رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئستىخارە - ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سوراش دېمەكتۇر.بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇپ- بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن مەنىۋى بىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ.جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:پەيغمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىستىخارە قىلىشنى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:«سىلەر بىرەر ئىشقا ئاتلانماقچى بولغاندا، ئىككى رەكئەت نەپلى ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مۇنۇ دۇئانى ئوقۇڭلار: اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيْرُكَ بِعِلْمِكَ وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ الْعَظِيْمِ فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلاَ أَقْدِرُ وَتَعْلَمُ وَلاَ أَعْلَمُ وَأَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ اَللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ هَذَا الْأَمْرَ خَيْرًا لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي وَ عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ اَللَّهُمَّ َإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّهُ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ وَاقْدُرْ لِيَ الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ ثُمَّ رَضِّنِي بِهِ : يەنى "ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن ياخشلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ ـ قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن. سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىش (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نەسىب قىلغىن. ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن»،  ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىڭلارنى سوراڭلار"»([1]).بۇ ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇپ - بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مەنىۋي ئىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئىككى رەكئەت ئىستىخارە نامىزى ئوقۇيدۇ. ئىستىخارە نامىزى خۇددى بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇپ بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ.ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سورىغان ۋە كىشىلەر بىلەن كېڭىشىپ ئىش كۆرگەن ئادەم كېيىنكى  پۇشايماندىن خالىي بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: وَشَاوِرْهُمْ فِي اْلأَمْرِ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللهِ تەرجىمىسى: «ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن، ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن»([2]).بىرەر ئىشتا ئاللاھ تائالاغا  ئىستىخارە قىلغاندىن كېيىن، كۆڭۈل تارتقان بويىچە ئىش كۆرۈشتە ياخشىلىق باردۇر.ھاجەت نامىزىنىڭ دۇئاسىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ياكى ئىنسانلاردىن بىرەرسىگە ھاجىتى بولغان ئادەم، ياخشى تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن، ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتسۇن ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇسۇن:لاَ إلَهَ إلاّ اللهُ الْحَلِيْمُ الكَرِيْمُ، سُبْحَانَ الله رَبِّ العَرْشِ العَظِيْمِ، وَالْحَمْدُ لله رَبِّ اْلعَالمَِيْنَ . اَسْاَلُكَ مُوْجِباَتِ رَحْمَتِكَ وَعَزَائِمِ مَغْفِرَتِكَ وَالْعِصْمَةَ مِنْ كُلِّ ذَنْبٍ والْغَنِيْمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ والسَّلاَمَةَ مِنْ كُلِّ اِثْمٍ ، اَللَّهُمَّ لاَتَدَعْ لَناَ ذَنْباً اِلاَّ غّفّرْتَهُ وَلاَ هَمّاً اِلاَّ فَرَّجْتَهُ وَلاَ حاَجَةً هِيَ لَكَ رِضاً اِلاَّ فَرَّجْتَهاَ ياَ اَرْحَمَ الرَاحِمِيْنَ.ترجىمىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ تولىمۇ ھەلىمدۇر، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر. ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلنى، مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلىدىغان تەۋبىنى، مېنى ھەر قانداق گۇناھتىن ساقلىشىڭنى، پۈتۈن ياخشىلىقلارغا ئېرىشتۈرىشىڭنى ۋە ھەرقانداق يامانلىقتىن ئامان قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ بەرگىن ۋە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق ھاجەتلىرىمنى راۋا قىلىپ بەرگىن ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكى بولغان ئاللاھ!»ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ئائىت خالىغان ھاجەتلىرىنى سورايدۇ»([3]).تەھەججۇد ئوقۇغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ قَيِّمُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ وَلَكَ الْحَمْدُ، لَكَ مُلْكُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ، وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ نُورُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ، وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ الْحَقُّ، وَوَعْدُكَ الْحَقُّ ، وَلِقَاؤُكَ حَقٌّ، وَقَوْلُكَ حَقٌّ، وَالْجَنَّةُ حَقٌّ، وَالنَّارُ حَقٌّ، وَالنَّبِيُّونَ حَقٌّ ، وَمُحَمَّدٌ - صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ - حَقٌّ، وَالسَّاعَةُ حَقٌّ، اللَّهُمَّ لَكَ أَسْلَمْتُ، وَبِكَ آمَنْتُ وَعَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ، وَإِلَيْكَ أَنَبْتُ، وَبِكَ خَاصَمْتُ، وَإِلَيْكَ حَاكَمْتُ، فَاغْفِرْ لِى مَا قَدَّمْتُ وَمَا أَخَّرْتُ، وَمَا أَسْرَرْتُ وَمَا أَعْلَنْتُ، أَنْتَ الْمُقَدِّمُ وَأَنْتَ الْمُؤَخِّرُ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ.تەرجىمىس: «ئى ئاللاھ! جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىسەن. جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ پادىشاھىسەن. جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ نۇرىسەن. جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ھەقسەن، ۋەدىلىرىڭ ھەق، سۆزۈڭ ھەق، سەن بىلەن ئۇچرىشىشىمىز ھەق، جەننەت ھەق، دۇزاخ ھەق، قىيامەت ھەق، پەيغەمبەرلەر ھەق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا يۆلەندىم، ساڭا ئىمان كەلتۈردۈم، ساڭا قايتتىم، سېنىڭ ئۈچۈن دەۋالاشتىم ۋە ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئىلگىرى قىلغان ۋە كېيىن قىلغان، ئاشكارا قىلغان ۋە يوشۇرۇن قىلغان جىمى گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. سېنىڭ باشلىنىشىڭ يوق، سەن مەڭگۈلۈكسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر»([4]).([1]) ;     ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([2])      ئال ئىمران 159 ـ ئايەت.([3])      تىرمىزى، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([4])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.