رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

دۇئا ھېچكىمنىڭ ۋەسىلىسىگە (ۋاسىتىسىگە) مۇھتاج ئەمەس. تىلەكلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن بېۋاسىتە سورىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]). مازار ـ ماشايىخلاردىن، ئاتالمىش ئەۋلىيا ۋە پىرىلەردىن  ھاجەت سوراش ۋە مەدەت تىلەش ياكى ئۇلاردىن بېرەرسىنى ئاللاھ تائالاغا ۋاسىتە قىلىش جائىز ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالاغا باشقىلارنى شېرىك قىلغانلىق قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ. ئەمما ھايات كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلەرگە قىلغان دۇئاسى چوقۇم يېتىدۇ.

دۇئادا ۋاسىتە قوللىنىشقا بولىدۇ، بىراق ۋاسىتە كىشىنىڭ ئۆز ئەمەلى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىمانىنى، ئاللاھنىڭ بارچە  كەمچىلىكلەردىن پاك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسىنى ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ھاجەتلىرىنى ئاللاھتىن سورىسا بولىدۇ. مانا بۇ، ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ۋەسىلە قىلىش ئۇسۇلىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە  ئۆزىنىڭ ئىمانىنى ۋاسىتە قىلىپ دۇئا قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى ھېكايە قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاسىتە قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ، رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى»([2]).

ئاللاھ تائالا يەنە قۇرئان كەرىمدە يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە نۇقسانلاردىن پاكلىقىنى ۋاسىتە قىلىپ دۇئا قىلغانلىقى ۋە دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا پەرۋەردىگارىم! سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق. سېنى (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تەرىپلەيمەن. مەن راستىنلا ئۆز-ئۆزۈمگە ھەقسىزلىق قىلغۇچىلاردىن بولدۇم، دەپ نىدا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق. ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدۇق»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ دۇئا قىلاتتى. ئۇ قىيىن ئىشقا دۇچ كەلگەندە مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى:  «ئى ھەمىشە تىرىك بولغۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سېغىنىپ سەندىن ياردەم سورايمەن»([4]).

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ھايات بولغان ئاتا ـ ئانا، ئۆلۈما ۋە باشقىمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا قىلىپ بېرىشىنى ئۆتىنىش دۇرۇستۇر. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىۋىدىم، ماڭا رۇخسەت بەردى ۋە ‹ئى قېرىندىشىم! دۇئايىڭدا بىزنىمۇ ئونۇتمىغايسەن› دېدى»([5]). شۇنداقلا كىشى ئۆزىنىڭ گۇناھتىن يانغانلىقىنى ۋاسىتە قىلىشىمۇ دۇرۇستۇر. چۈنكى گۇناھتىن يېنىش ياخشى ئەمەلگە ياتىدۇ. ياخشى ئەمەل دۇئادا ئەڭ ياخشى ۋاسىتە بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «ئۆڭكۈردىكى ئۈچ كىشى» نىڭ قىسسىسىدە، ئۇلارنىڭ بىرى ئاللاھتىن قورققانلىقتىن، شەرت _ شارائىتى ھازىرلىنىپ بولغان زىنانى تەرك ئەتكەنلىكىنى ۋاسىتە قىلغان ئىدى.

([1])      بەقەرە سۈرىسى 186- ئايەت.

([2])      ئال ئىمران سۈرىسى 193 _ 195 _ ئايەتلەر.

([3])      ئەنبىيا سۈرىسى 87ـ 88ـ ئايەتلەر.

([4])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([5])      ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.