رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m041.jpg

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىز بالىلار ۋە ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «تۇل خوتۇن ۋە پېقىرلارنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش، ئۇلارنى قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندەك بولىدۇ.»[1]

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسىدە ئېگە چاقىسىز ئاياللارنىڭ، پېقىر ـ مىسكىنلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامداپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم بىر ئىجتىمائىي ۋەزىپە بولغانلىقىنى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندەك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنىى كۆرسىتىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى قىز بالىنى بالاغەتكە يەتكۈچە تەربىيىلەپ باققان كىشى قىيامەت كۈنى مەن بىلەن مۇشۇنداق بىللە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى بىرلەشتۈردى.»[2]

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! ئىككى ئاجىزنىڭ، يېتىم بىلەن ئايالنىڭ ھەقلىرىنى قوغدىماسلىقنىڭ گۇناھىنى ئوچۇق ئاشكارا ئۇقتۇردۇم؛ كىشىلەرنى بۇ ھەقلەرگە تاجاۋۇز قىلىشتىن مەنئى قىلدىم.»[3] بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ.

يېتىمنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھەقلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى بۇيرىغان ئايەتلەر بىلەن ھەدىسلەر ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىجتىمائىي جەھەتتىنمۇ ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم بولۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يولىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان ئىلاھىي نۇرلاردۇر.

«ئى مۆمىنلەر!... ئۇلار (ئاياللار) بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.»[4]

ئىسلام ئائىلىسىدە ئايالنىڭ ئانا ۋە خوتۇنلۇق سۈپىتى بىلەن قەدرىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى يۇقىرىدا ئۆتتى. يەنە ئايالنىڭ بالا چېغىدا بېقىلىشى ۋە ئېگە ـ چاقىسىز قالغىنىدا ھەق ـ ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى كاپالەتكە ئېلىنغانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىندى.

ئەمەلىيەتتە ئائىلىدە ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى بولغاندەك، ئايالنىڭمۇ ھەقلىرى يېنىدا مەسئۇلىيەتلىرى بار.

ئائىلىدە، ئائىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئائىلىنىڭ ماددىي ـ مەنىۋى بارلىق ئىھتىياجلىرىدىن مەسئۇل بولغان ئەردۇر. خوتۇنى ئۇنىڭ ياردەمچىسى ۋە ئۆيىنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنىڭ رەئىسىدۇر.

ئائىلە، ھاياتى بىرلىكىنى ۋە سائادىتىنى زايا قىلىپ، پارچىلىنىش مەجبۇرىيىتىدە قالغاندا، ئاجرىشىش ھوقۇقى ئىسلامغا كۆرە ئەرنىڭ قولىدىدۇر. ئەر ـ خوتۇنلار ئائىلە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىمكانىيەت تاپالمىغان؛ ئىسلامنىڭ ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن بارلىق چارە ـ تەدبىرلەر ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا كۇپايە قىلمىغان؛ ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ بىرلىكتە ياشىشى بىر ئازاپ، بىر ئىزتىراپ سەۋەبى بولغان ئەھۋالدا، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەتنىڭ ئورنىنى نەپرەت، ئادالەتنىڭ ئورنىنى زۇلۇم ئالغان ئەھۋالدا ئاجرىشىش لازىم كېلىدۇ. تالاق ھوقۇقى ئەرگە بېرىلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى چارىسىزلىك ئىچىدىكى ئائىلىنىڭ ئەزالىرىنى ئىزتىراپ ۋە زۇلۇمغا ئۇچراشتىن ساقلاش ئۈچۈندۇر. ئىسلامدا ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ ئورنى يوقتۇر. «ئاللاھ شەھۋەتپەرەس ئەر ۋە ئايالنى ياخشى كۆرمەيدۇ.»[5] بىلىش كېرەككى «ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدىغان ھالال ئىش ئاجرىشىشتۇر.»[6]

شەرىئەتكە ئۇيغۇن ۋە زۆرۈرىي سەۋەپ تېپىلماستىن بۇنداق ئاجرىشىش ئىسلام بېكىتكەن چەك ـ چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولىدۇ. «ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ...»[7]

