭ بەنۇ ھەنىيفە قەبلىسى ئىكەنلىكىنى نەقىل
قىلىدۇ. رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم
بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغان بولساقمۇ لېكىن
ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ بەنۇ ھەنىيفە قەبىلىسىگە قارشى ئورۇشقا چاقىرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ
بەنۇ ھەنىيفە قەبلىسى ئىكەنلىكىنىئاندىن بىلگەنىدۇق، دەيدۇ. دېمەك، بۇ ۋەدە
ئەرابىلار ئورۇش قىلىشقا چاقىرىلىدىغان « جەڭگىۋار قەۋم» ئۈستىدىن غەلىبە
قىلىدىغانلىقىدن ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئالدىن خەۋەردار قىلغان يەنە بىر
غەيبىي خەۋەر بولۇپ، پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىپ چىققان كەززاب مۇسەيلىمەنىڭ
ئەگەشكۈچىلىرى بولغان مۇرتەدلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا روياپقا
چىقىدۇ.

 تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى.