رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى (2)

ئىران شاھى كىسراغا يوللىغان مەكتۇب__ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىران شاھى كىسراغا مۇنداق مەزمۇندا مەكتۇب يوللىدى: ناھاىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن پارسلارنىڭ كاتتىسى كىسراغا: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ شەھادەت ئېيتقانلارغا سالام! مەن سېنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. مەن بارلىق ئىنسانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن دىلى تىرىك كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كاپىرلارغا ئازاب ھەققىدىكى سۆزنىڭ ھەقلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن. مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن، ئەگەر باش تارتساڭ پۈتۈن ئاتەشپەرەسلەرنىڭ گۇناھى ساڭا يۈكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەكتۇبنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە سەھمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى. ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ مەكتۇبنى ئاپىرىپ بەھرەيننىڭ چوڭىغا تاپشۇرۇپ بەردى. بەھرەينىڭ چوڭى ئۆز ئادەملىرى ئارقىلىق كىسراغا يوللاپ بەردىمۇ؟ ياكى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتتىمۇ؟ بىزگە ئېنىق ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن، ھەرھالدا مەكتۇب كىسرانىڭ قولىغا تېگىپ پارسچىغا ئۆرۈپ ئوقۇپ بېرىلىۋىدى، ئۇ مەكتۇبنى يىرتىپ تاشلاپ: «مېنىڭ پۇقرالىرىمدىن ئاددىي بىر پۇقرا قانداقسىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مېنىڭ ئىسمىمدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىشقا پېتىنىپتۇ؟!» دەپ چالۋاقاپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىسرانىڭ بۇ مەكتۇبقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئاڭلاپ: «ئاللاھ ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ» دېگەنىدى. راستىنلا ئۇنىڭ سەلتەنىتى ئۇزۇنغا بارماي گۇمران بولدى. كىسرا بۇ مەكتۇبقا قارىتا ئۆزىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق ۋالىيسى بازانغا خەت يېزىپ، جەسۇر، چەبدەس ئادەمدىن ئىككىنى ئەۋەتىپ، ھىجاز تەۋەسىدىن چىققان ئاشۇ ئادەم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دىمەكچى - ت.) نى ھۇزۇرۇمغا تاپشۇرۇپ بەرگەيسەن دەپ بۇيرىدى. شۇنى بىلەن بازان يېنىدىكى ئادەملىرىدىن راسا يېتىشكەن ئىككى نەۋكەرنى تاللاپ، خەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ئۇ خېتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ئىككى كىشىگە قارشىلىق كۆرسەتمەي، ئىرانغا بېرىپ خان بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرىغانىدى. نەۋكەرلەر مەدىنىگە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرسى: «شاھىنشاھ كىسرا ئالىيلىرى پادىشاھىمىز بازانغا مەكتۇب ئەۋەتىپ، سېنى ئۇنىڭ ھوزۇرىغا ئەۋەتىپ بېرىشكە پەرمان قىلغانىكەن، شۇڭا بازان بىزنى سېنى ئىرانغا ئاپىرىپ كىسراغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئەۋەتتى» دېدى ۋە نۇرغۇن تەھدىت گەپلەرنى قىلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى: «ئەتە كۆرۈشەيلى» دەپ چىقىرىۋەتتى. دەل شۇ سائەت، شۇ مىنۇتلاردا ئىران ئارمىيىسى رىم ئارمىيىسى تەرىپىدىن پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇش بىلەن تەڭ كىسرا خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىسراغا قارشى قانلىق توپىلاڭ يۈز بېرىپ، كىسرانىڭ ئوغلى شىرۋەيھ ئاتىسىغا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق ھوقۇق ۋە سەلتەنەتنى ئۆز قولىغا ئالدى. بۇ ئەھۋال ھىجرىيىنىڭ 7- يىلى جەمادىيەلئۇلانىڭ 10- كۈنى سەيشەنبە كېچە يۈز بەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ۋەھيى ئارقىلىق خەۋەر تاپقانىدى. ئەلچىلەر ئەتىسى ئەتىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۈگۈن كېچە ئىران خان ئوردىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپ: «نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ بىز ساڭا ئاددىي چارە ئويلىشىپتۇق، سېنىڭ بۇ ئېيتقانلىرىڭنى يېزىپ خانغا مەلۇم قىلامدۇق؟» