رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m037.jpg

قەلەمنى يارىتىش--[نۇن.قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى [1] سۈرە قەلەم]

ئۇبادەت ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاتائالا تۈنجى بولۇپ ياراتقان نەرسە
قەلەمدۇر، ئاللاتائالا قەلەمگە: ياز، دېدى. قەلەم:نېمىنى يازىمەن؟ دېدى.
ئاللاتائالا (بۇنىڭدىن كېيىن) بولماقچى بولغان بارلىق نەرسىلەرنى يازغىن،
دېدى. شۇنىڭ بىلەن قەلەم تاكى قىيامەتكىچە بولماقچى بولغان نەرسىلەر ۋە
ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يازدى» [تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

[بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق [49] سۈرە قەمەر]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قۇرەيش مۇشرىكلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا تەقدىر (يەنى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇش)
توغرسىدا مۇنازىرە قىلىشىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولدى:[
ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە،(ئۇلارغا)« دوزاخنىڭ
ئازابىنى تېتىڭلار» (دىيىلىدۇ)[48] بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك
ياراتتۇق[49] سۈرە قەمەر][مۇسلىم ۋە ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزى] 

[بۇئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ﷲ نىڭ تەقدىرىدۇر [12] سۈرە فۇسسىلەت][ﷲ
نىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر [38] سۈرە
ئەھزاب]

                              ئاللا خالىغىنىنى قىلىدىغانلىقى

[ئاللا خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ.
لەۋھۇلمەھپۈز ئاللانىڭ دەرگاھىدىدۇر [39] سۈرە
رەئد][پەرۋەردىگرىڭ،ئەلۋەتتە، خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر [107] سۈرە
ھۇد][ئاللانىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال-سوراق قىلىنمايدۇ[23] سۈرە ئەنبىيا]

  ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇنداق دېگەن:«تەقدىردى قېچىش مەنپەئەت قىلمايدۇ، تەقدىرگە قارىشى دۇئا
قىلىش مەنپەئەت قىلىدۇ(ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ، تەقدىر ئەمەلىيەتكە
ئايلىنىشتىن ئىلگىرى دۇئا قىلىش مەنپەئەت قىلىدۇ، دېگەن) شەك- شۈبھىسىزكى،
دۇئا بالا- قازا بىلەن ئۈچرىشىپ تۇرىدۇ.ئۇ ئىككىسى قىيامەت كۈنىگىچە بىر-
بىرى بىلەن تالاش- تارتىش قىلىشىدۇ» [ھاكىم ھەسەن]

  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن:« دۇئانىڭ ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كەلمىگەن
كۆڭۈلسىزلىكلەر ئالدىدا پايدىسى بولىدۇ. ئى ئاللانىڭ بەندىلىرى دۇئادا
بولۇڭلار! »[ھاكىم ھەسەن]

  سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قازانى پەقەت دۇئالا قايتۇرىدۇ »[ھاكىم
ۋەتىرمىزى سەھىھ]

  يەنى بىر رىۋايەتتە:« ھەقىقەتەن دۇئا بىلەن تەقدىر ئاسمان-زېمننىڭ ئارىسىدا بىر- بىرىگە تاقابىل تۇرىدۇ»[مۇسلىم]

  ئىبنى جەرىر، ئەئمەشتىن شەقىق ئىبنى سەلەمەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
رىۋايەت قىلىدۇ:ئەبۇۋائى بۇ دۇئانى ھەقىقەتەن كۆپ قىلاتتى:« ئى ئاللا!
ئەگەر بىزنى بەختسىزلەرنىڭ قاتارىغا يېزىۋەتكەن بولساڭ ئۇنى ئۆچۈرۈپ بىزنى
بەختلىكلەر قاتارىغا يېزىپ قويغىن.ئەگەر بىزنى بەختلىكلەر قاتارىغا  يازغان
بولساڭ، ئۇنى ئۆز پېتى قالدۇرغىن. ھەقىقەتەن سەن خالىغان نەرسىنى
ئۆچۈرىسەن ۋەخالىغان نەرسىنى ئۆز پېتى قالدۇرىسەن.(ھەممە نەرسىلەر
يېزىلىدىغان) لەۋھۇلمەھپۈز سېنىڭ دەرگاھىڭدىدۇر » ئىبنى جەرىر ئۆمەر ئىبنى
خەتتاب ۋە ئىبنى مەسئودنىڭمۇ بۇنىڭغائوخشاش دۇئانى قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت
قىلدى[ تەپسىر ئىبنى كەسىر]

