رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالاغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. دۇئا قىلىش مەنئى قىلىنغان بېرەرمۇ ۋاقىت يوقتۇر. بىراق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلار دېيىلگەن بەزى ئەۋزەل ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. سەجدىگە بارغان ۋاقىت. ئاللاھ تائالا سەجدىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلەرنى ئاللاھتىن سوراپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا سەجدە قىلغىن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىتى ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»([2]).

شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا مەنىۋىي تەرەپتىن ئەڭ يېقىن بولغان ۋە ئەڭ ياخشى ھالىتىدۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىت مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەدەننىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرىپىگە جايلاشقان، ھەمىشە ئۈستۈن ۋە يۇقىرى تۇرىدىغان ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورگىنى ۋە ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ سىمۇۋلى بولغان ئۇلۇغ پىشانىسىنى ئادەتتە ئاياقلار بىلەن دەسسىلىدىغان يەرگە قويۇپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى، ئىخلاسىنى ۋە ئەڭ ئالى ئېھتىرامىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئۆزىنىڭ خار- زەبۇن، ئاجىز، بىچارە بەندە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي رەۋىشتە  ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن بىر ھالىتىدۇر. شۇڭا بۇنداق ھالەتتە شەرتلىرى تولۇق بولغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا ھېچ شەك يوقتۇر. 

مۇلاھىزە: پەرز نامازلارنىڭ سەجدىسىدە، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئەرەب تىلى بويىچە قىلىش لازىم. ئەمما پەرزدىن باشقا ۋاجىب، سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنىڭ سەجدىلىرىدە ھەر كىم ئۆز تىلىدا بىلگەن دۇئالىرىنى ئوقۇسا ۋە ھاجەتلىرىنى سورىسا بولىدۇ.

2. قاتتىق خوشاللىق ياكى قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ياكى ئاللاھ تائالادىن ئىنتايىن زور مەمنۇن بولغان ياكى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئەيمىنىپ چۆچۈگەنلىكتىن ھاياجانلانغان لەھزىلەر. بۇنداق لەھزىلەردە قىلىنغان شەرتلىرى تولۇق دۇئالار چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «زەكەرىيا ھەر قېتىم مەريەمنىڭ ئىبادەت گاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بېرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ «ئى مەريەم بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى. مەريەم: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى. زەكەرىيا (مەريەمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا، قىشتا يازنىڭ ۋە يازدا قىشنىڭ مېۋىلىرى بېرىلىشتەك ئاجايىپ كارامىتىنى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ كاتتا قۇدرىتىنى كۆرگەن ھامان) شۇ يەردىلا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ، «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئىشتكۈچىسەن» دېدى. ئۇ ئىبادەت گاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى(ئىسا)نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى»([3]).

يۇقىرىقى ئايەت، خوشاللىقتىن قاتتىق ھاياجانلانغان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام پەرزەنت كۆرۈشنى بەكمۇ ئازرۇلايتتى، لېكىن ئۇ ئۆزى ياشىنىپ قالغان، ئايالىمۇ قېرىپ قالغان ھەم تۇغماس بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بالىسى بولىشىغا ئىشىنەلمەيتتى. ھەتتا مەريەم سۈرىسىدە، ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەندە: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن»([4]) دېگەنلىكى ھېكايە قىلىنغان. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى مەريەمگە كۆرسەتكەن چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەر نەرسىگە، ھەتتا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ - دە، دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىشقا ئۆتىدۇ. نەتىجىدە دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئۇنىڭ قېرىغاندا پەرزەنت كۆرۈشتىن ئىبارەت مۇمكىن ئەمەس دەپ سانىغان ئىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمدى، قاتتىق قورققانلىقتىن ھاياجانلىنىپ، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرغان كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلقىغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «يۇنۇسنىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا: «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە ھەقسىزلىق قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (كىت يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردن) خالاس تاپقۇزىمىز»([5]).

