رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

قەمەرىددىن ئەھمەدبىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا قايسى ۋاقىتتا اللە تائالاغا قانداق ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ مەقبۇل بولۇپ، قىلغان دۇئا-تىلەكلىرىنڭ مۇستەجەپ بولۇش ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. رامىزان ئېيىدا كېلىدىغان قەدر كېچىسى ( شەبى قەدرى ) شۇ خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر. 1. قەدر كېچىسى دېگەن سۆز توغرىسىدا قەدر كېچىسى ئەرەب تىلىدا « ليلە القدر » دېگەن ئىزافەتلىك بېرىكمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بېرىكمىدىكى « ليلە» نىڭ مەنىسى « كېچە، تۈن » دېگەندىن ئىبارەت. « القدر » نىڭ مەنىسى بولسا « مىقدار، ئوپمۇئوخشاش، قەدىر-قىممەت، شەرەپ، يۈكسەك، مۇقەددەس » دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ ئىككى سۆز بېرىكىپ ئىزافەتلىك بېرىكمە ھاسىل قىلغان. 2.قەدر كېچىسىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى توغرىسىدا قەدر كېچىسىنىڭ 30 كۈنلۈك رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆلىمالىرىمىز ئارىسىدا ھىچقانداق ئىختىلاپ يوق، بىراق ئۇنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنىڭ قايسى كېچىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. شۇ ئىختىلاپلاردىن گەۋدىلىك بولغان ئۈچ خىل كۆز قاراش تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1) قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنىڭ بىر كېچىسى، يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 21 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە بولغان 10 كۈننىڭ مەلۇم بىر كېچىسى بولىدۇ، دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن: ئائىشە رەزىيەنلاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ئەگەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى كىرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلىمايتتى، بالا-چاقىلىرىنى ئويغىتاتتى، ئاياللىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمايتتى » ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ). بۇ خىل قاراشتىكىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدىكى تاق كۈنى كېچىدىكى ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ اللە تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلىگەن. ئۇلار بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن: ئەبى سەئىد خۇدەرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ 20-كۈنى سەھەردە ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىغا كەلدى ۋە ئۇلارغا سۆز قىلدى، ئۇ: « مەن چۈشۈمدە قەدر كېچىسىنىڭ ۋاقتىنى كۆرگەن، كېيىن ئۇنتۇپ قالدىم. سىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدىن ئىزدەڭلار، بولۇپمۇ تاق كۈنلىرىدىن »دېدى( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ). دېمەك، بۇ خىل قاراشتىكىلەر رامىزان ئېيىنىڭ 21-، 23-، 25-، 27-، 29-كۈنلىرىنىڭ كېچىلىرىدە قەدر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىش ئەۋزەل ھەم ساۋابلىقتۇر، دەپ قارايدۇ. 2) قەدر كېچىسى بولسا رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىنىڭ بىر كېچىسىدە بولىدۇ، دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر نەچچەيلەن رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىنىڭ كېچىلىرىدە قەدر كېچىسىنى چۈشىدە كۆرگەن. پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام: « مەن سىلەرنىڭ چۈشۈڭلارنى كۆردۈم. ئۇ ھەقىقەتەن رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنى ئىچىدە مۇۋەپپەق بولغان. ئەگەر كىمىكى ئۇنى ئىزدەشكە ھېرىس قىلسا، ئۇنى ئەشۇ ئاخىرقى يەتتە كۈننىڭ كېچىلىرىدىن ئىزدىسۇن»دېدى( مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ). 