                           تەقدىر توغرسىدىكى ھەدىسلەر

[ھەممەنەرسىنى ﷲ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ﷲ ئوبدان بىلگۈچىدۇر [101] سۈرە
ئەنئام][(ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى)
سېنىڭ ئىختىيارىڭدائەمەس [128] سۈرە ئال ئىمران][بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان
ئىشتۇر  [21] سۈرە مەريەم][ئېيتقىنكى: بىزگە پەقەت ئاللانىڭ تەقدىر قىلغان
نەرىسىسى يېتىدۇ [51] سۈرە تەۋبە]

  ئابدۇللائىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:« ئاللا مەخلۇقاتلارنىڭ
تەقدىرىنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتۈۋەتكەن. ئۇ
چاغدا ئاللانىڭ ئەرشى سۇئۈستىدە ئىدى» [مۇسلىم]

  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« مۇسا ئەلەيھىسسالام:"(ادەم
ئەلەيھىسسالامغ)سەن ئاللا ئۆز قولى بىلەن ياراتقان، ئاندىن ئۆز روھىدىن
پۈۋلىگەن، ئاندىن پەرشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرغان، ئاندىن جەننىتىگە
يەرلەشتۈرگەن ئادەمسەن. ئەمما سەن خاتالىقىڭ تۈپەيلى ئىنسانلارنى يەر
يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتىڭ" دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام:" سەن ئاللا
پەيغەمبەرلىككە ۋە ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشكە تاللىغان، ھەرقانداق
نەرسە روشەن يېزىلغان تاختىلار بېرىلگەن، ئاللا ساڭا يېقىن كېلىپ
پىچىرلىغان مۇساسەن. سېنىڭچە ئاللا تەۋراتنى مەن يارىتىلىشتىن قانچە يىل
ئىلگىرى يازغاندۇ؟" دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام:" 40 يىل بۇرۇن" دەپ جاۋاب
بېرىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام:" ئۇنىڭدا : ئادەم پەرۋەردىگارىغا خىلاپلىق
قىلىپ ئېزىپ كەتتى- دەپ يېزىلغانلىقىنى ئوچراتتىڭمۇ؟" دەپ سورايدۇ.  مۇسا
ئەلەيھىسسالام:"ەئە" دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام:" ئۇنداقتا، ئاللا مېنى
يارىتىشتىن 40 يىل ئىلگىرى يېزىۋەتكەن ئەمەلنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنى
ئەيىبلەمسەن؟" دەيدۇ.شۇنداق قىلىپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام مۇسا
ئەلەيھىسسالامن يېڭىۋالىدۇ» [بۇخارى]

  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر كىچىك بالا ئۆلۈپ
كەتكەندە، مەن: ئۇ نېمىدېگەن بەختلىك-ھە؟ ئۇ جەننەت قۇشلىرىدىن بىرى
بولىدۇ- دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللانىڭ ھەم
جەننەتنى ھەم دوزاخنى ياراتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ئاللا ئۇنىڭغىمۇ بىر مۇنچە
ئىنسانلارنى، بۇنىڭغىمۇ بىر مۇنچە ئىنسانلارنى ياراتتى،دېدى» [مۇسلىم]

  جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
ئۈزلەت توغرىسىدا ( يەنى مەنىي سۈيىنى تۆكۆۋېتىش، يەنى ھامىلدارلىقنىڭ
ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مۇنداق دەپ قويغان ئىدى) ئاللاتائالا يارىتىشنى
تەقدىر قىلغان جان ئىگىسى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» [ئەھمەد ۋە بەيھەقى سەھىھ]

  ئابدۇللا ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى:«سىلەرنىڭ
بىرىڭلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدا 40 كۈن ئىچىدە شەكىللىنىدۇ، ئاشۇ كۈنلەردە
ئۇيۇل قانغا، ئاندىن بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاللا
ئۇنىڭغا تۆت ئىشنى پۈتۈش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ، پەرشتە ئۇنىڭ
ئەمەلىنى، ئەجىلىنىڭ قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى، رىزقىنى ۋە بەختلىك ياكى
بەختسىز بولىدىغانلىقىنى پۈتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا قان كىرگۈزۈلىدۇ. شەك-
شۈبھىسىزكى، بىر ئادەم دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ، تاكى ئۇنىڭ بىلەن
دوزاخنىڭ ئارىسى بىر گەز قالغان چاغدا، ئۇنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى ئالدىغا
چىقىدۇ- دە، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە
كىرىدۇ. بىر ئادەم جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ. تاكى ئۇنىڭ بىلەن
جەننەتنىڭ ئارىسى بىر گەز قالغان چاغدا، ئۇنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى
ئالدىغاچىقىدۇ- دە، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا
كىرىدۇ»[بۇخارى]

  ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن
پەيغەمبەرئەلەيىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:« ئاللا
ھەرقانداق بەندىنىڭ ئەجىلى، رىزقى، ئىش- ئىزلىرى، بەختلىك ياكى بەختسىز
ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بەش ئىشنى ئاللىبۇرۇن تەقدىر قىلىۋەتكەن» [ئەھمەد،
بەززار، ئەلكەبىر، ئەلئەۋسەت]

  ئەبۇ  سەئىد زورقىرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتە ئانا رەھمىدە تەقدىر قىلىنغان
نەرسىلەر چوقۇم شۇ پېتى بولىدۇ» [نەسەئىھەسەن]

ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاتائالا زەكەرىيە ئوغلى يەھيانى
ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا مۆئمىن ياراتقان، فىرئەۋننى بولسا ئانىسىنىڭ
قورسىقىدىلا كاپىرياراتقاندۇر» [ئىبنى ئەدى ۋە تەبرانى سەھىھ]

  ئۆبەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
مۇنداق دېگەن:« خىزىر ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىچىك بالا بولسا، ئۇنىڭ
تەقدىرى پۈتۈلگەن كۈنىلا ئۇنى كاپىر دەپ مۆھۈر بېسىلىپ كەتكەن. ئەگەر ئۇ
بالا ياشاپ قالغان بولسا، ئەلۋەتتە زۇمىگەرلىك ۋە كۇفرىلىقىدىن
ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار (قىلىشقا سەۋەب) بولاتتى»
[مۇسلىم ۋەتىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« سائادەتمەن كىشى دېگەن ئانىسىنىڭ
قورسىقىدىلا سائادەتمەن دەپ يېزىلغان كىشىدۇر. شەقى كىشى دېگەن ئانىسىنىڭ
قورسىقىدىلا شەقى دەپ يېزىلغان كىشىدۇر» [تەبرانى سەغىيردا توپلىغان سەھىھ]

  مەتەر ئىبنى ئۇكامىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئەگەر ئاللا بەندىنى مەلۇم بىر جايدا ئۆلۈشكە
تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇنى شۇ جايغا بېرىشقا مۇھتاج قىلىپ
قويىدۇ»[تىرمىزى]

  ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز
پەيغەمبەرئەلەيىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ بىزگە: ھەممىڭلارنىڭ
جەننەتتىكى ۋەدوزاختىكى ئورنى پۈتۈلۈپ بولدى، دېدى. بىز: ئى ئاللانىڭ
پەيغەمبىرى! ئۇنداق بولسا،بىز شۇنىڭغا تايانساق بولمامدۇ؟ دېگەنىدۇق. ئۇ:
ياق، ئەمەل- ئىبادەت قىلىڭلار. ھەر ئادەمنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى ئۆزىگە
مۇيەسسەر قىلىنىدۇ- دېدى. ئاندىن:[ پۇ-مېلىنى ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن)
سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمەتەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە
كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز. بېخىللىق قىلىپ
(ئاللانىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار
قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ
بېرىمىز[5-10] سۈرە لەيل] دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدى [بۇخارى ]

  ئەبۇ دەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەركىم تەقدىردە قىلىشى پۈتۈلگەن
ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنىدۇ » [ئەھمەد، تەبرانى، ھاكىم سەھىھ]

  ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاتائالا (جەننەت ۋە دوزاختىن) ئىبارەت
ئىككى ئورۇننىڭ بىرىگە ياراتقان بولسا، ئۇ كىشىگە شۇ ئورۇننىڭ ئەمىلىنى
ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ» [تەبرانىسەھىھ]

