رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m003.jpg

6. ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كەتتى، يولدا بىر قۇدۇق ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. سىرتقا چىققىنىدا، ئۇسسۇزلىقتىن تىلى ساڭگىلاپ، تۇپراقنى يەۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئادەم ئۆز - ئۆزىگە ‹بۇ ئىت ماڭا ئوخشاش قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ› دېدى - دە، قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆتىكىگە سۇ تولدۇرۇپ، چىشى بىلەن ئۆتىكىنى چىشلەپ، قولى بىلەن قۇدۇقنىڭ گىرۋىكىنى تۇتۇپ قۇدۇقتىن چىقىپ، ھېلىقى ئىتنى سۇغاردى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا خۇرسەن بولۇپ، ئۇنىڭ بارچە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىۋەتتى»([1]).

سىز ھاياتىڭىزدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ كوچىدا يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ يۈرگەن بىرەر ئىتنىڭ قورسىقىنى تويغۇزدىڭىزمۇ؟ ياكى سىزگە تەلمۈرۈپ كەلگەن بىچارە ئىتنى ‹پاسكىنا ھايۋان› دەپ پۇتىڭىز بىلەن تېپىۋېتىپ كېتىپ قالدىڭىزمۇ؟

ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى قىلىپ يارىتىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بىچارە ھايۋانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تاماشاسىنى قىزىتىش ئۈچۈن قۇربان قىلىپ، ئىتلارنى تالاشتۇرۇش، قوچقارلارنى ئۈسۈشتۈرۈش، خورازلارنى چوقۇشتۇرۇش، قۇشلارنى ئوق ئېتىش مەشقلىرىدە نىشانغا ئېلىش قاتارلىق شەپقەتسىزلىكلەرنى قىلغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى بىرەر قۇشقاچ چاغلىق بىر جانلىقنى بىھۇدە ئۆلتۈرىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ»([2]) دېگەن سۆزىنى بىلمەمدۇ؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇلارغا بىر مۈشۈك سەۋەبلىك دوزىخى بولۇپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال بىر مۈشۈكنى نان ياكى سۇ بەرمەستىن ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن دوزىخى بولۇپ كەتكەن»([3]).

بىر مۈشۈكنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بىر مۇسۇلمان ئايال دوزاخقا كىرگەن يەردە، ھايۋانلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىش ۋە تاماشانى قىزىتىش ئۈچۈن قاراپ تۇرۇپ ھايۋانلارنى قىينايدىغانلارنىڭ، ھەتتا بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدىغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى قانداق بولار؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «كىمكى بىر قۇشقاچ چاغلىق بىر جانلىقنى بۇغۇزلىغاندىمۇ، ئۇنىڭغا رەھىم - شەپقەتلىك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنىدە رەھىم - شەپقىتىنى چوقۇم كۆرسىتىدۇ»([4]) دېيىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆلتۈرۈپ يېيىشنى ھالال قىلىپ بەرگەن ھايۋاننى بۇغۇزلاشتىمۇ، ئۇنىڭغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۆگەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر ئادەمنىڭ بىر قولىدا پىچاق تۇتقان ھالدا، بىر قوينى ئۆلتۈرگىلى سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇ ئادەمگە: «ھەي سېنى! مالنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ئۇنى ئۆلۈمگە سىلىق ئېلىپ بار، پىچاقنى مالنىڭ كۆزىگە كۆرسەتمە، ئۇنى ئىتتىكلىتىپ ئاندىن بۇغۇزلا»دەپ كايىغان.

ئاللاھ تائالا خىزمىتىمىزگە سېلىپ يوللۇق پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن شۇ ھايۋانلارنىڭ جېنى بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا جان ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ جېنى ئاغرىيدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ دەرىجىدىكى تاش يۈرەك ئىنسانلارنىڭ جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالىشى ناتايىن! چۈنكى جەننەت رەھمەتتۇر. ئۇ پەقەت رەھىم - شەپقەتلىك بولغانلارنىلا قوبۇل قىلالايدۇ!

جەننەتكە ئىبادەتنىڭ كوپلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ شەپقىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەنلا كىرگىلى بولىدۇ!

رەھىم - شەپقەت پۈتۈن ئىشلاردا تەلەب قىلىنىدۇ

رەھىم - شەپقەت بىلەن سىلىقلىق مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى جمى ھەرىكەتلىرىدە ــ ئىبادەتلىرى، دەم ئېلىشى، مۇئامىلىسى، ئولتۇرۇپ - قوپۇشى، شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىدا ــ بولمىسا بولمايدىغان نەرسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «سىلىقلىق قايسى نەرسىگە كىرسە، ئۇنى چىرايلىقلاشتۇرىدۇ، ئۇ قايسى نەرسىدىن يۇلۇپ ئېلىنسا، شۇ نەرسىنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.

7. ئاسىي - گۇناھكار كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات قىلدى»([6]) دېيىش ئارقىلىق بىزنى ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزغا، كىشىلەرنى گۇناھ - مەسىيەتلىرى سەۋەبلىك مەسخىرە قىلماسلىقىمىزغا، ئۇلارغا نەپرەت قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى چەتكە قاقماسلىقىمىزغا ۋە ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ، يامان يولدىن قايتۇرىشىمىزغا چاقىرىدۇ.

گۇناھ قىلمايدىغان، خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق دۇنيادا. ھەر قانداق ئادەم گۇناھ قىلىدۇ ۋە خاتالىشىدۇ. ئەمما مۇھىم بولغىنى ئۆز گۇناھىنى تونۇپ، توغرا يولغا قايتىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ھەر قانداق ئادەم بالىسى خاتالىشىدۇ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر»([7]) دەپ كۆرسەتكەن.

