رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

1. اَللَّهُمَّ اِنّاَ نَسْتَعِيْنُكَ  وَنَسْتَغْفِرُكَ  وَنُثْنِي عَلَيْكَ الْخَيْرَ نَشْكُرُكَ وَلاَ نَكْفُرُكَ  وَنُؤْمِنُ بِكَ وَنَخْضَعُ لَكَ وَنَخْلَعُ مَنْ  يَكْفُرُكَ . اَللَّهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَلَكَ نُصَلِّي وَنَسْجُدُ وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ وَنَرْجُوْ رَحْمَتَكَ نَخْشََى عَذَابَكَ اِنَّ عَذاَبَكَ بِالْكُفَّارِ مُلْحِقٌ.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم سورايمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى مەدھىيىلەيمىز، ساڭا شۈكۈر قىلىمىز، كۇپۇرلۇق قىلمايمىز، ساڭا ئىشىنىمىز، ساڭا ئىتائەت قىلىمىز ۋە ساڭا ئىنكار قىلغانلاردىن يۈز ئۆرۈيمىز. ئى ئاللاھ! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سېنىڭ ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى تىلەيمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز. ھەقىقەتەن سېنىڭ ئازابىڭ كۇففارلارغا چۈشكۈچىدۇر»([1]).2. اَللَّهُمَّ اهْدِنِي فِيْمَنْ هَدَيْتَ ، وَعَافِنِي فِيْمَنْ عَافَيْتَ، وَتَولَّنِي فِيْمَنْ تََوَلَّيْتَ ، وَبَارِكْ لِي فِيْمَا أَعْطَيْتِ ، وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ فَإِنَّكَ تَقْضِي وَلاَ يُقْضىٰ عَلَيْكَ ، إِنَّهُ لاَّ يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، وَلاَ يَعِزُّ مَنْ عاَدَيْتَ،  تَبَارَكْتَ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ.ترجىمىسى: «ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەتكە باشلىغىن، ماڭا سەن ساقلىق ئاتا قىلغانلار قاتارىدا ساقلىق ئاتا قىلغىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە  ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن. ھەقىقەتەن سەن مۇتلەق خاھىش ئېگىسىسەن. ساڭا شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. سەن ئەزىز قىلغان خورلانمايدۇ، سەن خورلىغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغىسەن»([2]).ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئاسُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَلاَئِكَةِ وَالرُّوحِ. (ئۈچ قېتىم  ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: «مۇقەددەس پادىشاھ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىبرىئىلنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ پاكتۇر»([3]). --------------------------------------------------------------------------------([1]) ;     بەيھەقى رىۋايىتى.([2])      تىرمىزى رىۋايىتى.([3])      نەسائىي ۋە دارى قۇتنى رىۋايىتى.