رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m040.jpg

ئاتا ـ ئانىلار ئەۋلاتلىرىنىڭ مۇقەددەس بىر ئامانەت بولغانلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىدا تۇتۇپ، ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئەۋلاتلار بىر مۇددەت ئۇلارنىڭ يېنىدا ياشىغاندىن كېيىن، چوڭلار ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ پايدىلىق ئەزالىرى ئارىسىغا قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ بەدەن ۋە روھ جەھەتتىكى سالامەتلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنى ئەقىللىق، گۈزەل ئەخلاق ۋە مۇستەھكەم ئىمان ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈشى قېچىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھېچبىرى ئېھمال قىلىنماسلىقى لازىم. بەدەن بىلەن روھنىڭ سالامەتلىكى ۋە باشقا قابىلىيەتلەرنىڭمۇ بىرلىكتە يېتىلىپ كامالەتكە يېتىشى، بالىنىڭ كىشىلىكى ۋە ھەر ئىككى دۇنيادا بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. بالا ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيىتىگە، لازىم بولغاندا ئىنسانىيەت ئائىلىسىگە پايدىلىق خىزمەتلەر قىلىشقا تەدرىجىي ھالدا كىچىكلىكىدىن كۆنۈشى كېرەك.

ئۇلۇغ شائىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:

رەسۇلۇللاھ بىزگە ئېيتتى ھەدىسىدە،

ئەھلى ئەۋلات تەربىيلەشتە مەسئۇللۇق بار.

چارۋاچىلار ماللىرىغا دىققەت قىلماي،

چېگرا ئىچرە كىرىپ قالسا مەسئۇللۇق بار.

شۇڭا ئوخشاش مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرى،

توغرا يولغا يېتەكلەشتە مەسئۇللۇق بار.[1]

بالىغا كىچىك ۋاقتىدا دىن ۋە دۇنياسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغان بىلىم، جاسارەت ۋە ئىش ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلىشىش قابىلىيىتى ئۆگىتىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ...»[2]

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئىلىم ۋە ھۈنەر ئىگىسى بولغان، يامانلىقلاردىن ساقلانغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.»[3]

بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ تەلىم ـ تەربىيىسىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. ئىسلام بۇ ۋەزىپىنى ئاتا ـ ئانىنىڭ ئۈستىگە پەرز قىلغان، جەمئىيەت بىلەن دۆلەتنىمۇ بۇنىڭدىن مەسئۇل قىلغاندۇر. بۇ ۋەزىپىنى ئىھمال قىلىش ياكى بۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىماسلىق، دىن ۋە جەمئىيەتكە ئاسىيلىق قىلغانلىق ھېسابلانغاندەك، نارىسىدە بالىلارغا قارشى مەنىۋى جازا ھېسابلىنىدىغان بىر گۇناھتۇر.

ئاتا ـ ئانىلارنىڭ مۇنۇ ھەدىسلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

«ئاللاھ ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، شەپقەتنى سۆيىدۇ. ژىرىكلىك ۋە باشقا ئىشلار ئارقىلىق بەرمىگەن نەرسىنى شەپقەت بىلەن بېرىدۇ.»[4]

«شەپقەت قايسى نەرسىدە بولسا ئۇنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، قايسى نەرسىدىن چېقىرىلسا ئۇنى سەتلەشتۈرىدۇ.»[5]

«رەھىم قىلمىغان كىشىگە رەھىم قىلىنمايدۇ.»[6]

«بالىلىرىڭلارنى بىر نەرسە بېرىشتە تەڭ ـ باراۋەر قىلىڭلار، ئەگەر مەن بالىلاردىن بىرىنى ئارتۇق كۆرىدىغان بولسا ئىدىم، قىزلارنى ئارتۇق كۆرەتتىم.»[7]

«ئاللاھ تائالا بالاڭلارغا ئادىل بولۇشۇڭلارنى، ھەتتا ئۇلارنى سۆيۈشتىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ.»[8]

