رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە نىسبەتەن، رامىزان ئايلىرىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلەتتى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. خۇسۇسەن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلىشكە ۋە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزىمۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنۇتاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا كۈنلەردىكىدىن بەك ئىبادەتكە بېرىلەتتى »(مۇسلىم رىۋايىتى). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى يېتىپ كېلىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى، كېچىلىرى ئۇخلىمايتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كېچىلىرى ئىبادەت قىلىشقا ئۇيغىتاتتى »(بۇخارى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: « رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭلار! دەپ مۇسۇلمانلارنى تەشەببۇس قىلاتتى »(بۇخارى رىۋايىتى).ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن رەسۇلۇللادىن،- ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىنىڭ بولىدىغان ۋاقتىنى بايقىسام، بۇ كېچىدە نېمە دەپ دۇئا قىلسام بولىدۇ؟-دەپ سورىۋىدىم، ئۇماڭا مۇنۇ دۇئانى ئۈگەتكەن: يەنى ( ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلدىغان ۋە ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىلاھىمسەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن) (تىرمىزى رىۋايىتى).قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى:ئالاھ تائالا قەدىر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « قەدىر كېچىسى (پەزىلەت ۋە ساۋابتا) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر » دەيدۇ (قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت). دېمەك، قەدىر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە.شۇبھېسزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئىسانىيەتنىڭ قەلبلىرىگە نۇر چېچىشقا باشلىغان بۇ كېچە، باشقا ھەرقانداق كېچىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. ھېچقانداق كېچە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. لېكىن شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئاينىڭ، ھەرقانداق ئۇلۇغ كۈن ياكى كېچىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇلۇغ سائەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ياخشىلىقلىرى، پەقەت ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇ كېچىنى قەدىرلىمەي، ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا جىمىقىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.قەدىر كېچىسى ئىسلام مىللىتىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدۇر:ئىمم خەتتابىي قەدىر كېچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسلام مىللىتىگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان بىر كاتتا ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپلەندۈردى. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ مۆتۈۋەر دەستۇرىدۇر. ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ « ئەلمۇۋتتەء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇممەتلىرىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۇممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئاتا قىلغان »(« ئەلمۇۋتتەئ » دىن).ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنىڭ قايسى كېچىدە ئىكەنلىك ۋاقتىنى بىزگە مەلۇم قىلمىغان. بۇ، كىشىلەر شۇ كېچىنى تېپىش مەقسىتى بىلەن رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە بېرىلسۇن ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئۇنى ئوقۇپ نېمە تىلسە بېرىلىدىغان ئىسمۇلئەزەمنى بىزگە بىلدۈرمىگەن. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە ئىسمۇلئەزەمنى تېپىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت دۇئا قىلسۇن ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇسۇن ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتى، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ۋە ئىسمۇلئەزەم ئېنىق بىلدۈرۈلگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر قەدىر كېچىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا، شۇ سائەتتىلا دۇئا قىلىشقا، ئىسمۇلئەزەمنىلا ئوقۇشقا ئۈگىنۋېلىپ، باشقىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.ئىمام ئىبنى ھەجەر قەدىر كېچىسىدە بولىدىغان ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « قەدىر كېچىسىنىڭ ئەتىگىنىدە قۇياش شۇلىسىز چىقىدۇ »(«فەتھۇلبارى» دىن). ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: « قەدىر كېچىسىدە ئاسمان تىپ- تىچ، سۈپ- سۈزۈك بولىدۇ، ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس سۇغۇقمۇ ئەمەس نورمال بولىدۇ»(ئەھمەد رىۋايىتى). « رۇھۇلبايان» ناملىق تەپسىرنىڭ ئاپتورى ئىبنى خۇزەيمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ: « قەدىر كېچىسىدە يەر يۈزىگە تارقىلىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ سانى ئۇششاق تاشلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ » («فەتھۇلبارىي» دىن).مەنبەسى : دارۇل ئىسلام تورى