  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت  قىلىنىدۇكى، مەن: ئى ئاللانىڭ
پەيغەمبىرى!بىزنڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز تەقدىردە پۈتۈلۈپ بولۇنغان ئىشمۇ
ياكى يېڭىدىن بولۇنىدىغان  ئىشمۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«
(سەن قىلىۋاتقان ئىشلار) ساڭا پۈتۈلۈپ بولغان ئىشتۇر.ئى خەتتابنىڭ ئوغلى!
ئەمەل-ئىبادەت قىلغىن. چۈنكى ھەركىم ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغان ئەمەللەرنى
قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنىدۇ. بەختلىكلەر بەختلىك بۇلۇشىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىنى.
بەد-بەختلەر بەتبەخت بولۇشىنىڭ ئىش ئەمەللىرىنى قىلىدۇ» دېدى[ئەھمەدۋە
تىرمىزى] 

  جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداقدېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! بىز
تەقدىردە پۈتۈلۈپ بولغان ئىشنى قىلامدۇق ياكى تېخى پۈتۈلمىگەن ئىشنىمۇ؟ دەپ
سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« پۈتۈلۈپ بولغان ئىشنى» دەپ جاۋاپ
بەردى. بۇنى ئاڭلىغان سۇراقە: ئۇنداقتا نېمىشقا ئەمەل ئىبادەت قىلىمىز؟
دېدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:« ھەربىر كىشى پەقەت ئۆزىگە پۈتۈلگەن
ئەمەللەرنى قىلىشقىلا مۇيەسسەر قىلىنىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى[مۇسلىم ۋە ئىبنى
جەرىر] 

  يەزىيد ئىبنى مۇرسەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« خۇددى تىكەنلىك دەرەخدىن ئۈزۈم  (يەنى مېۋە)
ئۈزگىلى بولمىغاندەك، ئەنە شۇنداق فاجىر، پاسىق، يامان كىشىلەر، ياخشى
كىشىلەرنىڭ مەنزىل جايلىرىغا چۈشەلمەيدۇ،قايسى يولنى خالىساڭلار شۇ يولغا
مېڭىڭلار شۇ يولنىڭ ئەھلىگە چۈشىسىلەر، ياخشى يول بولسا، ياخشىلارغا، يامان
يول بولسا، يامانلارغا ، ئاندىن شۇلاردىن بولىسىلەر»[ئەبۇ نۇئەيىم ھەسەن]

  ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« تىكەنلىك (دەرەختىن) ئۈزۈم ئۈزگىلى
بولمىغاندەك،فاىر، پاسىق، يامان كىشىلەر ياخشىلارنىڭ مەنزىل ئورۇنلىرىغا
چۈشەلمەيدۇ؛ ئۇئىككىسى ئىككى يولدۇر. قايسى يولنى تاللاپ ئالساڭلار شۇ
يولغا يول تاپالايسىلەر،شۇ يولنىڭ ئەھلىگە يېتەلەيسىلەر» [ئىبنى ئەساكىر
سەھىھ]

  ئۇممۇ ھەبىبەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئاللاتائالاغا:” ئىئاللا!
ئېرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، دادام ئەبۇ سۇفيان ۋە ئاكام مۇئاۋىيە بىلەن
ئۇزۇن مەزگىل بىرگە ياشاشنى نېسىپ قىلغىن!“ دەپ دۇئا قىلغانىدىم،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام:« سەن ھەقىقەتەن ئاللادىن تەقدىر قىلىنغان ئەجەلنى،
بەلگىلەنگەن كۈنلەرنى، تەقسىم قىلىنغان رىزىقنى سورىدىڭ. چۈنكى بۇلار
ۋاقتىدىن بۇرۇنمۇ كەلمەيدۇ، كېيىنمۇ قالمايدۇ. ئاللادىن دوزاخ ۋە قەبرە
ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن بولساڭ، ياخشى ۋە ئەۋزەل بولار ئىدى» دېدى[مۇسلىم
ۋە ئەھمەد]

  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەرقانداق نەرسە ھەتتا ئەقىللىق
بولۇش ۋە ھاماقەت بولۇشمۇ ياكى ھاماقەت بولۇش ۋە ئەقىللىق بولۇشمۇ تەقدىر
بىلەن بولىدۇ» دېگەن[مۇسلىم ۋە ئەھمەد سەھىھ]

  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن:« ھەممە نەرسە ھەتتاكى ئاجىزلىق بىلەن
كۈچ-قۇۋۋەتمۇ ئۆلچەملىك قىلىپ يارىتىلدى»[مۇسلم ۋە ئەھمەد سەھىھ]

  ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قۇشلارمۇ تەقدىر بىلەن ماڭىدۇ»[ھاكىم ھەسەن]

  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« داۋالىنىشمۇ تەقدىردىندۇر،
داۋالىنىش ئاللا خالىغان نەرسە بىلەن ئاللاتائالا خالىغان كىشىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ» [ئىبنى سەنا ھەسەن]

  ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
مۇنداق دېگەن:« ئەگەر ئۇ ئىش قازايى- قەدەردە پۈتۈلگەن بولسا، چوقۇم يۈز
بېرەتتى» [دارىقۇتنى ۋە ئەبۇ نۇئەيىم سەھىھ]

  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىركۈنى،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىۋالغانىدىم. ئۇ:« ئى
ئوغلۇم!مەن ساڭا بىر قانچە كەلىمە ئۆگىتىپ قوياي. ئاللانىڭ بۇيرۇقلىرىغا
چىڭ يېپىشقىنكى،ئاللا سېنى قوغدايدۇ. ئاللانىڭ بۇيرۇقلىرىغان ئىزچىل ئەمەل
قىلغىنكى، ئاللانى كۆز ئالدىڭدا تاپىسەن. بىر نەرسە سورىساڭ، ئاللادىن
سورىغىن. ياردەم تىلىسەڭ، ئاللادىن تىلىگىن. بىلىپ قويغىنكى، بارلىق ئۈممەت
ساڭا پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلسىمۇ، ئاللا ساڭا پۈتۈۋەتكەندىن
باشقا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر بارلىق ئۈممەت ساڭا زىيان
يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئاللا ساڭا پۈتۈۋەتكەندىن باشقا ھېچقانداق زىيان
يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرۇدى»[تىرمىزى]

  ئابدۇللا ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:« سىلەرنىڭ
بىرىڭلارنىڭ چوغنى سوۋىغىچە تۇتۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ئاللا تەقدىر قىلغان
بىرەرئىشقا:" كاشكى بۇ ئىش بولمىغان بولسا" دېگىنىدىن ياخشىدۇر» [ئەلكەبىر]

  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« كۈچلۈك مۆئمىن ئاجىز مۆئمىندىن
ياخشى ۋە ئاللاغا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر. لېكىن ھەر ئىككىلىسى ياخشىدۇر. ساڭا
پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولغىن، ئاللادىن ياردەم
تىلىگىن، ئۆزەڭنى ئاجىز ھېس قىلمىغىن(ھەرقاناق ئەھۋالدا ئۈمىتۋار بولغىن!)
ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت يەتسە:"كاشكى مۇنداق قىلغان بولسام، بۇ ئىش
ئۇنداق بولمايتتى" دېمەستىن،ئەكسىچە:" ئاللانىڭ تەقدىرى شۇنداقكەن. ئاللا
خالىغىنىنى قىلىدۇ" دېگىن!چۈنكى " كاشكى" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئەمەلىگە
ئىشىك ئاچىدۇ» [مۇسلىم]

  ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بەندە تەقدىرگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ
تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرمىگىچە،پېشانىسىگە پۈتۈلگەن
نەرسىنىڭ چوقۇم يەتمەي قالمايدىغانلىقىنى، پۈتۈلمىگىنىنىڭ ھەرگىزمۇ خاتا
يېتىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلمىگىچە مۆئمىن بولالمايدۇ» [ئەھمەد ۋەتەبرانى
سەھىھ]

  ئىبنى دەيلەمىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئۇبەي ئىبنى كەئبىنىڭ
قېشىغا بېرىپ: كۆڭلۈمگە تەقدىر ھەققىدەبىر نەرسە كېلىۋالدى. شۇڭا سەن ماڭا
بىر ھەدىس سۆزلەپ بەرگىنكى، مۇشۇ ۋەسىلە بىلەن ئاللا قەلبىمدىكى ۋەسۋەسىنى
يوققا چىقىرىۋەتسە ئەجەب ئەمەس، دېگەنىدىم، ئۇ مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەردى:«
ئەگەر ئاللا ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلىنى ئازابلىماقچى
بولسا(ئازابلاۋېرىدۇكى)، ئۇلارغا زۇلۇم قىلغان بولمايدۇ. ئەگەر ئاللا
ئۇلارغا رەھمەتقىلماقچى بولسا، ئاللانىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن كۆپ
ئەۋزەلدۇر. ئەگەرئوھۇد تېغىدەك ئالتۇننى ئاللا يولىدا سەرپ قىلساڭمۇ، تاكى
سەن تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرمىگىچە، ئاللا ئۇنى سەندىن قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنى
بىلىشىڭ كېرەككى، پېشانەڭگە پۈتۈلگەن نەرسە ساڭا چوقۇم يەتمەي قالمايدۇ،
پۈتۈلمىگەن نەرسە ساڭا ھەرگىزمۇ خاتا يېتىپ قالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا
ئېتىقاد ئۈستىدە ئۆلسەڭ، ئەلۋەتتە دوزاخقاكىرىسەن» [ئەبۇ داۋۇد]

