تەۋبىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلەر بار. ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان گۇناھ ۋە قىلمىشلار يا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ، ياكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىندۇر. بۇلارنى بەجا كەلتۈرۈش ئىنسانلارنىڭ بۇرچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى گۈزەل سۈرەتتە يارىتىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلدى، ئۇلارنى ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇلارغا تۈرلۈك سان- ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، باشقا مەخلۇقاتلارنى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىپ بەردى. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى كۆپتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ھەققىگە قارشى قىلمىش سادىر قىلغان بولىدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ،
ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ - مەسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈچ شەرت بار، ئۇلار:
1. قىلغان گۇناھ - مەسىيەتلەر ئۈچۈن پۇشايمانلىق ھېس قىلىش.
2 . بۇرۇن قىلغان گۇناھ- مەسىيەتلەرنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.
3. گۇناھ - مەسىيەتلەردىن قەتئى قول ئۈزۈش.
ئەمما ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى
ئىستىغفار رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىنىڭ ئامىلىدۇر
ئاللاھ تائالاغا ئىستىغفار ئېيتىپ، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىش كەڭ رىزىق، مول بەخت ۋە قىيىنچىلىقلاردى
ئاللاھ تائالا يەنە داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى
([1]) &
([2]) &