Get Adobe Flash player

شىرىن بولاقنى ئاڭلىغانمۇ؟

Please Support Us

Get our toolbar!

//

ئىزدەش

يانۋاردىن كىيىنكى زىيارەتچىلەر

Visitors Since June 2012

  • Total Visitors: 8270979

مەككىنى بىۋاستە كۆرۈڭ

Quran TV & Translation

Madina Mosque 3D view

Madina Mosque 3D view

باشبەت
Dualar

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  «كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇ سانا ئېيتقىن»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كۈندە يۈز قېتىم  «ئاللاھ تائالا بارچە نۇقسانلاردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر» دەيدىكەن، ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھلىرى بولسىمۇ بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «تىلغا يېنىك مىزاندا سالماق كېلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق ئىككى كەلىمە بار، ئۇلار: «ئاللاھ تائالا بارچە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، ھەمدۇ سانا  ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇلۇغ ئاللاھ جىمى نۇقسانلاردىن پاكتۇر»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: كىمكى لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ  نى ئون قېتىم ئوقۇيدىكەن، ئۇ ئىسمائىل ئوغۇللىرىدىن تۆت كىشىنى قۇللۇقتىن ئازات قىلغانغا ئوخشاش ساۋاپ تاپىدۇ»([4]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كەلىمە تۆتتۇر، ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئاۋۋال باشلاپ ئوقۇساڭ بولىۋېرىدۇ، ئۇلار:  «ئاللاھ پاكتۇر، ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر»([5]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ساڭا جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بولغان بىر سۆزنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ بۇلسىمۇ: لاَحَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إلاَّ بِاللَّهِ دۇر»([6]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «يەر يۈزىدىكى بېرەر كىشى لاَ إلهَ إلاّ الله، والله أكْبَرُ، وَسُبْحَانَ اللهِ، وَالْحَمْدُ ِللهِ، وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوّةَ إلاَّ بِاللهِ  دەيدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسى يوققا چىقىرىلىدۇ»([7]).

([1])      قاف سۈرىسى 39- ئايەت.

([2])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([3])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([6])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([7])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

Share this