رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m016.jpg

مەككە ئازات بولغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى مەشغۇل ئىدى، ئۇنىڭغا سالام بەرگىلى كەلگەنلەنلەر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يامانلىقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگەنلەر، يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ كەلگەنلەر، ئۇنى ئۇزۇن زامان كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋاللاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەكمۇ ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ، كەلگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ شۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، جاپىنىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى چاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئايال بىلەن بىر سائەت مىقدارى سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئۇ ئايال خەدىجەنىڭ دوستى ئىدى، خەدىجە ھايات ۋاقتىدا بۇ ئايال بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تۇراتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ ئايال بىلەن نېمە توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆتكەن كۈنلەرنى، خەدىجەنى ئەسلەپ پاراڭلاشتۇق» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۈندەشلىكى قوزغىلىپ: «سىز ھازىرمۇ شۇ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن قېرى خوتۇننى ئەسلەۋاتامسىز؟ ئاللاھ سىزگە ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەردى ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ياق، ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەرمىدى. ئىنسانلار مېنى ھەر نەرسىسىدىن مەھرۇم قىلغاندا، ئۇ ماڭا بەرگەن ئىدى، ئىنسانلار مېنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇ ماڭا ئىمان ئېيتقان ئىدى»([1]) دېگەن.

ۋاپادارلىق ھايات قايناملىرىدا سىز ئۇچرىشىپ قالغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچتۇر. گەرچە سىز بىراۋنى ياقتۇرمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭغا ۋاپادار بولىشىڭىز گۈزەل ئەخلاقتۇر. بۇ سۆزگە ئەجەبلەنسىڭىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ قىسسىسىنى ئاڭلاڭ:

كەبىنىڭ ئاچقۇچى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ قەبىلىنىڭ كاتتىبېشى ئوسمان ئىبنى تەلھە قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بەزى كاتتىباشلىرىنىڭ كەبىنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىپ، كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرەتتى. ئىسلام دەۋىتىنىڭ باشلىرىدا مەككىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ۋاقىتلىرىدا بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى تەلھەنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئەي ئوسمان! مېنىڭ كەبىنىڭ ئىچىگە كىرىشىمگە رۇخسەت بەرسەڭكەن» دەپ سىلىق سورايدۇ. لېكىن ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىبىنى رەت قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمانغا: «ئەي ئوسمان! بىر كۈن كېلىپ كەبىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمغا ئۆتۈپ قالسا، ئۇنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن»دەيدۇ. ئوسمان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: «ئەگەر شۇنداق بىر كۈن كېلىپ قالسا، مېنىڭ ئۈچۈن يەرنىڭ ئۈستىدىن ئاستى ياخشى بولۇپ قالىدۇ (يەنى ئۆلگىنىم ياخشى) دەيدۇ. يىللار ئۆتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. مەككە ئازات بولىدۇ، ئوسمان ئىبنى تەلھەمۇ مۇسۇلمان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمانغا: «ئەي ئوسمان! كەبىنىڭ ئاچقۇچى قېنى؟» دەيدۇ. ئوسمان «يارەسۇلەللاھ! ئاچقۇچ ئۆيدە ئىدى، مەن ھازىرلا ئۆيگە بېرىپ ئاچقۇچنى ئانامدىن ئېلىپ كېلەي» دەپ كېتىپ قالىدۇ. ئوسمان ئانىسىدىن كەبىنىڭ ئاچقۇچىنى سورىغىنىدا، ئانىسى «سەن ئۇنىڭ بۇرۇن ساڭا دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟» دەپ ئاچقۇچنى بېرىشنى رەت قىلىدۇ، ئوسمان ئانىسىغا يالۋۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىشتىن كېچىكىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى كۆرگەن ئوسماننىڭ ئانىسى ئاچقۇچنى دەرھال قوينىدىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا بېرىدۇ. چۈنكى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ كەسكىنلىكىنى ھەممە ياخشى بىلەتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ، «ئەي ئوسمان! ‹بىر كۈن كېلىپ كەبىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمغا ئۆتۈپ قالسا، ئۇنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن› دېگەن سۆزۈم ئېسىڭدە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئوسمان خىجالەتتىن ھېچ نەرسە دېيەلمەي سۇكۇت ئىچىدە ئولتۇرىدۇ. ئاندىن شۇ ئارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ: «يا رەسۇلەللاھ! ئاچقۇچنى ماڭا بەرگىن (كەبىنىڭ ئاچقۇچى بىزنىڭ ئائىلىمىزدە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولايلى) دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ياق، ئەي ئابباس! بۈگۈن ياخشىلىق ۋە ۋاپادارلىق كۈنىدۇر. ئېلىڭلار ئەي ئابدۇددار قەبىلىسى! بۇ ئاچقۇچ مەڭگۈلۈك سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسۇن، بۇ ئاچقۇچنى سىلەردىن ئېلىۋالغان ئادەم چوقۇم زالىمدۇر»([2]) دەيدۇ ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ.