يۇقىرىقى ئايەتلەر يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدى قەتئىي ئۈزۈلگەن، قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى پۈتۈنلەي تۈگىگەن ۋە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمىغان، كىت قارنىدىكى قورقۇنۇشلۇق ۋە ئەندىشىلىك بىر ۋەزىيەتتە، ئاللاھ تائالاغا بارچە ئىخلاسى بىلەن يۈزلىنىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەنلىكى ۋە دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، كىتنىڭ قارنىدىن سالامەت چىققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

3 . روزا تۇتقان ۋاقىتلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا)شۈۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن»([6]).

يۇقىرىقى ئايەتلەردە، رامىزاننىڭ پەرزلىكىنىڭ  بايانىغا  ئاللاھنىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن رامىزاندا قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىنلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل ئادەمنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: بىرىنچىسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ دۇئاسى، ئىككىنچىسى، روزىدار كىشىنىڭ دۇئاسى، ئۈچىنچىسى، ئادالەتلىك ھۆكۈمدارنىڭ دۇئاسىدۇر»([7]).

رامىزان كېچىلىرىمۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر.

4. ئەرەفات كۈنى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەفات كۈنىدىكى دۇئادۇر. مەن ۋە مېنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى:  ‹ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر› دېگەن كەلىمەدۇر»([8]).

5. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى يەنى بامدات نامازدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىدۇ ۋە كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا: ‹ماڭا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، مەندىن سورىغان كىشىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىمەن ۋە مەندىن مەغپىرەت تىلىگەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىمەن› دەپ نىدا قىلىدۇ»([9]).

6. قەدىر كېچىسى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ‹قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر»([10]) دەيدۇ. قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغانلىقتىن بۇ كېچىدە دۇئا قىلىش تولىمۇ ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە مۇشۇ قەدىر كېچىسىنى كۆزلەپ ئۇنىڭدا دۇئا، ئىستىغفار ۋە تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھتىن قەدىر كېچىسىنى ئۇچرىتىپ قالسام نېمە دەپ دۇئا قىلىشىم توغرۇلۇق سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا:
 «ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەغپىرەت قىلىشنى ياقتۇرغۇچىسەن، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن»([11]) دەپ دۇئا قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان.

7. جۈمە كۈنى. چۈنكى جۈمە كۈنى ھەپتىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كۈنى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان، شۇ كۈندە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن، شۇ كۈندە جەننەتتىن چىقىرىلغان، قىيامەتمۇ جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈندە بولمايدۇ»([12]). بۇنداق ئۇلۇغ ۋە ياخشى كۈندە دۇئانى كۆپ قىلىش تولىمۇ ئەۋزەل ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر سائەت باركى، قانداقلا بىر مۇسۇلمان كىشى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە ئۇنىڭغا ئۇچرىشىدىكەن، ئۇ نېمە سورىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سورىغىنىنى چوقۇم بېرىدۇ»([13]).

ئىمام مۇسلىم ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىيدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت، ئىمام مۇنبەرگە ئولتۇرغان ۋاقىتتىن ناماز تۈگىگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىتلاردۇر»([14]) دېگەن.

يەنە ھەدىسشۇناسلاردىن ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسائىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «جۈمە كۈنىدە ئون ئىككى سائەت بولۇپ، ئۇنىڭدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى تېپىپ بىر نەرسە سورىغان كىشىنىڭ سورىغانلىرىنى ئاللاھ تائالا چوقۇم بېرىدۇ. بۇ سائەتنى تېپىش ئۈچۈن ناماز ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دېگەن: «ماڭا كۆرە، جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنىڭ ناماز ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت  ئىكەنلىكى دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەك بولسىمۇ، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممەتلىرىگە جۈمە ۋاقتى بىلەن شۇ كۈننىڭ ناماز ئەسرىسىدىن كېينكى ۋاقىت ئىككىسىنى مەخسۇس دۇئا قىلىدىغان سائەتلەر قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن بولىشى ئېھتىمال»([15]).

8. ئەزان بىلەن تەكبىر (ئىقامەت) ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدىكى ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ»([16]) دېگەن.

9. سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى»([17]).