ئىسلام ئىنساننىڭ روھىي پاكلىقىنى، ئىپپتىنى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى مەقسەد قىلغاندەك، ئۇنىڭ غۇرۇرىنى، شەرەپ ۋە نومۇسىنى قوغداشنىمۇ مەقسەد قىلغان. بۇ مەسىلىدە ئەر ـ ئايالنىڭ يارىتىلىشىغا ئەڭ ئۇيغۇن بولغان ئاساسلارغا ئەگىشىشنى بۇيرىغان. ئىسلام ئەر كىشىنىڭ ھارامدىن ساقلىنىشىنى بۇيرىغاندەك، ئايالغىمۇ ئىپپىتىنى ساقلاشنى ۋە بارلىق ئەۋرەتلىرىنى يۆگەشنى ئەمرى قىلغاندۇر. بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمرى. بۇ بۇيرۇق كىشىنىڭ بولۇپمۇ ئايالنىڭ ئەڭ يۇقىرى بايلىقى بولغان ھايا قىلىش تۇيغۇسىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئېسىل ئەدەبىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

«مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.»[8]

بىر ھەقىقەتنىڭ ئىسپاتلىنىشى

بىلىم ۋە تەخنىلوگىيە ناھايىتى تەرەققىي قىلدى. تۇرمۇش شارائىتلىرى بۇرۇنقىغا نىسبەتەن خېلى ئاسانلاشتى. لېكىن بۇ يەردە بىر نەرسە نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇ بولسا ئالدامچى، ئاساسى يوق، پارقىراق سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتكەن ئىنسانلارنىڭ ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىغانلىقىدۇر.

بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئايالنىڭ ئەر بىلەن تەڭ باراۋەر بولۇشى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سۆزلەر قىلىنغان، كۆپلەپ نەشرىياتلار تارقىتىلغان، پارقىراق شۇئارلار چىقىرىلغان بولسىمۇ، كۈنىمىزدە ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار يەنە ئاياللار بولماقتا. غەرپ ۋە شەرق ئەللىرىدە گۈزەل سەنئەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان پارقىراق شۇئارلار بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاياللارنى ئالدىماقتا. ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىمايدىغانلارنىڭ، مەنىۋىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغانلارنىڭ بۇزغۇنچى نەشرىيات ۋە ئالدامچى سۆزلىرىگە ئالدانغان بىر قىسىم ئاياللار ئىپپەت ۋە كىشىلىكىنى يوقىتىپ، يېرىم يالىڭاچ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يامان بىر ھالەتتە كوچىلارغا چىقماقتا.

بۇ ئەھۋال ئاياللارنىڭ قەدىر ـ قىممىتىنى كۆتۈرىدىغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى غەرپ ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياكى تېخىمۇ ئاۋۋالقى بۇزۇقچىلىقلارغا چۈشۇرمەكتە، رىمنى ۋەيران قىلغان پاتقاقلىقتا ئۇلارنىمۇ يوقاتماقتا.

بىر زامانلار رىمدا ئايال سۆز قىلىش، كۈلۈش، گۆش يېيىش ھوقۇقى بولمىغان بىر مەخلۇق دەپ قارىلاتتى. ئۆيلىنىش بولسا، ئەرنىڭ شەھۋانىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، ئوغۇل بالا دۇنياغا كەلتۈرۈش، چارۋىلارنى باقىدىغان خىزمەتچى قىلىش ۋاسىتىسى دەپ قوبۇل قىلىناتتى. كېيىنلەردە بۇ خاتا چۈشەنچىلەر تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ، ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە دېگەن پۈتۈنلەي يوقىتىلغان؛ نومۇسسىزلىق تەبىئىي ھالەتكە كەلگەن ئىدى. فىلورا ئويۇنلىرى ۋە تېخىمۇ قەبىھ ئىشلار رىملىقلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ ۋەھشى ۋە شەھۋانى باشتۇڭلۇق، رىم سارايلىرىنىڭ يىقىلىشىغا ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە بەربات بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئافېنادىكى رەزىللىكلەر رىمدىكىدىن بەتتەر ئىدى. ئۇ يەردە ئايال سايمانغا ئوخشاش ئېلىپ ـ سېتىلاتتى. ئايال شەيتان ھېسابلىناتتى. ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم ئىدى. ھاياسىزلىق نورمال ئەھۋال دەپ قارىلاتتى، ئىپپەتسىزلەر ئىززەتلىنەتتى ۋە شەرەپلىك ھېساپلىناتتى. سەنئەت ۋە گۈزەللىك زوقى ئاستىدا ئەڭ قەبىھ يامانلىقلار يالىڭاچ ئايال ھەيكەللىرى سەنئەت سانىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ھالاكەت بولدى.

ھىندىستان قانۇنلىرىدا، ۋابا كېسىلى، ئۆلۈم، ئوت، يىلانلار ئايال كىشىدىن ياخشىراق دەپ قوبۇل قىلىناتتى. بۇرمىلانغان تەۋراتتا ئايال ئۆلۈمدىن نەچچە ھەسسە ئاچچىق دەپ تەسۋىرلەنگەن، مىلادى 586- يىلى فرانسىيەنىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايلاردا "ئايال ئىنسانمۇ ئەمەسمۇ؟" دېگەن تىما تارتىشىلغان ۋە نەتىجىدە ئايالنىڭ ئىنسان بولغانلىقى، لېكىن ئەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈنلا يارىتىلغانلىقى خۇلاسلانغان ئىدى.

ياۋروپادا 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغىچە ئايالنىڭ شەخسىي ھېچقانداق ھەققى يوق ئىدى. ئاياللارنىڭ دۆلەت گراژدانى بولغانلىقى مۇشۇ تارىختىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

ئەرەبىستاندىمۇ ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋال ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ياۋروپادىكىدىن پەرقلىق ئەمەس ئىدى. ئەرەبلەر قىز بالىلىرىنى تىرىك كۆمەتتى، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالىغا ئېرىنىڭ مىراسى بېرىلمەيتتى، بەلكى ئۇ خوتۇن ئېرىنىڭ بىر تۇغقانلىرىنىڭ مىراسى بولاتتى.

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئائىلە ۋەيران بولغان. بۇ ۋەيرانلىقنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ھەرخىل سەۋەبلەر تەييارلانغان. ياۋرۇپادا ئاياللار يەنە يالغۇزلۇققا، ھىمايىسىزلىككە ئىتتىرىلمەكتە. ئايال يامان غەرەزلىك ئەرلەرنىڭ شەھۋانىي ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان ۋە پۇل تاپىدىغان ئېلانات ۋاسىتىسى قىلىنماقتا. ئايال كوچا ـ بازارلاردا بىلەت ساتىدىغان، بازارلارنى تازىلايدىغان، ھاياسىز ئېلاناتلار ۋە ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ئەدەپسىز كىنولاردا ئوينايدىغان رەزىللىككە مەھكۇم بولماقتا. ئۇلار ئائىلە سائادىتىگە ھەسرەت، لېكىن ئائىلىلىك ۋە بالىلىق بولۇش خۇسۇسىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا.

تۈركىيەدىن يېزا ئىگىلىك مۇتىخەسسىلىكىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن گېرمانىيىگە بارغان بىر دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ: "ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ تۈركىيەگە قايتىدىغان ۋاقتىمدا، مېنى ئوقۇتقان گېرمانىيىلىك پروفېسسور ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى. مېھماندارچىلىق تۈگىگەندىن كېيىن خوشلىش ئالدىدا پروفېسسور: "ھەر ھالدا گېرمانىيىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانسەن. سەن گېرمانىيەدە كۆرگەن زاۋۇد ـ فابرىكىلار تاش ـ تۆمۈرلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. بۇلار ھەرگىز سېنىڭ كۆزۇڭنى بويىمىسۇن. سىلەر مۇسۇلمان تۈركلەردە ۋە باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلەردە شۇنداق بىر بايلىق باركى، ئۇ بايلىق گېرمانىيەدە ۋە ياۋرۇپادا يوق. ئۇ بايلىق بولسا، ئائىلىدۇر. گېرمانىيە ۋە ياۋرۇپادا بۇ چۈشەنچە يوقالغاندۇر. ھالبۇكى سىلەردە ئائىلە ھازىرغىچىلىك مۇقەددەستۇر. بۇ بولسا ئەڭ يۇقىرى بايلىقتۇر. مەملىكىتىڭلارغا قايتىڭلار، بۇ بايلىقنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار ۋە ئۇنى قوغداڭلار" دېدى.

بىز بۇ بايلىقنىڭ قەدرىنى بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ياۋرۇپاچە ياشاش، ياۋرۇپاچە كىيىنىشكە ۋە ھەر ئىشتا ئۇلارنى تەقلىد قىلىشقا ئۇرۇنىمىز. ئاللاھ بىزگە ھەقنى كۆرۈپ، ھەق يولدا ماڭغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين.

[1] رىيازۇسسالىھىن: 263- ھەدىس.

[2] رىيازۇسسالىھىن: 265- ھەدىس.

[3] رىيازۇسسالىھىن: 267- ھەدىس.

[4] سۈرە نىسا: 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[5] ئەل جامىئۇسسەغىر شەرھى فەيزۇلقەدىر: 1820- ھەدىس.

[6] ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

[7] سۈرە تالاق: 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[8] سۈرە نۇر: 30-31- ئايەتلەر.