3) قەدر كېچىسى بولسا رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسىدۇر، دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن: زىررۇ ئىبنى ھۈبەيشتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:« مەن ئۇبەي بىن كەبىگە: سېنىڭ قېرىندىشىڭ ئىبنى مەسئۇد:‹ ئەگەر كىمىكى بىر يىل ئىستىقامەت قىلسا قەدر كېچىسىگە ئېرىشىدۇ › دەپ ئېيتقان، دېدىم. ئۇ: ‹ ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە ئېسىلىۋالماسلىقىنى ئويلىغان. ئۇ ئەمەلىيەتتە قەدر كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىدا، ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ بىر كېچىسىدە، يەنە كېلىپ رامىزاننىڭ 27-كۈنى كېچىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ › دېدى. ئاندىن ئۇ قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكى ھەققىدە قەسەم قىلدى. مەن: ‹ ھەي ئەبۇ مۇنزىر ( ئۇبەي بىن كەنىنىڭ لەقىمى )، سەن نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسەن؟› دېدىم. ئۇ: ‹ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئېيتىپ بەرگەن بەلگە-ئالامەتلەگە ئاساسەن شۇنداق دەيمەن، ئۇ:( قەدىر كېچىسىنىڭ ) قوياشى نۇرسىز چىقىدۇ › دېگەن،دېدى» ( مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگە: « كىمىكى قەدر كېچىسىنى ئىزدىگۈچى بلىدىكەن، ئۇ رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسىدىن ئىزدىسۇن »( ئىمام ئەھمەت رىۋايەت قىلغان ). ئۆلىمالار نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قەدر كېچىسىنىڭ زادى قايسى كېچىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈنگە ئېرىشەلمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىر مۇنچە ئۆلىمالار يەنىلا قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسى بولىدۇ، دېگەن قاراشنى توغرا تاپقان، ھەمدە بۇ قاراشنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: « ‹قۇرئان كەرىم › دىكى ‹ قەدر › سۈرىسى ئوتتۇز ( ئەرەبچە ) سۆزدىن تەركىپ تاپقان، ئۇنىڭدىكى 27-سۆز بولسا ‹ ھى ( ئۇ ) › دۇر » دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان، يەنى اللە تائالا « قەدر » سۈرىسىدە قەدر كېچىسىنى بۇ سۈرىنىڭ 27-سۆزىگە ئۇدۇللاپ ئۇنى ئالماش «ھى ( ئۇ )» بىلەن ئىپادىلىگەن، دەپ قارىغان. 3. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى اللە تائالا قەدر كېچىسىنىڭ ئورنىنى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان. بۇ كېچە بولسا بەرىكەتلىك، پەزىلەتلىك ئۇلۇغ كېچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن اللە تائالا « قۇرئان كەرىم »دە بۇ كېچە توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: شەبى قەدرى ( شەرەپ ۋە پەزىلەتتە ) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. ــ سۈرە « قەدر » ( 97-سۈرە ) 3-ئايەت بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك بۇ كېچە بولسا پەرىشتىلەر اللە تائالانىڭ رەھمەت، تېنچلىق، سالام ۋە بەرىكەتلىرىنى ئېلىپ چۈشىدىغان كېچىدۇر. بۇ كېچىدە تېنچلىق، ئامانلىق تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمىكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەجىر-ساۋاب ئىستىكىدە تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىمىكى رامىزان ئېيىدا تاراۋىھ نامىزىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەجىر-ساۋاب ئىستىكىدە ئۆتىسە، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىمىكى قەدر كېچىسىدە تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەجىر-ساۋاب ئىستىكىدە تۈنىسە، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ »( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ). دېمەك، اللە تائالا شۇ بىر كېچىدە بەندە تىلىگەن ھەر قانداق تىلەكنى ئىجابەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلمان اللە تائالانىڭ رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەدىر كېچىسى بىلەن مۇلاقات بولۇشقا تىرىشىشى زۆرۈر. ئەبۇ ھۈريرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، اللەنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەرگە مۇبارەك رامىزان ئېيى كەلدى، اللە تائالا سىلەرگە ئۇنىڭ روزىسىنى تۇتۇشنى پەرز قىلدى. بۇ ئايدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ. بۇ كېچىدە جىن-شەيتانلارنى پۇت-قوللىرىغا كويزا-كىشەنلەر سېلىنىدۇ. بۇ ئايدا بىر كېچە بار بولۇپ، بۇ كېچە مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. كىمىكى شۇ كېچىنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلىنغان بولىدۇ » ( ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). اللە تائالا « قۇرئان كەرىم »نى رامىزان ئېيىدا نازىل قىلغان. بۇ ھەقتە « قۇرئان كەرىم »دە مۇنداق دېيىلگەن: رامىزا ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى. ــ سۈرە « بەقەرە »( 2-سۈرە )185-ئايەت كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنى تەپسىرلىگەن چاغدا، « قۇرئان كەرىم » رامىزان ئېيىنىڭ قەدر كېچىسى نازىل قىلىنغان دېگەن قاراشنى تەكىتلىگەن. ئىمام بەيزاۋى بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن: « يەنى رامىزان ئېيىدا ‹ قۇرئان كەرىم ›نىڭ نازىل بولۇشى باشلانغان. ( شۇ باشلانغان )چاغ دەل قەدر كېچىسىدۇر. ياكى ‹ قۇرئان كەرىم › شۇ كېچىدە مۇكەممەل شەكىلدە ئاسمانغا نازىل قىلىنغان، ئاندىن كېيىن يەر يۈزىگە ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ) تارقاق شەكىلدە نازىل قىلىنغان »( « تەپسىر بەيزاۋى» 1-جىلىد 104-بەت ). بۇ ئايەتنى ئىمام سۈيۈتى: « ‹ قۇرئان كەرىم › قەدر كېچىسىدە لەۋھۇلمەھپۇزدىن ئاسمان دۇنياسىغا نازىل قىلىنغان » دەپ تەپسىرلىگەن ( « تەپسىر جالەيىن » 38-بەت ). اللە تائالانىڭ « قۇرئان كەرىم »نى نازىل قىلىش ئۈچۈن قەدر كېچىسىنى تاللىغانلىقنىدىن بۇ كېچىنىڭ شەرەپ ۋە پەزىلەتتە ھەقىقەتەن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. رامىزان ئېيىدا، بولۇپمۇ ئەشۇ قەدر كېچىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ، ياخشى ئىبادەت قىلىپ، يوقسۇل-مىسكىنلەنى ۋە ھاجەتمەنلەرنى يۆلەپ، مۇساپىرلارغا تاماق بېرىپ، يېتىملارغا ئاتىدارچىلىق قىلىپ، روزىدارلارغا ئىپتارلىق بەرسە اللە تائالا ئەشۇنداق مۇسۇلماننىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ. سالمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، اللەنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: « ‹ ئەييۇھەنناس! سىلەرگە ئۇلۇغ ئاي يېتىپ كەلدى. ئۇ بەرىكەتلىك ئايدۇر. ئۇنىڭدا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان بىر كېچە بار. اللە تائالا بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى. ئۇنىڭ كېچىسىدە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى سۈننەت قىلدى. كىمىكى ئۇنىڭدا ( رامىزان ئېيىدا ) بىر ياخشى ئىشنى قىلىپ ئىبادەت قىلسا، ئۇ شۇ ئىبادەتتىن باشقا بىر پەرزنى ئادا قىلغان بولىدۇ. كىمىكى ئۇنىڭدا ( رامىزان ئېيىدا ) بىر پەرزنى ئادا قىلسا، ئۇ شۇ پەرزدىن باشقا يەتمىش پەرزنى ئادا قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇ بولسا سەۋر-تاقەتنىڭ ئېيىدۇر، سەۋر-تاقەتنىڭ ئەجىر-ساۋابى جەننەتتۇر. ئۇ باراۋەرلىك ئېيىدۇر، مۆئمىنلەرنىڭ رىزقى زىيادە قىلىنىدىغان ئايدۇر. كىمىكى بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇنىڭ شۇ ئىشى گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، يەنە روزىدار كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كېمەيمىگەن ھالدا قىلغانا ئەمەلىگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاب بېرىلىدۇ ›. بىز: ‹ ئې اللەنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ بەزىمىز روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغۇدەك نەرسىنى تاپالمايمىز›دېۇق. اللەنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ‹ بىر يۇتۇم سۈت، بىر تال خورما ياكى بىر يۇتۇم سۇ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن روزىدارنى ئىپتار قىدۇرسا، اللە تائالا ئوخشاشلا بۇ ساۋابنى بېرىدۇ. كىمىكى روزىدارغا قورسىقى تويغۇچە تائام بەرسە، ئۇنىڭغا مېنىڭ ھەۋزى كەۋسەر سۈيۈم ئۇ جەننەتكە كىرگۈچە اللە تائالادىن سۇ سورىمىغىدەك دەرىجىدە ئىچكۈزۈلىدۇ. بۇ بولسا ئالدى رەھمەت قىلىش، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت قىلىش، ئاخىرى دوزاختىن ئازاد قىلىش ئېيىدۇر. كىمىكى بۇ ئايدا قول ئاستىدىكىلەرگە كەڭچىلىك قىلسا، اللە تائالا ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ › »( ئىمام بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). 