رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رامىزاننى قانداق كۈتىۋالىسىز؟

ھاياتلىق سەپىرى ئاللاھقا كېتىپ بارغان بىر ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، ھەر قانداق بىر سەپەر ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىش ۋە سەپەر جەريانىدا يول بويى ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىدىن  قاتناش قوراللىرىمىزغا يېتەرلىك ماي قاچىلاپ مېڭىش زۆرۈر بولغاندەك، بۇ ھاياتلىق سەپىرىدىمۇ رامىزان ئېيىغا ئوخشاش مەخسۇس ئايلاردا ئۆزىمىزنى روھىي ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، تولۇقلاپ تۇرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر. رامزان ئېيىنىڭ  روھانىيلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئاينى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى  بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئەخلاقىڭىزدىن قىڭغىرلىقلارنى تۈزىتىپ، ئەمەل-ئىبادەتلىىڭىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزىڭىزنى بىر قېتىم رېمونت قىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندە سىزگە 20 تەكلىپنى تەقدىم قىلىمىز:1.  بىر ئاي بويىچە ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ساۋاب قازىنىشقا بەل باغلاپ نىيەتنى دۇرۇسلاش.2- رامىزان ئېيى بويىچە ھەر كۈنى ئاز مىقداردا بولسىمۇ يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ تۇرۇش.3- ھەر كۈنى قۇرئان كەرىمنى كۆڭۈل قويۇپ، ئىخلاس بىلەن ئوقۇشنى ۋەزىپە قىلىش.4- تىلنى يالغاندىن، گەپ توشۇشتىن، غەيۋەتتىن ۋە ھاجەتسىز كۆپ سۆزلەشتىن ساقلاش.5.  بالىلارنى تائەت-ئىبادەتكە كۆندۈرۈش، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش، زىكىرلەرنى ئېيتىش ۋە مەسجىدلەرگە بىرگە ئېلىپ چىقىش.6- بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش.7- ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى كۆپرەك قىلىپ، ئىبادەت ۋە دۇئالىرىدا ئۇلارغا ھەنراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى دۇئاسىنى ئېلىۋېلىش.8- ھەر ۋاقىت ئاللاھقا زىكىر، تەسبىھ ئېيتىشنى ئادەت قىلىۋېلىش.9- مەسجىدلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەرگ قولاق سېلىپ ئىبرەت ۋە دەرس ئېلىش.10- ئۇرۇق-تۇغقانلارى، قوشنىلارنى ۋە دوستلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش.11- گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىپ سېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش.12- تاراۋىھ نامىزىنى مەسجىدلەردە تولۇق ئادا قىلىش.13-  گۇناھلار، كەمچىلىكلەر ۋە خاتالىقلار ئۈچۈن ھەر كۈنى تەۋبىنى يېنىلاپ تۇرۇش.14- دۇئانى كۆپ قىلىش، ئاللاھقا چىن يۈرەكتىن ئېسىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەش.15-  ھەر كىمگە  ناھايىتى ئىللىق، قىزغىن ۋە تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىش.16- پۈتۈن يېتەرسىزلىكلەرنى بۇ رامىزان ئېيىدا تولۇقلىۋېلىپ، شۇ بويىچە داۋام قىلىش.17- رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈننىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ، بۇ كۈنلەرنى، خۇسۇسەن ئۇنىڭ كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش.18-  رامىزاندا بىر ئاي بويىچە ئالغان ئالغان روھىي ئوزۇق ۋە روھىي تەربىيەنىڭ كۈچى بىلەن ھاياتنىڭ ئاخىرغىچە بۇ ئىستىقامەتنى ساقلاشقا بەل باغلاش.19- زاكاتنى تولۇق ۋە جايىدا ئادا قىلىش، فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن ئادا قىلىش.20- ساۋاب ۋە شەرەپ جەھەتتە مىڭ ئايدىن ئۇلۇغ بولغان قەدىر كېچىسىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىر 10 كۈنىدە ئىبادەتنى كۆپ قىلىش._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();