  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:ئاللا مۇسا
ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋراتنى نازىل
قىلغان چاغدا، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە
ئەگەشكەنلەرنى توپلاپ: تەقدىر ئاللانىڭ سىرىدۇر، شۇڭا ئۇنى بىلىمىز دەپ
ئاۋارە بولماڭلار، دېدى»[ئەلكەبىر]

  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز تەقدىر ھەققىدە تالاش-
تارتىش قىلىشىپ تۇرساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ قېلىپ، قاتتىق
ئاچچىقلاندى.ھەتتا ئاچچىقىدىن يۈزى قىزىرىپ، ئىككى مەڭزى ئاناردەك بولۇپ
كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:« سىلەر مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ ياكى مەن
مۇشۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىممۇ؟ سىلەردىن ئىلگىرى
ئۆتكەن ئۈممەتلەر بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ
كەتكەن. مەن سىلەرنىڭ تەقدىر ھەققىدە تالاشماسلىقىڭلارنى قاتتىق تەۋسىيەت
قىلىمەن» [تىرمىزى]

  ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« تەقدىر(توغرۇلۇق سۆز) تىلغا
ئېلىنسىا سۆز قىلماي جىم تۇرۇڭلار» [تەبرانى سەھىھ]

  جابىر ئىبنى سۇمرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن ئۈممىتىمگە ئەنسىرەيدىغان ئۈچ ئىش بار….
تەقدىرنى ئىنكار قىلىش» [ئەھمەد ۋە تەبرانى سەھىھ]

  ئەبۇ ئۇمامەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن مەن زاماننىڭ ئاخىرىدا
ئۈممىتىمگە ئەنسىرەيدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلىقى تەقدىرنى ئىنكار
قىلىش» [تەبرانى سەھىھ]

  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« تەقدىر توغرىلىق سۆز قىلىش مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ
ئاخىر زاماندىكى يامان كىشىلىرىگە قالدۇرۇلدى» [ھاكىم ۋە تەبرانى ئەۋسەتتە
ھەسەن]

  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ:« كەلگۈسىدە مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە تەقدىرنى ئىنكار
قىلىدىغان بىر مۇنچە قەۋملەر پەيدا بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم-
دەيدۇ» [ئەھمەدۋە ھاكىم سەھىھ]

  نافىئدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« بۇ ئۈممەتتىن تەقدىر ھەققىدە تالاش- تارتىش
قىلغانلار ئىچىدە يەر يۇتۇش، سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ياكى تاش يېغىش ۋەقەسى
يۈزبېرىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم- دېدى [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە سەھىھ]

  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« قەدەرىيە گۇرۇھى (تەقدىرگە
ئىشەنمەيدىغان گۇرۇھ) بۇ ئۈممەتنىڭ مەجۇسىيلىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار كېسەل
بولۇپ قالسا، ئۇلارنى يوقلىماڭلار.ئۆلپ قالسا، جىنازىسىغا قاتناشماڭلار»
[ئەبۇ داۋۇد ۋە ھاكىم ھەسەن]

  ئەبۇ ئۇمامەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەرئەلەيىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈچ كىشىدىن ئاللاتائالا قىيامەت
كۈنى ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى، نەپلە ئىبادەتلىرىنى، پەزىر ئىبادەتلىرىنى،
فىدىيەسىنى قوبۇل قىلمايدۇ:1- ئاتا- ئانىسىنىڭ  قارغىشىنى ئالغان.
2-سۇخەنچى. 3- تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى» [تەبرانى ھەسەن]

مەنبە:merifet.com

پايدىلانغان كىتابلار: قۇرئان كەرىم، تەپسىر ئىبنى كەسىر، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى،جەمئولفەۋائد،