رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

زىكىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى -  زىكىر ــ لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىر نەرسىنى ئەسكە ئېلىش، ياد ئېتىش ۋە خاتىرىلەش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىسە، شەرىئەت ئىستېمالىدا زىكىر ـ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن»([1]).

زىكىر ـ تىل، دىل، ئىش ـ ھەرىكەت، مۇئامىلات ۋە ئىقتىساد بىلەن ئورۇندىلىدۇ.

1. تىل بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر ــ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا، تەكبىر، تەھلىل ۋە تەسبىھ ئېيتىش، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى، كەمچىلىكلەردىن پاك ئىكەنلىكىنى ۋە چەكسىز قۇدرىتىنى تىلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەشتۇر. «ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار»([2]).

بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار» دېگەن بۇيرۇقتىن، تىل بىلەن زىكىر ئېيتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ھەج پائالىيەتلىرى ئورۇندىلىدىغان مۇقەددەس جايلارنىڭ ھەممىسى دۇئا ۋە زىكىرلەرنى كۆپ قىلىشقا بۇيرۇلغان جايلاردۇر. بۇجايلاردىكى زىكىرلەر تىل  بىلەن ئورۇندالغاندەك دىل بىلەنمۇ ئورۇندىلىدۇ.

2. دىل بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر ــ ئاللاھ تائالانىڭ ئەزىمىتى، كائىناتتىكى گۈزەل سەنئەتلىرى ۋە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش ۋە رەھمىتىدىن، ياردىمىدىن ئۈمىدۋار بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

دىل بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر مۇنۇ ئايەتتە ئىپادىلىنىدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ»([3]).

3. ئىش ـ ھەرىكەت بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر ــ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنلاش يۈزىسىدىن ناماز ئوقۇش، ھەج ـ ئۆمرە قىلىش، جىھاد قىلىش، ئاتا- ئانىنىڭ، ۋەتەننىڭ، دىننىڭ ۋە خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇش، ياشانغانلارنىڭ، ئاجىزلارنىڭ كۈچى يەتمىگەن ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىش ۋە باشقىلار. ئىش _ ھەرىكەت بىلەن قىلىنىدىغان زىكىرنىڭ مىساللىرى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ناھايىتى كۆپتۇر. قىسقىسى، بەدەن ۋە ئەزالارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىش _ ھەرىكەت بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر دائىرىسىگە كىرىدۇ.

4. ئىقتىساد بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر ــ ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسكە ئالغان ھالدا، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زاكاتنى ئادا قىلىش، يوقسۇللارغا ماددىي ياردەم قىلىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش ۋە ئۇلارغا خەير - ساخاۋەت قىلىش، سەدىقە بېرىش ۋە باشقىلار. «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر. ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل – مالدىن (ئاللاھ يولىدا)سەرپ قىلىدۇ»([4]).

يۇقىرىقى ئايەتلەردە، كامىل مۆمىن كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ياد ئېتىلسە ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، ئىمانى كۈچىيىپ، ئاللاھ بۇيرىغان نامازنى ۋە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولغانلىقتىن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسكە ئالغان ھالدا، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقى  ئىپادىلەنگەن.

5. مۇئامىلات  بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر ــ ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئەسكە ئالغان ھالدا، ئېلىم ـ سېتىمدا راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپادار بولۇش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇش، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش ۋە باشقىلار. مۇئامىلات بىلەن ئورۇندىلىدىغان زىكىر تۆۋەندىكى ئايەتتە ئىپادىلىنىدۇ: «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ ( يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەب قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار»([5]).

يۇقىرىقى ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار» دېگەن ئىبارە، ئېلىم ـ سېتىم ۋە باشقىمۇ تىرىكچىلىك مەشغۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئورۇندا تىل ياكى دىل بىلەن زىكىر ئېيتىش كۆزدە تۇتۇلمايدۇ، بەلكى ئېلىم ـ سېتىم، ھۆنەر ـ كەسىپ ۋە باشقىمۇ تىرىكچىلىك ئىشلىرىدىكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىش كۆزدە تۇتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن دەيمىزكى، سۇدا ـ سېتىق ئىشلىرىدا راستچىل ۋە ئادالەتلىك بولۇش، ھۆنەر ـ كەسىبلەردە ئىخلاسلىق بولۇش، شىركەت ياكى ھۆكۈمەت ئىش ئورۇنلىرىدا ۋەزىپىلىرىنى بېرىلىپ، قېتىرقىنىىپ ئادا قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان كىشىدىن سادىر بولسا زىكىرگە ياتىدۇ.

ھەقىقەتەنمۇ، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭ ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەلىي رەۋىشتە شۈكۈر قىلىش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئەۋزىلىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۇنىڭ غەزىبىگە يولۇقۇش، دىننىڭ كۆرسەتمىسىدىن چەتنەپ كېتىش، خارلىق - زەبۇنلۇققا مەھكۇم بولۇش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك ئېتىلىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نىزامىدۇر. مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ۋە يېقىنلىقىنى كۈچەيتكەندىلا ئۇنىڭ دىيانىتى تولۇقلانغان بولىدۇ. دىيانىتى تولۇقلانغان ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بارلىق ئىشلىرى نەتىجىلىك بولىدۇ.

زىكىر ــ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدەك، كۆڭۈل بىلەن ئەقىل غاپىل ھالدا تىل بىلەنلا ئورۇندىلىدىغان ئىبادەت ئەمەس. زىكىرنىڭ ئەڭ ياخشىسى تىل بىلەن قەلب بىرلەشكەن زىكىردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى لاَاِلَهَ اِلاَّاللهُ ـ لائىلاھە ئىللەللاھتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ كەلىمە ئىسلام دىنىنىڭ شوئارى، جەننەتنىڭ ئاچقۇسى ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ كەلىمىنى تىل بىلەن ئوقۇپ دىل بىلەن ئۇنىڭ مەنىسىنى تەستىق قىلغاندىلا بۇ كەلىمە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندەك،  زىكىرمۇ تىل ۋە دىل ھەر ئىككىسىنىڭ  ئىشتىراك قىلىشى بىلەنلا ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

([1])      ئەئراف سۈرىسى 205ـ ئايەت.

([2])      بەقەرە سۈرىسى 198ـ ئايەت.

([3])      ئال ئىمران سۈرىسى 190ـ 191ـ ئايەتلەر.

([4])      ئەنفال سۈرىسى2 ـ 3 ـ ئايەتلەر.

([5])      جۇمۇئە سۈرىسى10 ـ ئايەت.