رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

َارَكَ اللَّهُ لَكَ وَبَارَكَ عَلَيْكَ وَجَمَعَ بَيْنَكُمَا فِى خَيْرٍ.تەرجىمىس: «سىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ سىلەرگە تەۋە نەرسىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن ۋە ئىككىڭلارنى ياخشىلىق ئىچىدە بىرلەشتۈرسۇن»([1]).خوتۇن ياكى خىزمەتچى ياكى ئۇلاغ ئالغاندا ئوقۇيدىغان دۇئااللَّهُمَّ إِنِّى أَسْأَلُكَ خَيْرَهَا وَخَيْرَ مَا جَبَلْتَهَا عَلَيْهِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا وَمِنْ شَرِّ مَا جَبَلْتَهَا عَلَيْهِ. تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سەندىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە سەن ئۇنىڭ خاراكتېرىغا ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەنلەرنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ۋە سەن ئۇنىڭ خاراكتېرىگە ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن  ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمە»([2]). ئەر _ ئايال يېقىنچىلىقىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا  اَللَّهُمَّ جَنِّبْناَ الشَيْطَانَ وَجَنِّبِ الشَّيْطَانَ مَا رَزَقْتَناَ.تەرىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزدىن شەيتاننى يېراق قىلغىن ۋە بىزگە ئاتا قىلىدىغان پەرزەنتتىن شەيتاننى يېراق قىلغىن»([3]).  ئۇيقۇدىن چۇچۇپ ئويغانغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئاأَعُوْذُ بِكَلِمَاتِ اللهِ التَّامَّةِ مِنْ غَضَبِهِ وَعِقَابِهِ وَشَرِّ عِبَادِهِ، وَمِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِيْنِ وَأَنْ يَحْضُرُوْنَ.تەجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ، ئۇنىڭ غەزىبىدىن ۋە ئازابىدىن، بەندىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»([4]).چۈشكەن ئۆيدىكى جانۋارلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئاأَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ.تەرجىمىس: « ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن»([5]). قورقۇنچلۇق ياكى يامان چۈش كۆرگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ياخشى چۈش ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياخشى چۈش كۆرسە، ئۇنى پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېقىن كىشىسىگىلا ئېيتسۇن؛ ئەگەر قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرسە ئۇنى ھېچكىمگە دېمىسۇن، سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرسۇن ۋە ئاللاھقا سېغىنىپ كۆرگەن نەرسىسىنىڭ ۋە شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن. شۇنداق قىلسا ئۇنىڭ كۆرگەن يامان چۈشى ئۇنىڭغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»([6]). --------------------------------------------------------------------------------([1]) ;     ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([2])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([3])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([4])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([6])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.