رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رامزاننى ساغلام قەلىب بىلەن كۆتۈۋېلىش

ساغلام قەلىب، باشتا ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن باشلاپ، شەك- شۈبھە ۋە ھەسەد، ئىچى يامانلىق كىبىر، بېخىللىق ۋە دۇنياپەرەسلىك قاتارلىق ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبە ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە چەكلەنگەن ياكى يامان كۆرسىتىلگەن خىسلەتلەردىن ساغلام ۋە خالى بولغان قەلىبدۇر.ساغلام قەلىب ئىگىسى پۈتۈن ئىبادەتلىرىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان، ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى تۇنۇپ تۇلۇق ئادا قىلغان كىشىدۇر.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:( ئۇ كۈنى ھېچ كىشىگە مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلىب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ) ([1])قەلىبتىن ئىبارەت بۇ ئەزانىڭ ساغلام بولىشى، ئىنساننىڭ ساغلام بولىشى دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: « ئاگاھ بولۇڭلار، بەدەندە بىر پارچە گۆش بولۇپ، ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ گۆش بولسىمۇ قەلىبتۇر». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبىدە نىمە بارلىقىنى پەقەت بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. قەلىب ئەمەللىرى ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرى سەلەپ سالىھلار، ھەممە نەرسىدىن بۇرۇن قەلىبكە ناھايىتى ئەھمىيەت بىرەتتى. ھەسەن ئەلبەسرى مۇندان دەيدۇ: «ئى ئادەم سۆزلە ۋە ئەمەل قىل. سۆزىڭدىن سىنىڭ ئەمەلىڭ ئەۋزەلدۇر. سىنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارا ئەمەللىرىڭ بولۇپ مەخپى ئەمەللىرىڭ ئاشكارا ئەمەللىرىڭدىن تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر.»ئۇلۇ رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قەلىبى ساغلام ياشاشقا تەييارلىنىش ۋە قەلىپنى پاكلاشقا تىرىشىشنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇنداق قىلىش ئانچە ئاددى ئىش بولمىسىمۇ، بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس. بەلكى قەلبى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىدۇ.ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: )بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يىتەكلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر(. ([2])قانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ قەلبىنى پاكلاش ياكى ساغلام قەلىپ ئىگىسى بولۇشقا قادىر بولىدىكەن، مۇبارەك ئاينىڭ بەركەتلىرىنى قولغان كەلتۈرگەن بولىدۇ. چۈنكى ساغلام قەلىب باشقا قەلىبلەرگە قارىغاندا رەھمە ۋە مەغپىرەت قىلىنىشقا بەكراق يېقىندۇر.چۈنكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلگۈچىدۇر. جۈملىدىن ساغلام قەلىپ باشقىسىغا قارىغاندا مەغپىرەت قىلىنىشقا ئەڭ لايىقتۇر.شۇنىڭدك، ساغلام قەلىب ئىگىسى سالىھ ئەمەللەرنى ئادا قىلغان ۋە ئۇلۇغ ئاللاھغا سېغىنىپ دۇئا قىلغاندا باشقا كىشىلەر تېتىپ باقمىغان لەززەتلەرنى تېتىيدۇ.كۆپىنچە ئىنسانلار قۇرئان تىلاۋەت قىلسىمۇ، لېكىن قەلبى ساغلام ئىنسانلار ئالغان لەززەتنى تېتىيالمايدۇ. چۈنكى قەلبى ساغلام ئىنسانلار قۇرئان ئوقۇغاندا تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇپ چۈشىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ.يەنە ئىنسانلار رامىزاندا رەھىمدىللىك، چىرايلىق سۆزلۈك، ساخاۋەت، ئوچۇق چىراي بولۇش قاتارلىق ياخشى خىسلەتلەرنى ئىزدەيدىغان بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت ساغلام قەلىپ ئىگىلىرىدىلا جۇغلاشقان خىسلەتلەردۇر.راىزان ئېيى دوزاختىن ئازات بولۇش ئېيى بولۇپ، قەلبى ساغلام كىشىلەر دوزاختىن ئازات بولۇشقا ئەڭ يېقىن كىشىلەردۇر.ئون بىر ئاينىڭ پادىشاھى دەپ ئاتالغان مۇبارەك رامىزان ئىيىدا قەلبى ساغلام كىشىلەر ئېرىشەلەيدىغان نۇرغۇن بەرىكەت ۋە ياخشىلىقلار بولۇپ قىسقىغىنا بۇ ئەسلەتمە ئارقىلىق پۈتۈن قېرىنداشلىرىمنى رامىزاننى ساغلام قەلىب بىلەن كۈتۈۋېلىشقا چاقىرىمەن.ئاللا ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى پۈتۈن يامان خىسلەتلەردىن پاكلىسۇن، ئولۇغ رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن ئامىن.تەييارلىغچى: ئابدىلئەھەد ئۇجات.([1]) سۈ رە شۇئەرا 88-89([2]) سۈرە ئەنكەبۇت 69- ئايەت_atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();