رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m015.jpg

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ "سەھاب" دەپ ئاتىلىدىغان سەللىسى بولۇپ، ئۇنى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كەيگۈزۈپ قويغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللىنى بەزىدە بۆكنىڭ ئۈستىگە ئورايتتى، بەزىدە سەللىسىز بۆك كىيەتتى، بەزىدە بۆك كەيمەي سەللە يۆگەيتتى. سەللە يۆگىسە ئۇچچىنى (ھىلاقىسىنى) ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ساڭگىلىتىپ قوياتتى.

ئىمام مۇسلىم "سەھىھى"دە رىۋايەت قىلىشىچە، ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە كۆردۈم، بېشىدا قارا سەللە بولۇپ، ئىككى ئۇچچىنى ئىكى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلاپ قويغان ئىدى."

يەنە ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىگە كىرگەندە، بېشىدا قارا سەللە بارلىقىنى ئېيتقان.

جابىرنىڭ بۇ ھەدىسىدە سەللىنىڭ ھىلاقىسى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سەللىنىڭ ھىلاقىسىنى ھەر دائىم ساڭگىلىتىپ قويمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

رەسۇلۇللاھ مەككىگە كىرگەندە ئۈستىدە ئۇرۇش كىيىمى، بېشىدا تۆمۈر قالپاق (مىغفەر) بار ئىدى، دەيدىغان رىۋايەتمۇ بار. بۇ يەردىن رەسۇلۇللاھ ھەر ئورۇنغا مۇناسىپ كىيىم كىيەتتى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇستازىمىز ئەبۇل ئابباس ئىبنى تەيمىيە –ئاللاھ ئۇنىڭ روھىنى جەننەتتە شاد قىلسۇن – رەسۇلۇللاھنىڭ سەللىسىنىڭ ھىلاقىسىنى ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىغا ساڭگىلىتىپ قويۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ناھايىتى بەدىئىي بىر نەرسە ئېيتقان. ئۇ بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدە بىر چۈش كۆرگەن، چۈشىدە ئاللاھ تائالانى كۆرگەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا "ئى مۇھەممەد! ئاسماندىكىلەر نېمە توغرىسىدا تالاش ـ تارتىش قىلىشىۋاتىدۇ؟ دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئېيتىدۇ: "بىلمەيمەن" دېدىم. ئاندىن ئاللاھ قولىنى ئىككى تاغىقىمنىڭ ئارىسىغا قويىۋىدى، ئاسمان ـ زېمىننىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ كەتتىم. بۇ ھەدىس ئىمام بۇخارىدىن سورالغاندا، ئۇ "سەھىھ" دېگەن. ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېدى: "ئاشۇ چۈشتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللىسىنىڭ ھىلاقىسىنى ئىككى تاغىقى ئارىسىغا ساڭگىلىتىپ قويىدىغان بولغان. بۇ بىلىمسىزلەرنىڭ تىلى ۋە دىلى ئىنكار قىلىدىغان مەلۇماتتۇر. سەللىنىڭ ھىلاقىسىنى چۈشۈرۈپ قويۇشنى ئىسپاتلاشتا ئىبنى تەيمىيىدىن باشقا بىرىنىڭ بۇ پايدىلىق مەلۇماتنى بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىم.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆينەك كىيەتتى، ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيىم كۆينەك ئىدى. كۆينىكىنىڭ يېڭى قولىنىڭ بېغىشىغىچە كېلەتتى. تون كىيەتتى، فەررۇج ۋە فەرەجىيە ئىسىملىك كىيىملەرنى كىيەتتى. سەپەرگە چىققاندا يېڭى تار چاپان كىيەتتى، ئىزار ۋە رىدا كىيەتتى.

ۋاقىدى مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ رىداسى ۋە تونىنىڭ ئۇزۇنلىقى 6 گەز، كەڭلىكى ئۈچ گەز بىر غېرىچ كېلەتتى، ئىشتىنى ئوماندا توقۇلغان بولوپ، ئۇزۇنلىقى 4 گەز بىر غېرىچ ۋە كەڭلىكى ئىككى گەز بىر غېرىچ كېلەتتى.

