رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى جەريانىدا يول ئۈستىدە يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەر

1. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: بىز پۈتۈن بىر كېچە - كۈندۈز ۋە ئەتىسى ئەتىگەندىن تاكى چۈش بولغانغا قەدەر يول يۈردۇق، ھەتتا بىر چاغدا يوللار تىنچلىنىپ تولا - تېرىم ئادەم ئۇچرىمايدىغان بولۇۋىدى، بىزگە يىراقتىن چوڭ بىر تاش كۆرۈندى. بىز ئۇنىڭ سايە تاشلىغان تەرىپىگە ئۆتۈپ چۈشتۇق. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۆز قولۇم بىلەن ئارام ئالىدىغان جاي راسلىدىم - دە، ئۇزۇن بىر چاپاننى سېلىپ: «ئۇخلىسىلا ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئەتراپنى كۆزىتەي» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇخلاپ قالدى. مەن تۇرۇپ ئەتراپنى كۆزەتتىم. بىر چاغدا بىر پادىچى بالا قويىنى بىز تەرەپكە ئۇدۇل ھەيدەپ كەلدى. ئەسلىدە ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش سايىداش ئۈچۈن كەلگەنىكەن، مەن ئۇنىڭغا: «قويلىرىڭ ئارىسىدا سېمىز قوي بارمۇ؟» دېدىم، ئۇ: «ھەئە، بار» دېدى. مەن: «ساغقىلى بولامدۇ؟» دېسەم، ئۇ: «بولىدۇ» دېدى ۋە بېرىپ بىر قوينى تۇتتى. مەن ئۇنىڭغا: «قوينىڭ ئەمچىكىنى توپا چاڭلاردىن ۋە مەينەت يۇڭلاردىن تازىلىۋېتىپ ئاندىن ساغقىن!» دېدىم. ئۇ يېنىدىكى بىر تاش قاچىغا ئازراق سۈت سېغىپ بەردى. مەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىشى ۋە سۇ ئىچىشى ئۈچۈن ئېلىۋالغان بىر قاچا بار ئىدى. سۈتنى شۇ قاچىغا قۇيۇپ ئېلىپ كەلدىم. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشنى خالىمايتتىم. لېكىن، ئۇ مېنىڭ كېلىشىمگىلا ئويغاندى. شۇنىڭ بىلەن سۈتكە ئازراق سۇ قۇيۇپ ئاستى تەرىپىنى سوغۇتتۇم ۋە: «سۈت ئىچسىلە! ئى رەسۇلۇللاھ» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈتنى قولۇمدىن ئېلىپ ئىچتى، مەن مەمنۇن بولدۇم، ئاندىن ئۇ: «ماڭىدىغان ۋاقىت بولمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ھەئە، ماڭىدىغان ۋاقىت بولدى» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن يەنە بۇ يەردىن قوزغىلىپ يولىمىزغا راۋان بولدۇق.

2. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادىتى - ئۇ يول بويى تۆگىسىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىگە چېتىپ ماڭاتتى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەممە ئادەم تونۇيدىغان مەئرۇف كىشى ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بولسا باشقا يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئانچە تونۇپ كەتمەيتتى. شۇڭا يولدا ئۇچرىغان بەزى كىشىلەر ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «ئالدىڭدىكى بۇ كىشى كىم؟» دەپ سوراپ قالاتتى. بۇ چاغدا ئۇ: «ئۇ مېنىڭ يول باشچىم» دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئۇقمىغانلار ئۇنى «سەپەر يولىنى» دەيدۇ دەپ ئويلايتتى. ئەمما، ئۇ «ھىدايەت يولىنى» مەقسەت قىلاتتى.

