رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

تائامدىن ئاۋۋال ئېيتىلىدىغان زىكىرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر تائام يېيىش ئالدىدا ‹بىسمىللاھ› دەڭلار، ئەگەر تائامدىن ئاۋۋال ئونۇتقان بولساڭلار، ئېسىڭلارغا كەلگەن ھامان بِسْمِ اللهِ فِي اَوَّلِهِ وَ آخِرِهِ ـ ئاۋۋال ۋە ئاخىر ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلىدىم، دەڭلار»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا تائام كەلتۈرۈلگەندە: اَللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيْمَا رَزَقْتَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ بِسْمِ اللَّهِ - ئى ئاللاھ! بىزگە ئاتا قىلغان رىزقىڭغا بەرىكەت بەرگەيسەن ۋە بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ... دەيتتى»([2]). ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «تائامنىڭ ھەققى بِسْمِ اللَّهِ اَللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيْمَا رَزَقْتَنَا - ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! بىزگە ئاتا قىلغان رىزقىڭغا بەرىكەت بەرگەيسەن، دېيىشتۇر»([3]). تائامدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا 1. اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَطْعَمَنِي هٰذَا وَرَزَقَنِيْهِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنّي وَلاَ قُوَّةٍ. تەرجمىسى: «جىمى ھەمدۇ سانا مەن ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلماستىن، مېنى بۇ تائام بىلەن غىزالاندۇرغان ۋە ئۇنى ماڭا رىزىق قىلىپ ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىمەن»([4]). 2. اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أطْعَمَنَا وَسَقَانَا وَجَعَلَنَا مِنَ الْمُسْلِمِيْنَ. تەرجىمىسى: «جىمى ھەمدۇ سانا بىزنى غىزالاندۇرغان، بىزنى سوغارغان ۋە بىزنى مۇسۇلمانلاردىن قىلغان ئاللاھقا خاستۇر ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىمەن»([5]). 3. اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَأَطْعِمْنَا خَيْرًا مِنْهُ. تەرجىىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە بۇنىڭدا بەرىكەت ئاتا قىلغىن ۋە بىزنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بىلەن رىزىقلاندۇرغىن»([6]). ئىپتار قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا 1. ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتِ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ  اْلاَجْرُ إنْ شَاءَ اللهُ. تەرجىمسى: «ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار سوغۇرىلدى. ئاللاھ خالىسا ساۋاب پۈتۈلدى»([7]). 2. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ، الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي.  تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممىگە كەڭ بولغان چەكسىز رەھمىتىڭگە سېغىنىپ مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى تىلەيمەن»([8]).  ئىپتارغا چاقىرىلغان ئۆيدە ئوقۇلىدىغان دۇئا أفْطَرَ عِنْدَكُمُ الصَّائِمُونَ وَأَكَلَ طَعَامَكُمُ الأبْرَارُ، وَتَنَزَّلَتْ عَلَيْكُمُ الْمَلاَئِكَةُ. تەرجىمىسى: «سىلەردە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلار يېدى ۋە پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تىلىدى»([9]).   مەجلىستىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا سُبْحَانَكَ اَللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ لاَ إلٰهَ إلاَّ أَنْتَ أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ.  تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. سەندىن مەغپىرەت تىلەيمە ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن»([10]).    --------------------------------------------------------------------------------([1])    ;  تىرمىزى رىۋايىتى.([2])      ئىبنۇسسۇننىي رىۋايىتى.([3])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([5])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([6])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([7])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([8])      ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([9])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([10])    تىرمىزى رىۋايىتى.