كەبىنىڭ ئاچقۇچى ھازىرمۇ ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش يۈزىسىدىن كەبىگە كىرمەكچى بولغان ھەرقانداق پادىشاھ ياكى رەئىس جۇمھۇر ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز كىرەلمەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەر ۋاقىت كەبىگە كىرمەكچى بولغانلىرىدا، كەبىنىڭ ئاچقۇچىنى ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ ۋارىسلىرىدىن سوراپ ئالىدۇ، ئاندىن يەنە ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

جورىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش

ھايات مۇساپىسىدىكى شېرىكىڭىز بولغان، خوشاللىق - غەمكىن، راھەت - جاپالىق كۈنلىرىڭىزدە سىزگە ھەمراھ بولغان جورىڭىزغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىڭىز ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ۋاپا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىڭىز جورىڭىزدۇر»([3]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا سىلىق ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۆي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياردەملىشىش، دەرتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، كۆڭۈللىرىنى ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئازارلىرىغا سەۋر قىلىش، كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈش، ئۇلارنى ئۇرماسلىق، ئازارلىماسلىق، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى، توغقانلىرىنى ۋە ئۈلگىلىك دوستلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن توسماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ۋاپادارلىق قىلغانلىقتۇر.

ئىبرەتلىك قىسسە

ساھابىلەردىن بىرىنىڭ ئايالى ھەمىشە ئۇنىڭغا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جېدەل قىلىشىدىكەن. بۇ ساھابە بىر كۈنى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەرز قىلماقچى بولۇپ، خەلىپىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە، ئۆي ئىچىدە خەلىپىنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن جېدەللىشىۋاتقان يۇقىرى ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ، «مېنىڭ ئايالىملا شۇنداق ئەمەسكەن، خەلىپىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار ئىكەن» دېگەن خىيال بىلەن قايتاي دەپ تۇرۇشىغا خەلىپە ئۆمەر ئۆيىدىن چىقىپ ئۇنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سورايدۇ. ساھابە دەردىنى بايان قىلىپ، «خەلىپىنىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولغان يەردە، ماڭا نېمە بۇپتۇ؟» دەيدۇ. خەلىپە ئۆمەر بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تەسەللى قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاپادارلىق مۇجەسسەملەنگەن مۇنۇ مەشھۇر سۆزىنى ئېيتىدۇ: «ئايالىم مېنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىمنى كۆتۈرىدۇ، بالىلىرىمنى تەربىيىلەيدۇ، كىيىملىرىمنى يۇيۇدۇ، تامىقىمنى ئېتىدۇ، ئۆيۈمنى پاكىز تۇتىدۇ. ئايالىم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بۇيرىمىساممۇ شۇنداق قىلىدۇ. مەن ئەمدى ئۇنىڭ ماڭا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ دەرتلىنىشلىرىنى كۆتۈرمىسەم بولامدۇ؟!»

ۋەدىگە ۋاپادار بولۇش

ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىدە: «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار (قىيامەت كۈنىدە )ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر»دەپ كەلگەن.