10. بېشىغا كۈن چۈشكەن كىشىنىڭ دۇئاسى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز – نەسىھەت ئالىسىلەر»([18]).

11. قۇرئاننى خەتمە قىلغاندىن كېيىن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «قۇرئان خەتمە قىلىنغان ۋاقىتتىكى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ»([19]) دەپ كۆرسەتكەن. «ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى خەتمە قىلماقچى بولغىنىدا، بالا - چاقىلىرىنى توپلاپ بىرگە خەتمە قىلىپ دۇئا قىلاتتى»([20]).

12. بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىنكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قايسى دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن؟ دەپ سورالغىنىدا: «كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، پەرز نامازلاردىن كېيىن قىلىنغان دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىندۇر»([21]) دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: «ناماز ئەڭ ياخشى ۋاقىتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلىشنى ئونۇتماڭلار».

13. قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇنداقتا، سىلەر مېنى ياد ئېتىڭلار،  مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتەي»([22]). قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاللاھ تائالانى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ياد ئەتكەنلىكتۇر. ; شۇڭا قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر.

14. ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغاندىن كېيىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن  ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت -  ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»([23]).

ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان «كاتتا ساۋاب» ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.

15. ئىسمۇلئەزەم ئوقۇلغان ۋاقىتلار. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەسجىدتە ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم ناماز ئوقۇۋېتىپ  «ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى سورايمەن، ھەقىقەتەن پۈتۈن ھەمدۇ سانالار ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن تولىمۇ شەپقەتلىكسەن، ناھايىتى ئاتا - ئېھسان قىلغۇچىسەن، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقان خالىقسەن، ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك ئىلاھىم! ئى ھەمىشە تىرىك بولغۇچى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى رەببىم! سەندىن (ھاجەتلىرىمنى) سورايمەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا: «بۇ ئادەم ئۇنى ئوقۇپ نېمە سورىسا بېرىلىدىغان ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم بىلەن دۇئا قىلدى»([24]) دېدى.

16. ئىپتار ۋاقتى. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى ئىجابەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى ھەرگىزمۇ ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدۇ»([25]).

17. زەمزەم سۈيى ئىچكەن ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «زەمزەم سۈيى نېمە ئۈچۈن ئىچىلگەن بولسا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر، يەنى سەن ئۇنى شىپالىق تەلەپ قىلىپ ئىچسەڭ ئاللاھ ساڭا شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، قورسىقىڭنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىچسەڭ ئاللاھ  سېنىڭ ئۇسسۇزلۇقىڭنى كېسىدۇ. ئۇنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام قازغان، ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئۈچۈرۈلگەن»([26]).

18. زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق ھېس قىلغان ۋە ئىخلاس كۈچەيگەن ۋاقىتلار. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «(دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىزنىڭ خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ...»([27]).

بۇ ئايەت زورقىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ئاللاھ تائالاغا كامالى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

19. يامغۇر ياغقان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆت ۋاقىتتا ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. ئۇلار: مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىت، يامغۇر ياغقان ۋاقىت، ناماز ئادا قىلىنغان ۋاقىت ۋە كەبىنى كۆرگەن ۋاقىتتۇر»([28]).

بۇ ھەدىسقا ئاساسەن، كەئبىنى كۆرگەن چاغمۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.

20. ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ پايدىسى ياكى زىيىنىغا قىلغان ھەر قانداق دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى»([29]).

21. بىراۋنىڭ دىنىي قېرىندىشىغا غايىبانە قىلغان دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. «مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىنىي بۇرادىرىگە غايىبانە قىلغان دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدا بىر پەرىشتە دائىم ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ دىنىي بۇرادىرىگە ھەر قېتىم دۇئا قىلغىنىدا، مەزكۇز پەرىشتە ‹ئى ئاللاھ بۇ كىشىگىمۇ قېرىندىشىغا تىلىگىنىنىڭ ئوخشىشىنى بەرگىن› دەپ دۇئا قىلىدۇ»([30]).