«قايسى بىر ئايال بالىلىرى تۇرىدىغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى بېقىش بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇ جەننەتتە مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ.»[9]

«بالىنىڭ ياخشىلىقى ۋە تەقۋادارلىقىغا ياردەم قىلغان كىشىنى ئاللاھ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.»[10]

«بالىلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا ياردەم قىلىڭلار.»[11]

«بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارغا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىن كېيىن ناماز ئوقۇغىلى ئۇنىمىسا ئۇرۇڭلار.»[12]

«بىراۋنىڭ قىز بالىسى بولۇپ، ئۇنى چىرايلىق تەربىيىلىسە، ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتىپ يېتىشتۈرسە، ئۇنى پاك يېمەك ـ ئىچمەك بىلەن چوڭ قىلسا، بۇ بالا ئۇ كىشىنىڭ دوزاختىن ساقلىنىپ قېلىشىغان سەۋەپ بولىدۇ.»[13]

«ئادەم بالىسى ئۆلگەندىن كېيىن بارلىق ئەمەلى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. پەقەت مۇنۇ ئۈچ ئىشى داۋاملىشىدۇ: سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم ۋە ئارقىسىدىن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان بالا.»[14]

ھەر ئائىلە بالىلىرىنىڭ ياخشى كىشىلەر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ غەيرەت ۋە ئەھمىيەت كۆرسىتىشى لازىم. ئىسلام دىمىنىزدا تەلىم ـ تەربىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غايىسى ياخشى كىشىلەر يېتىشتۈرۈشتۇر. شۇنداق بولغاچقا تەلىم ـ تەربىيە ئاساسلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىدىغان ئۇلۇغلۇقتادۇر.

"سىلەر بالىلىرىڭلارنى ئۇلار ياشايدىغان زامانغا كۆرە يېتشتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشاۋاتقان زاماندىن باشقا بىر زامان ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر." دېگەن ھېكمەتلىك سۆز، بالىلارنىڭ تەلىم ـ تەربىيىسى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئاساسنى بىلدۈرىدۇ. ياخشى بولغان ھەر نەرسىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدۇ. بۇنىڭ شەرتى ئۇ نەرسىنىڭ شەرىئەتكە زىت كەلمەسلىكىدۇر.

ياخشى تۇپراقتا پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن جىرىملار باشقا ياخشى تۇپراقلارغا يۆتكەلسە ياخشى ئۆسكەندەك، ئائىلىدە ياخشى تەربىيە ئالغان بالىلار مەكتەپ ۋە مەسجىدكە بارغاندا ياخشى تەلىم ئېلىپ، كىشىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئائىلە مۇھىتىدا ۋە مەكتەپلەردە ئىنساننىڭ بەدىنى ۋە روھى خاراكتىرىگە ئۇيغۇن، ياخشى ۋە پاك تەربىيىلەر بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن بالىلار ئائىلە ۋە جەمئىيەت ھاياتىدا ناھايىتى قابىلىيەتلىك، پايدىلىق، كامىل كىشىلەر بولىدىغانلىقى شەكسىزدۇر. بۇنداق ئەۋلاتلار ھوزۇر ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇنسۇرلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر بالىلار ئائىلىسىدە ۋە مەكتەپلەردە ئۆزلىرىنى ياخشى تەربىيىلەيدىغان تەربىيىچىلەر تاپسا، راسچىللىق ۋە ئەدەپ ـ ئەخلاق يولىنى تاللىسا، روھى پاك، ئەخلاقى گۈزەل بولۇپ يېتىشىدۇ ۋە ھەر قانداق ئىشتا ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ پايدىلىق بولغاننى تاللىيالايدىغان قابىلىيەتكە ئېگە بولىدۇ. ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ بەختلىك بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.

