رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

unknown.jpg

تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ، كۈن ئولتۇرغىچىلىك يېمەك – ئىچمەكنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەرك ئېتىپ ئاندىن خالىغان ئىشلارنى قىلىۋەرسە روزا تۇتقانلىق بولامدۇ؟ئەگەر بۇ روزا ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئىنسانلارغا ناھايىتى ئاسان روزا بولغان بولاتتى ۋە ئۇلار ئاللاھ تائالا: "ئادەم بالىسىنىڭ روزىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاپ بېرىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭ روزىسى مەن ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى مەن ئۆزەم بېرىمەن" دېگەن سۆزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغان بۇ كاتتا ئەجىر - ساۋاپقا سازاۋەر بولمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە! [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].ئىلگىركى سالىھلارنىڭ بەزىلىرى: يېمەك – ئىچمەكنى تەرك ئېتىش ئەڭ ئاسان لېكىن قوبۇل بولىدىغان روزا تۇتماق ئەڭ قىيىندۇر، دېگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى يالغان سۆزنى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ۋە جاھىللىقنى تاشلىمايدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ھېچقانداق ھاجىتى يوقتۇر". [بۇخارى رىۋايىتى].ئاللاھ تائالانىڭ: {ئى مۆمىنلەر! تەقۋا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى} دېگىنىدەك، ساھىبىنى تەقۋالىق دەرىجىسىگە يەتكۈزەلىگەن روزا ھەقىقى كامىل روزىدۇر. بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت.ئىنسان تەقۋالىق دەرىجىسىگە پەقەت ياخشى ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈش، يامان ئەخلاقلاردىن يىراق بولۇش ئارقىلىق يېتەلەيدۇ.روزىنڭ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا، يۈرۈش - تۇرۇشىدا، ئىش - ھەرىكىتىدە چوقۇم ئىجابىي تەسىرى بولىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ روھىنى يوقىتىپ، روھسىز جەسەتكە ياكى ھەقىقىتى يوق سۈرەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.مۇسۇلمانارنىڭ روزا تۇتۇش ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئادا قىلىش جەريانلىرىدىكى ئەخلاقلىرى قېنى؟ ئۇلاردىكى ئامانەت، ئېھسان، مېھرى – مۇھەببەت، شەپقەت، كۆيۈنۈش، شەرمى ھايا، سېخىلىق، تەقۋالىق، شەكلىك نەرسىلەردىن يىراق بولۇش، سەۋرچان بولۇش، تەۋەككۇل قىلىش، غەمخورلۇق قىلىش، ياخشى ئىش ۋە تەقۋالىقتا ھەمكارلىشىش دېگەنلەر قېنى؟روزا باتىل ئىشلاردىن، غەيۋەت – شىكايەت، ھەسەتخورلۇق، بېخىللىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش تۈرلۈك يامان ئىللەتلەردىن توسالمىسا روزىنىڭ پايدىسى نەدە قالدى؟خەلقنىڭ روزىغا بولغان پىكىر - قارىشى ئىسلام چۈشەنچىسى نۇرى ئاستىدا ئۆزگىرىشى لازىم.خەلق روزىغا ئەجدادلاردىن مىراس قالغان ئادەت سۈپىتى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىسلام رۇكنىلىرىدىن بىر رۇكنا، كاتتا ئىبادەتلەردىن بىر ئىبادەت سۈپىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم.رامىزان كېلىدۇ - كېتىدۇ لېكىن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا، ئەخلاقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ئىلگىرى قانداق بولغان بولسا رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ شۇ پېتى قېلىۋېرىدۇ. بەلكى رامىزان بەزىلەرنى ئاللاھتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۋېتىدۇ، ئۇلار بولسا رامىزاننى يامان كۆرىدىغان، مۆمىنلەرنى ئىماندىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئورۇنىدىغان مۇناپىقلاردۇر.پيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارغا رامىزاندىن ياخشىراق بىر ئاي، مۇناپىقلارغا رامىزاندىن يامانراق بىر ئاي كەلمىدى. چۈنكى بۇ ئايدا مۆمىنلەر ئىبادەت ئۈچۈن كۈچ – قۇۋۋەت، مۇناپىقلار غەپلەت ۋە گۇناھ – مەسىيەت توپلايدۇ، بۇ ئاي مۆمىن ئۈچۈن غەنىمەت، مۇناپىق – پاجىر ئۈچۈن ئازاپدۇر". [ئىمام ئەھمەد، ئىمام بەيھىقى رىۋايىتى]رامىزا بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەيدىغان مەكتەپ بولىشى لازىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: {ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى} دېگىنىدەك، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسىغا، يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە يەتكۈزىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچىسى قىلىپ يىتىشتۈرىدىغان ئالى بىلم يۇرتى بولىشى لازىم.