ئادەمنىڭ گېپىدە تۇرۇشى، كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچلىك، گېپىدىن يېنىۋالمايدۇ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلىمايدۇ، دەپ تونۇلىشى ئۇنىڭ ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقىنىڭ نىشانىسىدۇر. ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادەمدە ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ بىرى ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، يەنە بىرى ئىرادىنىڭ چىڭ بولۇشىدۇر.

سەگەك مېڭە بىلەن مەھكەم ئىرادە ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئامىلى

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەزالى «مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان «ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن ئىرادىنىڭ سۇس بولۇشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش يولىدىكى ئىككى چوڭ توسالغۇدۇر. ئىنساننىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرى ھەرخىل، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك مېڭىنىڭ بولۇشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ۋەدىسىگە قانداقمۇ ئەمەل قىلالىسۇن! ئىنسان بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئىرادىسىگە كېلىشى، قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. كىشىلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش يولىدا ئوخشاشمىغان تەقدىر – قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرىشى مۇمكىن. چۈنكى تۆلىنىدىغان بەدەل ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىدە سەگەك مېڭە بىلەن ئۇلۇغۋار قەلبنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئادەم چوقۇم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ.»

ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەستە تۇتۇشمۇ ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر

بىر ئادەمنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇشىمۇ ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەسىلەن: ئىلگىرى نامرات بولۇپ، ھازىر ئاللاھ بايلىق بەرگەن بولسا، ئىلگىرى كېسەلچان بولۇپ، ھازىر ساقلىققا ئېرىشكەن بولسا، خۇددى ھېچقاچان نامرات بولمىغاندەك، ئاغرىپ يېتىپ باقمىغاندەك مەغرۇرلىنىشى، نامراتلارنىڭ ۋە كېسەلچانلارنىڭ ھالىغا يەتمەستىن ئۆزىنىلا ئويلاپ ياشىشى تولىمۇ قوپاللىق ۋە نېمەتنىڭ ھېسابىغا قىلىنغان ئەڭ كەچۈرۈلمەس تۇزكورلۇقتۇر.

پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ۋاپادار بولۇش

ۋاپادارلىق ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ دىنى، ئىرقى ۋە رەڭگىدىن قەتئىينەزەر ئومۇم بولۇشى لازىم. چۈنكى پەزىلەت دېگەن پارچىلانمايدىغان بىر پۈتۈن نەرسە، ئادەمنىڭ بەزى كىشىلەرگە ۋاپادار بولۇپ، يەنە بەزى كىشىلەرگە رەزىل ۋە سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇشى توغرا ئەمەس. قىلىنغان ۋەدە، تۈزۈلگەن كېلىشىم قانداقلا كىشى بىلەن بولسۇن، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش شەرتتۇر. ھەقىقىي دىيانەتلىك توغرا ئادەم ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئۇلارنىڭ رەڭگى، دىنى ۋە ئىرقى سەۋەبلىك ئايرىم مۇئامىلىدە بولمايدۇ. بەلكى ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى ياخشلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان ياخشلىقىتۇر. شۇنداقلا يامانلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان يامانلىقتۇر. ئىنسانلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشلا ھۆرمەتكە ئىگىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىدە ئادىل بولۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلىش، ياكى مۇسۇلمانلارغا سىلىق بولۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە قوپال بولۇش توغرا ئەمەس.

ۋاپادارلىقنىڭ دائىرىسى كەڭ

ۋاپادارلىق دېگەن ماۋزۇ ئىنتايىن چوڭ ماۋزۇ بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋەتەننىڭ غېمىنى يېيىش، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن ئىزدىشىپ تۇرۇش، يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، پەرزەنتلەرنى ياخشى بېقىش، جورىسىغا سادىق بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.

([1]) ئىمام ئەھمەد، تەبەرانى رىۋايىتى.

([2]) تەبەرانى رىۋايىتى.

([3]) بۇخارى، مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.