بىز مۇسۇلمانلاردا ھازىرلا مەسجىدتىن چىقىپ، ھەتتا تاھارەت بىلەن تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدىغانلارنى، ئادەم ئالدايدىغانلارنى ۋە كىشىلەرگە قوپال سۆز ۋە قوپال مۇئامىلە قىلىدىغانلارنى ئۇنچىۋالا ئەيىبلەپ كەتمەيدىغان، ئەمما بىراۋنى قىسمەن شەخسىي گۇناھ بىلەن ياكى ئازراق ئەيىب بىلەن ئۇچرىتىپ قالغىنىدا، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ كېتىدىغان كەيپىيات بار. ئاللاھ تائالا گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى يامان كورىدۇ، مۇسۇلمان ئادەممۇ گۇناھنى مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، ھەممىسىنى يامان كۆرىشى لازىم. لېكىن ئاللاھ تائالا گۇناھ قىلىپ ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقان بەندىدىن يالغان ئېيتىپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بەندىنى بەكرەك يامان كۆرىدۇ. چۈنكى ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقنىڭ گۇناھى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇنى كەچۈرىۋېتىدۇ. ئەمما باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقنىڭ گۇناھى ئۇنداق ئاسان كەچۈرۈلمەيدۇ. زىيانغا ئۇچرىتىلغۇچى شەخس ئۇنى كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ قۇل ھەققى ئەمەسمۇ؟!

شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۆمىن ئادەم قورقۇنچاق بولامدۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن، يەنە «مۆمىن ئادەم بېخىل بولامدۇ» دەپ سورالغاندىمۇ، «ھەئە»دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن «مۆمىن ئادەم يالغانچى بولامدۇ» دەپ سورالغىنىدا، «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن([8]). چۈنكى قورقۇنچاقلىق بىلەن بېخىللىقنىڭ زىيىنى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە بەكرەك زىيانلىق بولغىنىدەك، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى يالغان ئېيتقۇچىنىڭ ئۆزىدىن كۆرە باشقىلارغا بەكرەك زىيانلىقتۇر. چۈنكى گاھىدا بىرلا يالغان بىلەن ھەقىقەت ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ، ئاق قارىغا، قارا ئاققا ئايلىنىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟!

ھەر قانداق بىر گۇناھنى كىچىك ساناشقا بولمايدۇ. چۇنكى كىچىك گۇناھلار ئۇنىڭغا داۋام قىلىش ئارقىلىق چوڭ گۇناھلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك، گۇناھ - مەسىيەتلەرنى يامان كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولماسلىق مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلەبلىرىدىن بىرى. ئەمما گۇناھ ئىشلىگەن ياكى خاتالاشقان بىرىنى خۇددى ئۆزى ھاياتىدا گۇناھ ئىشلەپ باقمىغاندەك، ھېچ خاتالاشمىغاندەك ئەيىبلەپ كېتىش، ئۇلارنى سۆكۈش ۋە ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ، ئۇلارنى چەتكە قېقىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا ياراشمايدۇ. مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغىنى گۇناھ - مەسىيەت ئىشلىگەنلەرگە سىلىقلىق بىلەن نەسىھەت قىلىش، ياخشى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلىپ ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتۇر. مۇنداق قىلغانلار ھەقىقەتەن چوڭ ساۋابقا ئېرىشكۈچىلەردۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان ئەمرۇ - مەرۇپ، ۋەز - نەسىھەت پەرزىنى ئورۇندىغانلىقتۇر. شۇڭا بۇ پەرزنى ئورۇندىغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ھىدايەت قىلسا، بۇ سېنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن شەيئىلەردىن ياخشىدۇر»([9]) دەپ كۆرسەتكەن.

گۇناھكار بەندىلەرگە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش بابىدا، قۇرئان كەرىمنىڭ ياسىن سۈرىسىدە قىسسىسى بايان قىلىنغان ھەبىب نەججار دېگەن كىشىنىڭ قەۋمى ئۇنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقانلىقى سەۋەبلىك ناھەق ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ زور ئىنئامىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭغا «جەننەتكە كىرىڭ» دېيىلگەندە، جەننەتتىكى ئالىي نېمەتلەرنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان كاتتا ئىلتىپاتلىرىنى كۆرگەن ھەبىب نەججار دۇنيادا ئىمان ئېيتمىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ئېسىل نېمەتلەردىن مەھرۇم قالغان ئاسىي - گۇناھكار قەۋمىگە ئىچ ئاغرىتىپ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېگەن.

ئىنسانلار گۇناھ - مەسىيەتلەرگە چۆكۈپ، قانچىلىك يامان يوللارغا كىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ياخشىلىقنى سۆيۈش ۋە ياخشىلىققا قايتىش ئىقتىدارى يوقالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»([10]) دېگەن ئۇلۇغ كۆرسەتمىسىنى شوئار قىلىش بىلەن ھەقىقەتكە قايتۇرغىلى بولىدۇ.

تەييارلىغان: زەيتۇنە ئابدۇلئەھەد

([1]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

([2]) ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

([3]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

([4]) ئىمام بۇخارى ۋە تابەرانى رىۋايىتى.

([5]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([6]) نىسا سۈرىسى94-ئايەت.

([7]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([8]) ئىمام مالىك رىۋايىتى.

([9]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

([10]) نەھل سۈرىسى125-ئايەت.