4. قەدر كېچىسىنىڭ مۇتلەق بىر ۋاقىتقا بەلگىلەنمىگەنلىكىنىڭ ھېكمىتى اللە تائالانىڭ قەدر كېچىسىنى مەجھۇل ھالەتتە قويۇشى مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىدا ئۆزىگە كۆپرەك ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھەر بىر مۇسۇلمان ئەگەر بۇ ئايدا شۇ بىر كېچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەت قىلسا، ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزىگە اللە تائالادىن رەھمەت، مەغپىرەت، رىزىق، جەننەت قاتارلىقلارنى تىلەيدۇ، ھەمدە دۇئاسىنىڭ اللە تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت بولۇشىنى ئىلتىجا قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا اللە تائالانىڭ ھەممىگە كۈچى يېتىدىغان قادىر، بارلىق مەخلۇقاتلارغا رىزىق بەر گۈچى رازىق، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئالىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئەگەر قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنىنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا ئىدى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، بالا-چاقىسى، خىزمەت ۋە تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن كىشىلەر شۇ بىر كېچىدىلا ئىبادەت قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. ھەتتا بەزىلەر دۇچ كەلگەن ئىشلىرىنى مۇھىم ۋە جىددىي ھىسابلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن گۇناھنىڭ قانچىلىك يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئىمام رازى مۇنداق دېگەن: « بەندىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاقتىنى يوشۇرۇن قىلغان »( «تەپسىر كەبىر » 8-جىلىد، 443-بەت ). دېمەك، مۇسۇلمانلارنىڭ 30 رامىزاننىڭ ھەممە كېچىلىرىنى ئۇلۇغلىشى، اللەنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشكە پۇرسەت يارىتىشى ئۈچۈن قەدر كېچىسىنى مەخپىي قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. 5. قەدرى كېچىسىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمى پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرى: « قەدرى كېچىسىنى تەلەپ قىلىش مۇستەھەپ ئەمەلگە كىرىدۇ » دېگەندىن ئىبارەت. يەنى بۇ كېچىنى ئىزدەش ۋە بۇ كېچىدە تائەت-ئىبادەت قىلىش، اللە تائالانى ياد ئېتىش، « قۇرئان كەرىم » تىلاۋەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇستەھەپتۇر. « قەدرى كېچىسىنى ئىزدەش ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئەجرىنى، شۇنىڭدەك قەدر كېچىسىگە تەۋە بولغان اللە تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى بارلىق نېئمەتلەرنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئومۇمىيدۇر، ئۇ بولسا ئىبادەت قىلىش، تائەت قىلىش، ناماز ئۆتەش، ‹ قۇرئان كەرىم ›نى تىلاۋەت قىلىش، سادىقە-زاكات بېرىش، ياتلىشىپ كەتكەن بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئۆزئارا يارىشىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ كېچىسىدۇر »(« تەسىيرۇل فىقھى »، 133-بەت ). ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان توغرا نىيەت ۋە سادىق ئىخلاسمەنلىك بىلەن بۇ كېچىنى يۇقىرى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزسە، اللە تائالا بۇ ئۇلۇغ، شەرەپلىك، خاسىتەتلىك كېچىنى ئۇنىڭغا ئنئام قىلىدۇ. چۈنكى ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، اللەنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئەمەللەر نېيەتكە باغلىق، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ قىلغان نېيىتى ھەقلىقتۇر »( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ). ئەگەر بىراۋغا قەدر كېچىسىنىڭ ئالامەتلىرى يولۇقسا دەرھال دۇئاغا قول كۆتۈرۈشى لازىم. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: « ئې اللەنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر قايسى كېچىنىڭ قەدرى كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەم نىمە دەپ دۇئا قىلىمەن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ‹ ئې اللە! شۈبھىسىزكى، سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن!›»( ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ).دېمەك، قەدرى كېچىسى ئەنە شۇنداق شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ كېچە ئىكەن، ئۇنىڭغا يولۇققان كىشى دەرھال يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە اللە تائالادىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك بولۇشىنى تىلىشى كېرەك.  مەنبە: ھىدايەت گۈلزارى 1-توم