22. پەرز نامازلارغا ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى ۋاقىتتىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇ ياكى رەت قىلىنىش ئېھتىمالى ناھايىتى ئازدۇر: ئۇلارنىڭ بىرى، نامازغا ئەزان چاقىرىلغان ۋاقىت، يەنە بىرى، مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشقان ۋاقتتۇر»([31]).

23. مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن تۇتۇشقان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆت ۋاقىتتا ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. ئۇلار: مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىت، يامغۇر ياغقان ۋاقىت، ناماز ئادا قىلىنغان ۋاقىت ۋە كەبىنى كۆرگەن ۋاقىتتۇر»([32]).

24. مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر مۇسۇلمان بەندىگە بېرەر مۇسىبەت يەتسە، ‹بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز. ئى ئاللاھ! بۇ مۇسىبىتىمدە ماڭا ئەجىر بەرگەيسەن، قولدىن بەرگىنمدىن ياخشىراقىنى ئاتا قىلغايسەن› دەيدىكەن، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ مۇسىبىتىدە ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىدۇ ۋە قولدىن بەرگىنىدىن ياخشىراقىنى بېرىدۇ»([33]).

25 . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئوقۇلغاندىن كېيىن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مەن ناماز ئوقۇۋاتاتتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر قاتارلىق ساھابىلەر بىلەن بىللە ئىدى. نامازدا ئولتۇرغىنىمدىن كېيىن، ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىپ بولۇپ، ئۆزۈم ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ‹سورىغىن، سورىغىنىڭغا ئېرىشىسەن، سورىغىن، سورىغىنىڭغا ئېرىشىسەن› دېدى»([34]).

فەزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتە ئولتۇراتتى، بىر ئادەم كېلىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن ‹ئى ئاللاھ! ماڭا رەھىم قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىشقا باشلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ‹ئالدىراپ كەتتىىڭ ئەي ناماز ئوقۇغۇچى! ناماز ئوقۇپ بولۇپ، ئولتۇرغىنىڭدا، ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە ھەمدۇ سانا ئېيتقىن، ئاندىن ماڭا دۇرۇد ئېيتقىن، ئاندىن دۇئا قىلغىن› دېدى. ئاندىن يەنە بىر ئادەم كېلىپ ناماز ئوقۇپ بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ‹ئەي ناماز ئوقۇغۇچى! دۇئا قىلغىن، ئىجابەت بولىدۇ› دېدى»([35]).

26. راھەت- پاراغەتلىك كۈنلەردە دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قىيىن كۈنلەردە قىلغان دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشىنى ياقتۇرسا، راھەت - پاراغەتلىك كۈنلىرىدە كۆپلەپ دۇئا قىلسۇن»([36]).

([1])      ئەلەق سۈرىسى 19 _ ئايەت.

([2])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([3])      ئال ئىمران سۈرىسى37 – 38 – ئايەتلەر.

([4])      مەريەم سۈرىسى 8 – ئايەت.

([5])      ئەنبىيا سۈرىسى 87 – 88 – ئايەتلەر.

([6])      بەقەرە سۈرىسى 185 ـ 186 ـ ئايەتلەر.

([7])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([8])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([9])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([10])    قەدر سۈرىسى.

([11])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([12])    ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.

([13])    ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم  رىۋايىتى.

([14])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([15])    ئىبنى قەييىم جەۋزىينىڭ« زاد المىاد» ناملىق ئەسىرى1 ـ جىلد 131 ـ بەتتىن ئېلىندى.

([16])    ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

([17])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([18])    نەمل سۈرىسى 62 ـ ئايەت.

([19])    دارىمىي رىۋايىتى.

([20])    ئىمام نەۋەۋىي رىۋايەت قىلغان.

([21])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([22])    بەقەرە سۈرىسى 152 ـ ئايەت.

([23])    ئەھزاب سۈرىسى35 – ئايەت.

([24])    ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

([25])    ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

([26])    ئىمام بەيھەقىي، دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى.

([27])    لۇقمان سۈرىسى 32- ئايەت.

([28])    بەيھەقىي رىۋايىتى.

([29])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([30])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([31])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

([32])    بەيھەقى رىۋايىتى.

([33])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([34])    ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

([35])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([36])    تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايىتى.