رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m042.jpg

ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلار ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. ئىسلام ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ كىشىلىكىنى ھۆرمەتلەپ، ھەق ـ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە ئەر ـ ئايال بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ ۋە جانابى ئاللاھنىڭ خىتابى ھەر ئىككىسىگە تەڭ قارىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.»[1]

«ئەر ـ ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)»[2]

«مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»[3]

«مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى.»[4]

بۇ ئايەتلەردىن مەلۇم بولىدۇكى، ئىسلامدا ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى ناھايىتى ئۈستۈندۇر. ئەر ـ ئايال ئىنسانىيەتتە ئوخشاش ۋە شەرەپلىكتۇر. ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن كىم مۆمىن بولۇپ، ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا پاك ۋە ياخشى ھايات بار، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىدۇ. ئىسلامدا ئائىلىنىڭ ئەزالىرى بولغان ئەر ـ خوتۇن ئىككىلىسى ھۆرمەتلىكتۇر. تەڭ ھەقلىرى، ناھايىتى شەرەپلىك ۋەزىپىلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرى بار. ھەر ئىككىسىنىڭ ئورتاق ھەقلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى بولغاندەك، يارىتىلىشىغا ئۇيغۇن مەسئۇلىيەتلىرى بار.

ئىسلامدا ئائىلە باشلىقى ئەردۇر. ئاللاھ تائالا شۇنداق تەيىنلىگەن. ئائىلىدىكى خوتۇن بىلەن بالىلار ئائىلە باشلىقىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. چۈنكى ئىسلامدا باشسىزلىق يوقتۇر. ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى بار ۋە بۇ مەسئۇلىيەتلەر بىر تۈزۈم ۋە ئۆلچەمگە باغلىق. ئائىلىنىڭ باشلىقى بولمىسا، ئائىلىنىڭ بىرلىكى، ھوزۇرى ۋە ماددىي ـ مەنىۋى ھەر تۈرلۈك ئىھتىياجلىرىدىن كىم مەسئۇل بولىدۇ؟

ئىسلام ئەرگە ئائىلە باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى بەردى. ئائىلىنىڭ ماددىي ـ مەنىۋى بارلىق ئىھتىياجىنى قامداشقا ئەرنى مەسئۇل قىلدى. ئائىلىنى ئۇنىڭغا ئامەنەت قىلىدى. خوتۇنىنى ۋە بالىلىرىنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى. خوتۇن بولسا ئائىلە باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە ياردەمچىسىدۇر.

ئائىلە باشلىقى پۈتۈن كۈچ ۋە قابىلىيىتىنى خوتۇنى ۋە بالىلىرىنى خاتىرجەم ۋە ھوزۇرلۇق ياشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشى، ھەققانىيەت، شەپقەت ۋە مەرھەمەت ئاساسلىرىغا ئەمەل قىلغان ھالدا ئائىلە ئەزالىرىنى بەختلىك قىلىشى بۇيرۇلغاندۇر.

قوپال مۇئامىلە قىلىش، تاش يۈرەك بولۇش، ناھەقچىلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىق ياكى ئۇنۇتۇشنىڭ ئىسلامدا ئورنى يوق. يەنى ئىسلام بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.

ئايال، ئەر ئۈچۈن ھوزۇر ۋە سائادەت سەۋىبى بولغاندەك، ئەرمۇ ئايالى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە بەختلىك بولۇشنىڭ سەۋەبى بولۇشى كېرەك. بىر ـ بىرىگە قارىتا بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئەينى ۋاقتىدا ھەر ئىككىسى ئۈچۈن بىر مەنىۋى مۇكاپاتتۇر. چۈنكى ئائىلە ئازالىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق ۋە ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ.

ئايال خوتۇنلۇق سۈپىتى بىلەن ئۆينىڭ باشلىقىدۇر. ئۇ پۈتۈن زوقى بىلەن ئۆيىنىڭ تەرتىپ ـ ئىنتىزامىنى ساقلاش، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۆيىنى ئۆزى، بالىلىرى ۋە ئېرى ئۈچۈن جەننەت كىبى سائادەت ماكانى قىلىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

ئائىلىدە ئايال

ئىسلام سالىھە ئايالنى ئېرى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخت ھېسابلايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىشى ئىگە بولىدىغان ئەڭ ياخشى خەزىنە سالىھە خوتۇندۇر. ئېرى ئۇنىڭغا قارىغاندا ئېرىنى خۇشال قىلىدۇ، ئېرى ئۆيدە بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋە شەرىپىنى قوغدايدۇ، بىر ئىشقا بۇيرىسا ئېرىگە ئىتائەت قىلىدۇ.»[5]

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «كىشى تەقۋادارلىقتىن كېيىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسە سالىھە خوتۇندۇر. ئۇ – ئېرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدۇ، ئېرى ئۇنىڭغا قارىغاندا ئۇنى خۇشال قىلىدۇ، ئېرى بىر نەرسىگە قەسەم قىلىسا، قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ، ئېرى يوق ۋاقتىدا ئۇنىڭ مال ـ مۈلكىنى ۋە ئىپپەت ـ نومۇسىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.»[6]

ئىسلامدا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، خوتۇننىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن بېكىتىلگەن مۇنۇ ئاساسلارنى ھەر دائىم كۆز ئالدىدا تۇتۇپ ئەمەل قىلىش دىنىي ۋە ئىنسانىي بىر مەجبۇرىيەتتۇر:

«مۆمىنلەرنىڭ ئىماندا ئەڭ كامىل بولغىنى ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغىنىدۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار خوتۇنىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇر.»[7]

«خوتۇنلار ھەققىدە بىر ـ بىرىڭلارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىڭلار.»[8]

«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار خوتۇنىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇر، مەن سىلەرنىڭ خوتۇنىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇرمەن.»[9] دېگەن سۆزلەر بىلەن مۆمىنلەرگە ئائىلە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتا ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.

«كىشىنىڭ ياخشىلىق يولىدا خەژلىگەنلىرى ئىچىدە ئەڭ ساۋابلىق بولغىنى، خوتۇن ـ بالىلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا خەژلىگەنلىرىدۇر.»[10]

«ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ خوتۇن ـ بالىلىرىڭنىڭ ئىھتىياجىغا قىلغان چىقىمىڭ ئۈچۈن، ھەتتا خوتۇنۇڭنىڭ ئاغزىغا قويغان بىر دانە خورما ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىسەن.[11]

«ئى مۆمىنلەر! ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.»[12]

«ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك).»[13]

ئائىلىدە تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرى پەقەتلا ئەرلەرنىڭ ئۈستىدە ياكى پەقەتلا ئاياللارنىڭ ئۈستىدە ئەمەس. ھەر ئىككىسىنىڭ ئورتاق ھەق ـ ھوقۇقلىرى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەتلىرى بار. پۈتۈن مەسىلە ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتكە ھوزۇر ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بۇ ھەق ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ساغلام ئەقىل بىلەن تونۇپ يىتىپ ئەمەل قىلىشتۇر.

مۇنۇ ھەدىس شەرىفتە ئائىلە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم يەنە بىر مەسىلە بايان قىلىنىدۇ: «بىر مۆمىن خوتۇنىغا قارىتا نارازىلىق كۆرسەتمىسۇن، چۈنكى خوتۇنىدا كۆڭلىگە ياقمايدىغان خۇيلار بولسا، كۆڭلىگە ياقىدىغان باشقا خۇيلارمۇ بار.»[14]

كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئىسلام ئەرلەردىن خوتۇنلىرىغا چىرايلىق ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك ئاياللارغىمۇ ئەرلىرىگە ياخشى ۋە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشنى بۇيرۇغان. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئائىلىنى ئادالەت، بىر ـ بىرىگە مۇھەببەت، مەرھەمەت، شەپقەت، ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش ئۈستىگە قۇرغان ۋە بۇ ئاساسلارنى مۇستەھكەم تۇتۇپ ئەمەل قىلىشنى ئەر ۋە ئايالدىن تەلەپ قىلغاندۇر.

ئەرنىڭ ئايالىغا قاتتىق قوللۇق قىلىشى، ئۇرۇپ تىللىشى توغرا بولمىغاندەك، ئايالنىڭمۇ ئېرىگە ئىتائەت قىلماي بويۇنتاۋلىق قىلىشى، ئېرى بىرنى دېسە، ئىككىنى دەپ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس. ئائىلىنىڭ ھوزۇرلۇق ۋە بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئاڭلىق بولۇشى، ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىشى، خوتۇننىڭ ئېرىنى ئىدارىدىكى باشلىقىنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىشى لازىم. چۈنكى ئەرمۇ ئائىلە باشلىقى ۋە قولى ئاستىدىكىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار، ياخشى باشقۇرمىسا ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى ھەر ئىككى دۇنيادا بەختلىك قىلسۇن. ئامىين.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز.

[1] سۈرە نەھل: 97- ئايەت.

[2] سۈرە نىسا: 124- ئايەت.

[3] سۈرە تەۋبە: 71- ئايەت.

[4] سۈرە ئەھزاب: 35- ئايەت.

[5] ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

[6] ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

[7] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.

[8] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[9] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[10] رىيازۇسسالھىن: 288- ھەدىس.

[11] رىيازۇسسالھىن: 290- ھەدىس.

[12] سۈرە نىسا: 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[13] سۈرە بەقەرە: 228- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[14] رىيازۇسسالھىن: 273- ھەدىس.