رەسۇلۇللاھ قىزىل ھۇللە كېيەتتى. ھۇللە ھەم ئىشتان ۋە ھەم رىدا بولىدىغان بىر كىيىم. ئىككى كىيىمنى بىرلەشتۈرمىگەن كىيىمگە ھۇللە دېيىلمەيدۇ. ھۇللەنى پەقەتلا قىزىل بولۇپ باشقا رەڭ ئارىلاشمايدۇ، دەپ ئويلىغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ.

قىزىل ھۇللە – يەمەندە قىزىل يىپ بىلەن قارا يىپنى ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلغان ئىككى بۇردە بولۇپ، قالغان يەمەن بۇردىلىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا قىزىل يىپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ ئىسىم بىلەن (يەنى قىزىل ھۈللە) دەپ ئاتالغان. ئۇنداق بولمىغاندا پۈتۈنلەي قىزىل كىيىمنى كىيىش قاتتىق مەنئى قىىلىنغان. "سەھىھ بۇخارى"دا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزىل مىياسىردىن توسقان.

"سۈنەنى ئەبى داۋۇد"دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈستۈمدە قىزىلغا يېقىن سېرىق بويالغان كۆينەكنى كۆرۈپ: "بۇ ئۈستۈڭدىكى نېمە؟!" دېدى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى يامان كۆرگەنلىكىنى بىلىپ ئائىلەمگە قايتتىم، ئۇلار تونۇرغا ئوت يېقىۋاتقان ئىكەن، ئۈستۈمدىكى كۆينەكنى تونۇرغا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋەتتىم. ئەرتىسى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بېرىۋىدىم: "ئى ئابدۇللاھ! كۆينەكنى نېمە قىلدىڭ؟" دېدى. مەن كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىمنى ئېيتتىم. رەسۇلۇللاھ: "ئاياللىرىڭدىن بىرىگە بەرسەڭ بولمامتى، ئۇنى ئاياللار كېيسە بولىۋېرەتتى" دېدى.

"سەھىھ مۇسلىم"دا يەنە ئابدۇللا ئىبنى ئەمر مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈستۈمدە سېرىق ئىشتان ـ كۆينەك كۆرۈپ: "بۇ كاپىرلارنىڭ كىيىمى، بۇنى كەيمىگىن" دېدى.

"سەھىھ مۇسلىم"دا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سېرىق كىيىم كىيىشتىن توسقان" دەيدۇ. بۇ يەردىكى سېرىقتىن مەقسەد قىزىلغا يېقىن بويالغان بولۇشىدۇر.

بەزى ھەدىس كىتابلىرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ. بىر سەپەردە ساھابەلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرى ئۈستگە ئارتىلغان قىزىل خورجۇنلارنى كۆرۈپ: "مەن ئەجەب قىزىللىقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ!!" دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزى بىلەن شۇنداق تىز تۇرۇشتۇقكى، بەزى تۆگىلىرىمىز ئۈركۈپ قېچىپ كەتتى. تۆگىلىرىمىزنى تۇتۇپ ئۈستىدىكى خورجۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋەتتۇق."

قىزىل، جوخ ۋە باشقا كىيىملەرنى كىيىشنىڭ جائىزلىقى ھەققىدە ئىختىلاپ بار. ئەمما بۇلارنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكى ناھايىتى قاتتىق. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېنىق قىزىل كەيگەن دېگىلى بولىدۇ؟! ھەرگىز ئۇنداق ئويلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنى ئۇنى كىيىشتىن ساقلىغان. بۇنىڭدىكى گۇمان "قىزىل ھۇللە" دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئەللەم نەقىشلىك ۋە نەقىشسىز خۇمەيسە (قىزىل ياكى قارا كىيىم) كىيگەن، قارا ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن، كەنارلىرى نېپىز يىپەك رەخ بىلەن بىزەلگەن تون كەيگەن.

ئىمام ئەھمەد بىلەن ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە، رىم پادىشاھى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يىپەكتىن ئىشلەنگەن "مىستەقە" ئىسىملىك بىر كىيىم ھەدىيە قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ ئۇ كىيىمنى كەيگەن. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قولىغا قارىسام قولى كۆرۈنمەيتتى.

ئىمام ئەسمەئى مۇنداق دەيدۇ: مەساتىق – يەڭلىرى ئۇزۇن چاپاندۇر.

خەتتابى مۇنداق دەيدۇ: مىستەقە دېگەن يىپەكتىن كەشتىلەنگەن چاپان. چۈنكى فەرۋە يىپەكتىن بولمايدۇ.