رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

قاتناش قۇراللىرىغا چىققاندا ئوقۇلىدىغا دۇئا1. سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِيْنَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ.ەرجىمىسى: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز بۇنىڭغا(چىقىشقا)قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز»([1]).2. اَلْحَمدُ لِلَّهِ، اَلْحَمدُ لِلَّهِ ، اَلْحَمدُ لِلَّهِ ، اَللهُ اَكْبَرُ، اَللهُ اَكْبَرُ، اَللهُ اَكْبَرُ، سُبْحاَنَكَ  اللّهُمَّ اِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فاَغْفِرْلِي فَاِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ اِلاَّ اَنْتَ. تەرجىمىسى: «جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، شۇبھىسىزكى، گۇناھلارنى سەندىن باشقا مەغپىرەت قىلغۇچى يوق»([2]). سەپەرگە چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ إنَّا نَسْأَلُكَ فِي سَفَرِنَا هَذَا الْبِرَّ وَالتَّقْوىٰ، وَمِنَ الْعَمَلِ مَا تَرْضَىٰ، اَللَّهُمَّ هَوِّنْ عَلَيْنَا سَفْرَنَا هٰذا، وَاطْوِ عَنَّا بُعْدَه، اَللَّهُمَّ أَنْتَ الصَّاحِبُ فِي السَّفَرِ، والخَلِيفَةُ فِي اْلاَهْلِ، اَللَّهُمَّ إِنَّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ وَعْثَاءِ السَّفَرِ، وَكآبَةِ الْمُنْقَلَبِ، وَسُوءِ الْمَنْظَرِ فِي اْلاَهْلِ وَالْمَالِ.تەرجمىسى: «ئى ئاللاھ! بۇ سەپىرىمىزدە سېنىڭدىن ياخشىلىق بىلەن تەقۋالىقنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەلنى تىلەيمىز. ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ سەپىرىمىزنى ئۇڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن، ئۇنىڭ مۇساپىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەن سەپەردە ھەمراھ، ئەھلىمىزدە ئورۇنباسارسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ سەپىرىمنىڭ زورلىقىدىن، چىرايىمنىڭ سارغىيىشىدىن، ئائىلەمگە ۋە پۇل ـ مېلىمغا زىيان ـ زەخمەت يېتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»([3]).سەپەردىن قايتىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئاآيِبُونَ تَائِبُونَ، عَابِدُونَ لِرَبِّنَا حَامِدُونَ.تەرجمىسى: «ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى ۋە پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمدۇ سانا ئېيتقۇ چىلارمىز»([4]). بازارغا كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئالاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَشَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ يُحْيِ وَيُمِيْتُ وَهُوَ حَيٌّ لاَ يَمُوْتُ بِيَدِهِ الْخَيْرُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ.تەرجىمسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرەلەيدۇ، ئۇ ھەمىشە تىرىك بولۇپ ھېچ ئۆلمەيدۇ، پۈتۈن ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر»([5]). يولۇچىنىڭ ئۇزاتقۇچىلارغا قىلىدىغان دۇئاسىأَسْتَوْدِعُكُمُ اللهَ الَّذِي لاَ تَضِيْعُ وَدَائِعُهُ تەرجىمىسى: «سىلەرنى قەتئىي يوقالمايدىغان زات ― ئاللاھقا ئامانەت قىلىپ تاپشۇردۇم»([6]).يولۇچىنى ئۇزاتقۇچىلارنىڭ قىلىدىغان دۇئاسىأسْتَوْدِعُ اللَّهَ دِينَكَ وأمانَتَكَ وخَواتِيْمَ عَمَلِكَ .تەرجىمىسى: «سېنىڭ دىنىڭنى، ئامانىتىڭنى ۋە ئىشىڭنىڭ خەيرلىك ئاخىرلىشىشىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم»([7]). مېھماننىڭ ساھىبخان ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئاسى1. اَللَّهُمَّ بَارِكْ لَهُمْ فِيْمَا رَزَقْتَهُمْ وَاغْفِرْ لَهُمْ وَارْحَمْهُمْ. تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئۇلارغا ئاتا قىلغان رىزقىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا رەھىم قىلغىن»([8]).2. اَللَّهُمَّ أَطْعِمْ مَنْ أَطْعَمَنِي وَأَسْقِ مَنْ سَقَانِي.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! مېنى غىزالاندۇرغاننى غىزالاندۇرغىن ۋە مېنى سۇغارغاننى سۇغارغىن»([9]).--------------------------------------------------------------------------------([1])  ;    زۇخرۇف سۈرىسى 13 ـ ئايەت.([2])      تىرمىزى رىۋايىتى.([3])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([4])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([5])      تىرمىزى رىۋايىتى.([6])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([7])      تىرمىزى رىۋايىتى.([8])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([9])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.