روزا تۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئەخلاقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە ئۇنىڭ بەزىسىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز.1- سەۋرچان بولۇش. چۈنكى ئادەتلەنگەن شەھۋەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش سەۋرىچانلىققا مۇھتاجدۇر، روزا تۇتقۇچى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا سەۋرى قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خەلقنىڭ ئەزىيەتلىرىگە، يولسىزلىقلىرىغا، ناھەقچىلىقلىرىغا، يوغانچىلىقلىرىغا سەۋرى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ روزا تۇتقان كۈنى پاسىقلىق قىلمىسۇن ۋە ئەخلاققا يات سۆزلەرنى قىلمىسۇن. بىراۋ ئۇنى ھاقارەتلىسە ياكى ئۇرۇشسا، مەن روزىدار، دېسۇن" دېگەنىدى. [ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مانا مۇشۇنداق گۈزەل تەلىماتى تۇرۇقلۇق يەنە بەزى ئىنسانلارنىڭ نېرۋىسى چېلىپ، غەزىبى قوزغالغاندا باشقىلارغا يولسىزلىق قىلغانلىقىنى، قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنلىكىنى، ھەتتا جېدەللىشىپ، مۇشتلىشىپ كەتكەنلىكىنى، غەزىبى بېسىققاندىن كېيىن ئۇلاردىن سادىر بولغان يولسىزلىقلىرى ئۇلارغا ئەسلىتىلگەندە، ئۇلارنىڭ: روزا تۇتۇپ مۇشۇنداق بولۇپ قاپتىمىز، دەپ گويا روزا ئۇلارنى مۇشۇنداق يولسىزلىق قىلىشقا چاقىرغاندەك، يولسىزلىقىنى روزىغا ئارتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئۇلار روزىنىڭ ھەقىقىتىنى، ئۇنىڭ سەۋرچان، كەچۈرۈمچان، كۆيۈمچان ۋە كەڭ قۇرساق بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئۇلار ھەرگىز روزىغا بۇ بۆھتاننى چاپلىمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە!2- ئامانەتنى ئادا قىلىش. روزا ئاسمان – زېمىنلار ۋە تاغلار ئۈستىگە ئېلىشتىن ئاجىز كەلگەندىن كېيىن، ئىنسان ئۈستىگە ئالغان ئامانەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى ) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى...}. ئەھزاب سۈرىسى 72- ئايەت.شۇنىڭ ئۈچۈن كۈن ئولتۇرۇشتىن بىر قانچە مىنۇت بولسىمۇ بۇرۇن ئېغىز ئېچىۋىتىپ، بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ئامانىتىگە سەل قارىغۇچى ئۈچۈن قاتتىق تەھدىت ئېلان قىلىندى. ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، يېنىمغا ئىككى ئادەم كېلىپ، بىلىكىمدىن تۇتۇپ، مېنى ئېگىز - پەس بىر تاغنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ: بۇ تاغنىڭ ئۈستىگە چىققىن، دېدى. مەن: بۇ تاغقا چىقالمايمەن، دېدىم. ئۇلار: بىز ياردەملىشىمىز، دېدى. مەن تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، قاراڭغۇ بىر يەرگە يىتىپ كەلگەندە، ئۇشتۇمتۇت ناھايىتى قاتتىق چۇقانلارنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇلاردىن: بۇ نېمە ئاۋازلار، دەپ سورىدىم. ئۇلار: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ چۇقانلىرىدۇر، دېدى. ئاندىن يەنە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردۇم، ئۇشتۇمتۇت يېرىلغان جاۋغايلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرغان بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم. مەن ئۇلاردىن: بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىدىم. ئۇلار: بۇ ئادەملەر كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچقانلاردۇر، دېدى". [سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب]روزىغ سەل قاراپ، كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز ئېچىۋەتكەنلەر ھەققىدە بۇ قەدەر قاتتىق تەھدىت بايان قىلىنغان بولسا، پۈتۈن بىر كۈن، پۈتۈن بىر ئاي روزا تۇتمىغانلارنىڭ ئەھۋالى نېمە بولار؟! روزا تۇتقانلارنى مازاق قىلغانلارنىڭ ئەھۋالىچۇ؟!3- كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش ۋە ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش. رامىزان ئېيى رەھمەت ئېيى بولۇپ، بۇ ئايدا باي كىشى پېقىر قېرىندىشىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىدۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "كىمكى روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ لېكىن روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كەمەيتۋىتىلمەيدۇ". [ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]شۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىشى، ئاجىزلارغا رەھىم – شەپقەت قىلىشى، كۆيۈنۈشى، پېقىرلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشى، كۈچىنىڭ يېتىشىچە خەلققە ياخشىلىق قىلىشى، ئۇلاردىن يامانلىقنى تۇسىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىش، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار}. ھەج سۈرىسى 77- ئايەت.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇ قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدە بولىدۇ، كىمكى مۇسۇلماننى دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقتىن چىقىرىپ قويسا ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەت قىيىنىچىلىقىرىدىن بىر قىيىنچىلىقتىن چىقىرىپ قويىدۇ، كىمكى مۇسۇلماننى ياپىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەت كۈنى ياپىدۇ". [بۇخارى، مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]4- كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىش ئۈچۈن شاپائەت قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى يامان ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر}. نىسا سۈرىسى 85- ئايەت.ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىرەر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھاجىتىنى تەلەپ قىلىپ كەلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغانلارغا يۈزلىنىپ: بۇ كىشىگە شاپائەت قىلىپ قۇيۇڭلار ساۋاپ بېرىلىسىلەر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىدۇ، دەيتتى. [بۇخارى، مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]5- مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى نىيەتتە بولۇش، سەمىمى بولۇش، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش. يەنى روزىنىڭ ئەخلاقلىرىنىڭ جۈملىسىدىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى نىيەتتە بولۇش، سەمىمى بولۇش، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "دىن نەسىھەتتۇر، دىن نەسىھەتتۇر، دىن نەسىھەتتۇر" ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ كىم ئۈچۈن؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھ تائالا، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبەرلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن" دەپ جاۋاپ بەردى. [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازنى تۇلۇق ئادا قىلىش، زاكات بېرىش ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش (يەنى ئۇلار ئۈچۈن سەمىمى بولۇش) شەرتى بەيئەت قىلدىم. [ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى دىنىي قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچىلىك مۆمىن بولالمايدۇ". [ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]مۇسۇلماننڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئۈستىگە بولغان ھەققىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش، ئۇنى ياخشىلىققا، نىجاتلىققا چاقىرىش، ئۇنى ئازغۇنلۇق يوللىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مۆمىنلار ئۆز ئارا بىر - بىرىگە مېھرى - مۇھەببەت كۆرسىتىشتە، بىر - بىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈشتە خۇددى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر بەدەننىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىسا، قالغان ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىسىمداش بىلەن ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ" دېگەن سۆزى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىسلامىي قېرىنداشلىقىنىڭ، ئىمانىي ھېسداسلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر. [ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]رامىزان نەسىھەت قىلىش، تەربىيلەش، ھەقنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. چۈنكى بۇ ئايدا دىللار رەببىگە يۈزلىنىدۇ، نەپسىلەر ئاللاھ ۋە روسۇلنىڭ سۆزىنى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلايدۇ، جىن - شەياتىنلەر باغلىنىدۇ. شۇڭا ياخشىلىقنى سۆيىدىغان مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ ئىماملار، ئوقۇغۇچىلار، دەۋەتچىلەر بۇ مۇبارەك، ئۇلۇغ ئايدا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، خەلققنى توغرا يولغا يېتىكلىشى لازىم.6- ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار}. مائىدە سۈرىسى 2- ئايەت.{زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر}. ئەسر سۈرىسى.رامىزاند ئىپتارلىق بېرىش ۋە تارقىتىش، قۇرئان كەرىم كۇرسى ئېچىش، دەۋەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دىنىي مەزمۇنلاردىكى ئۈن - سىن لىنتىلىرىنى، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى كىتاب - ژۇرناللارنى تارقىتىش، يېتىم - يېسىر، نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپەتكە يولۇققانلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، روزا تۇتقان مۇسۇلمانلار بۇنداق پائالىيەتلەرگە يا مېلى بىلەن ياكى تىرىشچانلىقى بىلەن ئاكتىپ قاتنىشىپ، بۇ مۇبارەك ئايدا چوڭ ساۋاپقا ئېرىشۋېلىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ئاللاھ يولىدىكى بىر غازىنىڭ يول تەييارلىقىنى قىلىپ بەرسە، چوقۇمكى غازات قىلغان بولىدۇ، كىمكى غازىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، چوقۇمكى غازات قىلغان بولىدۇ". [ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]7- خەلق ئارىسىنى ياراشتۇرۇش. يەنى روزىنىڭ ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىن خەلق ئارىسىنى ياراشتۇرۇشتۇر. بۇ كۆپلىگەن ئىنسانلار غاپىل بولىۋاتقان ياخشىلىق ئىشىكلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھىبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجر ئاتا قىلىمىز}. نىسا سۈرىسى 114- ئايەت.{مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار}. ھۆجرات سۈرىسى 10- ئايەت.{كېلىشىش (ئۈزۈلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشىدۇر}. نىسا سۈرىسى 128- ئايەت.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانلارنىڭ بارلىق بۇغۇملىرىغا سەدىقە واجىپ بولىدۇ، ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويىشىڭىز سەدىقىدۇر، بىر ئادەمنى يۆلەپ ئۇلىغىنىڭ ئۈستىگە مىندۈرۈپ قويىشىڭىز ياكى ئۇلىغىنىڭ ئۈستىگە يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ ئارتىشىپ بېرىشىڭىز سەدىقىدۇر، ياخشى سۆز سەدىقىدۇر، ناماز ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىز سەدىقىدۇر، يولدىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلىشىڭىز سەدىقىدۇر". [ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم سەھىلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]خۇلاسە قىلىپ ئېيتساق، ھەر بىر مۇسولماننىڭ ھاياتىدا، يۈرۈش – تۇرۇشىدا، ئىش – ھەرىكىتىدە روزىنىڭ چوقۇم ئىجابىي تەسىرى بولىشى لازىم.تەييارلىغچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();<img src="https://d5nxst8fruw4z.cloudfront.net/atrk.gif?account=6nL7g1a0Or00og" style="display:none" height="1" width="1" alt="" />