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بولىدۇ، ئۇنى ئەلۋەتتە خەۋەرلەندۈرۈڭلار ۋە ئېيتىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ دىنىم ۋە سەلتەنىتىم كىسرانىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق زېمىنلارنى ئىگىلەيدۇ. ئاتلىق ۋە پىيادىلىك بارالىغان ھەممە يەرگە بارىدۇ. پادىشاھىڭلارغا يەنە شۇنى ئېيتىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر مۇسۇلمان بولسا ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۆز خەلقىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن» دېدى. ئەلچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يول يۈرۈپ، ئاخىرى بازاننىڭ ئالدىغا بېرىپ توختىدى. شۇ ئەسنادا يەنە بازانغا ئىران خان ئوردىسىدىن شاھزادە شىرۋەيھنىڭ ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغانلىقى توغرىسىدا مەكتۇب كەلدى. مەكتۇبنتە شىرۋەيھ مۇنداق يازغانىدى: «ئاتام ساڭا خەت يازغان ھېلىقى ئادەم توغرۇلۇق مېنىڭ پەرمانىم بولمىغۇچە ئالدىراپ ئۇنى قوزغىتىپ قويمىغىن». مۇشۇ ۋەقە بازان قاتارلىق يەمەندە تۇرۇشلۇق ئىرانلىقلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولدى. رىم پادىشاھى قەيسەرگە يوللىغان مەكتۇب ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۇزۇن بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رىم پادىشاھى قەيسەرگە يوللىغان مەكتۇبىنىڭ تولۇق تېكىستىنى نەقىل قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسىدۇر: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدتىن رىمنىڭ كاتتىسى ھىرەقلىگە: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! مۇسۇلمان بولغىن، ئامان بولىسەن. مۇسۇلمان بولغىن، ئاللاھ ساڭا ئىككى ھەسسە ساۋاب (بىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنىڭ، يەنە بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامگە ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنىڭ ساۋابى) بېرىدۇ. ئەگەر ئىسلامدىن يۈز ئۆرىسەڭ، بارلىق خەلقىڭنىڭ گۇناھى ساڭا يۈكلىنىدۇ. «ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى ئورتاق بىر ئەقىدە) گە ئەمەل قىلايلى دېگىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا)، بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار دەڭلار» (3:64). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەكتۇبنى يەتكۈزۈپ بىرىشكە دىھيە ئىبنى خولەيفەتۇل كەلبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى ۋە ئۇنى ئاۋۋال مەكتۇبنى بۇسرا ۋالىيسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بۇسرانىڭ ۋالىيسىنى مەكتۇبنى قەيسەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھاۋالە قىلىپ قويۇشقا بۇيرىدى. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە، ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھېلىقى ئون يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان مەزگىلدە ئەبۇسۇفيان شامدا تىجارەتتە بولۇۋاتقاندا، رىم پادىشاھى ھىرەقلى ئۇنى قۇرەيش سودىگەرلىرى بىلەن چاقىرتىپ قوبۇل قىلغان. يەنى، ئۇلار ئىيلىيا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىكى چاغدا پادىشاھ قەيسەر ھىجازدىن كەلگەن ئەرەب سودىگەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلارنى ئۆز مەجلىسىگە چاقىرىتىپ ئولتۇرغۇزغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدا رىم دۆلىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەركانلىرى ئولتۇرغان. ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دېگەن: پادىشاھ سورۇن ئەھلىگە دىققەت بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن: - قايسىڭلارنىڭ نەسىبى (يەنى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقى) ھېلىقى ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان كىشىگە يېقىنراق؟ - دەپ سورىدى. مەن: - مېنىڭ نەسىبىم ئەڭ يېقىن، - دېسەم، ئۇ مېنى ئۆزىگە يېقىن ئولتۇرۇشقا، باشقا ھەمراھلىرىمنى مېنىڭ كەينىمدە ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى. ئاندىن ئۇ ھەمراھلىرىمغا: - مەن بۇنىڭدىن (يەنى ئەبۇ سۇفياندىن) ھېلىقى كىشى توغرىلىق بىرقانچە سوئال سورىماقچى، ناۋادا ئۇنىڭ گېپىگە يالغان ئارىلىشىپ قالسا، دەرھال رەت قىلىڭلار، - دېدى. ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ مېنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىدىن قورقمىسام ئىدىم، ئەلۋەتتە ئانچە - مۇنچە يالغانلارنى قېتىپ قوياتتىم». ئاندىن ئۇ مەندىن سورىدى: - ئۇنىڭ ئاراڭلاردىكى نەسىبى قانداق؟ - ئېسىل نەسەب. - ئۇنىڭ (يەنى مۇھەممەد) دىن بۇرۇن ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كىشى بولغانمۇ؟- ياق. - ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئىچىدە پادىشاھ بولغانلار بارمۇ؟ - ياق. - ئۇنىڭغا يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئەگەشتىمۇ ياكى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرمۇ؟ - تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر. - ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازىيىۋاتامدۇ؟ - كۆپىيىۋاتىدۇ. - ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ دىنىنى ياقتۇرماي يېنىۋالغانلار بارمۇ؟ - يوق. - ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۇنى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن يېرىڭلار بارمۇ، يوق؟ - يوق. - ئۇنىڭ ئەھدىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان يېرى بارمۇ؟ يوق. - ھازىر بىز ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشتۇق، مۇشۇنىڭغا خىيانەت قىلامدۇ، يوق؟ بىلمەيمەن. (ئەبۇ سۇفيان: «ماڭا مۇشۇ سۆزنى قوشۇپ قويۇشتىن باشقا بىر كەلىمە سۆزگە ئىمكان بولمىدى» دېگەن.) - ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلارمۇ؟ - ھەئە، ئۇرۇش قىلدۇق. - قايسىڭلار يەڭدىڭلار؟ - ئوخشاش بولمىدى. بەزىدە ئۇ يەڭدى، بەزىدە بىز يەڭدۇق. - ئۇ سىلەرنى نېمىلەرگە بۇيرۇۋاتىدۇ؟ - ئۇ بىزنى يەككە - يېگانە بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئاتا - بوۋىمىزنىڭ ناتوغرا يوللىرىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، ناماز ئوقۇشقا، سەدىقە بېرىشكە، راستچىل، ئىپپەتلىك بولۇشقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇۋاتىدۇ. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەيسەر ئەبۇ سۇفيانغا مۇنداق دېدى: «سەندىن ئۇنىڭ نەسىبىنى سورىسام، ئۇنى ئېسىل نەسەبلىك دېدىڭ. توغرا، پەيغەمبەرلەر ئېسىل نەسەبلىك بولىدۇ. ئىلگىرى ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كىشىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىڭ، ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كىشى بولغان بولسا، مۇھەممەد شۇنى دوراپ چىققان كىشى ئىكەن دەيتتىم. ئۇنىڭ ئەجدادلىرىدا بىرەرسى پادىشاھ بولغانمۇ؟ دېسەم، ياق دېدىڭ. شۇنداق بولسا، ئەجدادىنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلماقچى بوپتۇ دەيتتىم. ئۇنى بۇرۇن يالغانچىلىق بىلەن قارىلانمىغان دېدىڭ. ئۇ كىشىلەرگە يالغان ئېيتمىغانىكەن، ئاللاھقا ئەلۋەتتە يالغاننى توقۇمايدۇ. ئۇنىڭغا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئەگىشىپتۇ. ئىنتايىن توغرا، پەيغەمبەرلەرگە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئەگىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ دەيسەن. ئىمان ئەھلى ئەنە شۇنداق كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىن يېنىۋالغانلار يوق دېدىڭ. شۇنداق ئىماننىڭ ھالاۋىتى كىشىلەر قەلبىگە سىڭگەنسېرى، ئۇلارنىڭ مەيدانى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئۇنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋەدىسىگە خىيانەت قىلمىدى دەيسەن. پەيغەمبەرلەر ئەزەلدىنلا خىيانەتتىن خالىي كىشىلەردۇر. ئۇ نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ؟ دېسەم، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، بۇتقا چوقۇنماسلىققا، ناماز ئوقۇشقا، سەدىقە بېرىشكە ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ دەيسەن. ئەگەر دېگەنلىرىڭ راست بولسا، ئۇ مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ زېمىنلارنى پات ئارىدا ئىگىلەيدۇ. مەن ئۇنىڭ چوقۇم چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما سىلەردىن چىقىدۇ دەپ ئويلىمايتتىم. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمكان بولسا، چوقۇم ئۇچرىشىشقا تىرىشىمەن. ناۋادا ھازىر ئۇنىڭ ھوزۇرىدا بولىدىغان بولسام، ئۇنىڭ پۇت - قولىغا سۇ قوياتتىم». ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتكەن مەكتۇبنى ئوقۇشقا باشلىدى. مەكتۇب ئوقۇلۇپ بولۇۋىدى، پادىشاھ قەيسەرنىڭ سورۇنىدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز چىقىپ كېتىشكە ئەمىر قىلىندۇق. ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن مەن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۆز ئادەملىرىمگە: «ئۇ (مۇھەممەد) نىڭ ئىشى رىم پادىشاھىنى چۆچۈتكىدەك بولۇپ قاپتا!؟» دېدىم ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ) نىڭ ئىشى چوقۇم غەلىبە قىلىدىكەن دېگەن ئويدا بولدۇم. ئاخىر ئاللاھ مېنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلدى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبىنىڭ رىم پادىشاھى قەيسەردە قالدۇرغان تەسىراتلىرىنى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىدۇر. بۇ مەكتۇب قەيسەردە شۇنداق ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدىكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبىنى ئېلىپ بارغان ئەلچى دىھيە ئىبنى خولەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى نۇرغۇن مال - ماتا ۋە كىيىم - كېچەك قاتارلىق سوۋغا - سالاملار بىلەن تارتۇقلىغان.