ئەگەر بالىلار كىچىكلىكىدە سەل قاراپ، ياخشى تەربىيىلىمىسە، پەرىشتىگە ئوخشاش پاك ـ پاكىزە بالىلار بىر كۈن كېلىدۇ، يامانلىقنى ياخشىلىقتىن ئەلا بىلىدىغان ۋە يامانلىقنى ياخشىلىق دەپ قىلىدىغان بولىدۇ. چۈنكى «ياخشى يەرنىڭ گىياھسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشى چىقىدۇ، ناچار يەردىن بولسا پايدىسىز ئۆسۈملۈكتىن باشقا نەرسە چىقمايدۇ...»[15]ماا بۇ ئوپ ئوچۇق بىر ھەقىقەتتۇر.

ئائىلە مەيلى ئوغۇل، مەيلى قىز بولسۇن، بالىلىرىغا ئەڭ ياخشى ئۆرنەك بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى يېتىشتۈرۇشى، ئۇلارنى كېلىدىغان زاماننىڭ شەرت ـ شارائىتىگە كۆرە ماددىي ـ مەنىۋىي جەھەتتىن تەييارلىشى كېرەك. ئائىلە بۇ ئىشلارنى قىلىشتا غەپلەتتە قالماسلىقى ۋە كېچىكىپ قالماسلىقى لازىم. جەمئىيەت ۋە دۆلەت بۇ چوڭ ۋەزىپىدە ئائىلىگە ياردەمچى بولۇشى لازىم. بۇنى ئىسلام بۇيرۇيدۇ.

بۈيۈك ئالىم ئەھنەف ئىبنى قەيسنىڭ بالىلار ھەققىدىكى مۇنۇ سۆزى ناھايىتى مۇھىم: "بالىلار كۆڭۈللىرىمىزنىڭ مېۋىسى، بەدىنىمىزنىڭ ئومۇرتقىسىدۇر. بىز بالىلار ئۈچۈن ئاستىغا تۆشەك بولىدىغان كەمتەر، پاك تۇپراق ۋە ئۈستىدىكى سايىۋەن ئاسمانغا ئوخشايمىز. بالىلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارغا ئۇرۇنىمىز.

ئەي ئائىلە باشلىقى! بالىلىرىڭ تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا بەرگىن، ئاچچىقلانغاندا ئۇلارنى خۇشال قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ ئۇلارمۇ مۇھەببىتىنى ساڭا بېرىدۇ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن سېنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىلىرىڭ ئۈستىدە ئېغىر بىر قۇلپىغا ئوخشاش بولساڭ، ئۇلار سېنىڭ ھاياتىڭدىن زىرىكىدۇ، ئۆلۈمۈڭنى تىلەيدۇ ۋە ساڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدىغان بولىدۇ."

كىشى بالىلىرىدا تەرسالىق ۋە باشتۇڭلۇق كۆرسىمۇ، سەۋر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يەنە گۈزەل ئەخلاق ۋە پايدىلىق ئىلىم ئۆگىتىشكە غەيرەت قىلىشى لازىم. قەتئىي ئۈمىدسىزلىككە چۈشمەسلىكى كېرەك. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ پايدىسى كۆرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ تىرىشچانلىقىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.

ئابدۇلئەھەد ھاپىز

[1] ئابدۇل ئەھەد مەخدۇم ھاجىم شېئىرلىرىدىن.

[2] سۈرە فاتىر: 28- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[3] فەيزۇلقەدىر: 1873- ھەدىس.

[4] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[7] فەتھۇلكەبىر: 2- توم، 150- بەت.

[8] فەتھۇلكەبىر: 1- توم، 355- بەت.

[9] فەتھۇلكەبىر: 1- توم، 494- بەت.

[10] فەتھۇلقەدىر: 2- توم، 134- بەت.

[11] فەتھۇلكەبىر: 1- توم، 203- بەت

[12] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.

[13] فەتھۇلكەبىر: 1- توم، 145- بەت.

[14] فەتھۇلكەبىر: 1- توم، 154- بەت.

[15] سۈرە ئەئراف: 58- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.