3. يولدا بۇلارغا سۇراقە ئىبنى مالىك يېتىشىۋالغىلى تاس قالدى. سۇراقە مۇنداق دېگەن: بىر كۈنى مەن ئۆز قەۋمىم بەنى مۇدلىج جەمەتىنىڭ سورۇنلىرىدىن بىرىدە ئولتۇراتتىم. سىرتتىن بىر ئادەم كىرىپ سورۇننىڭ بېشىدا ئۆرە تۇردى ۋە: «ئى سۇراقە! مەن بايا دېڭىز ساھىلى يولىدا كېتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ چوقۇم مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ سەپەرداشلىرىمىكىن دەيمەن» دېدى. سۇراقە مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇ ھامانلا ئۇلارنىڭ راست شۇلار ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدىم، لېكىن مەن ئۇنىڭغا: «ئۇلار سەن دېگەنلەر ئەمەس، سەن چوقۇم ھازىر مۇشۇ يولدىن ئۆتۈپ كەتكەن پالان - پۇستانىلارنى كۆرۈپسەن» دەپ قويدۇم. ئاندىن بىردەم ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ئولتۇردۇم. كېيىن سورۇندىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۆيگە كىردىم ۋە ئۆيدىكى خىزمەتچى دېدىكىمگە ئاتنى ئېلىپ چىقىپ ئارقىدىكى قۇم دۆۋىسىنىڭ كەينىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم، ئاندىن قولۇمغا نەيزەمنى ئېلىپ ئۆينىڭ ئارقا تەرىپى بىلەن نەيزىنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ سۆرىگەن پېتى يۈگۈرۈپ چىقتىم - دە، ئاتنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىپلا مىنگەن پېتى ئىز قوغلىتىپ قويۇۋەتتىم. ئات ئۇچقاندەك چېپىپ ماڭاتتى، ھەتتا بىر چاغدا ئۇلارغا يېقىنلاپ بېرىۋىدىم، تۇيۇقسىزلا ئېتىم پۇتلىشىپ يىقىلدى. مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن موللاق ئېتىپ چۈشتۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تەسرەك تۇرۇپ، قولۇمنى يېنىمدىكى ئوقدانغا ئۇزاتتىم ۋە ئۇنىڭدىن بىر قانچە تال پال ئوقلىرىنى چىقىرىپ «مەن ئۇلارغا يېتىشەلەيمەنمۇ، يوق؟» دەپ پال سېلىپ باقتىم. ئەپسۇسكى، پال ئوقى مەن ئارزۇ قىلغاندەك چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پال ئوقلىرىغا پەرۋا قىلماي يەنىلا ئېتىمغا مىنىپ چاپتۇرۇشقا باشلىدىم، ھەتتا مەن يېقىنلاپ - يېقىنلاپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىرائىتىنى (رەسۇلۇللاھ ماڭا قاراپمۇ قويمايتى، ئەبۇ بەكرى پات - پات قارايتتى) ئاڭلىيالىغۇدەك دەرىجىدە يېقىن كېلىۋىدىم، تۇيۇقسىز ئېتىمنىڭ ئىككى پۇتى تىزىغىچە يەرگە پېتىپ كەتتى. مەن ئات ئۈستىدىن يەرگە دومىلاپ چۈشتۈم. ئورنىمدىن تۇرۇپ ئاتنى دېۋىتتىم. ئات پۇتىنى يەردىن ناھايىتى تەس تارتىپ ئېلىپ قامىتىنى رۇسلىۋىدى، ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا قارا تۈتۈندەك ۋەھىمىلىك بىر چاڭ توزاڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېنىمدىكى پال ئوقلىرىنى ئۆرۈپ يەنە سىناپ كۆردۈم. نەتىجە مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىدى. شۇڭا، مەن ئۇلارغا ئامانلىق ئېلان قىلدىم، ئۇلار توختىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئېتىمغا مىنىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. مەن مېنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توسۇپ قويغان بايامقى ئالامەتلەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بۇ ئىشى چوقۇم غەلىبە قىلىدىكەن دېگەن قاراشقا كەلگەنىدىم. شۇڭا، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «ئى رەسۇلۇللاھ! قۇرەيشلەر سېنى تۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى ئېلان قىلدى» دېدىم ۋە ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ قانچىلىك تەقەززالىق بىلەن ئىزدىشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدىم. ئۇلارغا يېنىمدىكى ئازراق ئوزۇقلۇق ۋە لازىمەتلىكلەرنى ئېلىۋېلىشقا تەڭلىدىم. ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇلار پەقەت مەندىن: «بىز بىلەن ئۇچراشقانلىقىڭنى يوشۇرغىن» دەپ ئۆتۈندى. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ماڭا ئامانلىق خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدىم. ئۇ ئامىر ئىبنى فۇھەيرىنى بۇيرۇپ ماڭا بىر تال چەرمە رەختكە ئامانلىق خېتى يازدۇرۇپ بەردى. ئاندىن ئۇلاغلىرىغا مېنىشىپ جىددىي يۈرۈپ كېتىشتى.
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: بىز يولغا چىقىۋەردۇق، ھالبۇكى مۇشرىكلار بىزنى قاتتىق ئىزدەۋەتاتتى. شۇنداقتىمۇ بىزنى سۇراقە ئىبنى مالىكتىن باشقا ھېچكىم بايقىيالمىدى. ئۇ بىزگە ئات بىلەن يېتىشىۋالدى. بۇ چاغدا مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، مانا ئىز قوغلىغۇچىلار بىزگە يېتىشىۋالدى» دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «خاتىرجەم بولغىن، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە» دېدى.
سۇراقە قايتىپ كەتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ توختىماي ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «مەن سىلەرگە ۋاكالىتەن خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ كەلدىم، بۇ ئەتراپتا ھېچ گەپ يوق» دەپ كىشىلەرنى ئىزدەشتىن ياندۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ شۇ كۈننىڭ ئەتىگىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن ئىدى، كەچلىكى بۇ ئىككەيلەننى قوغدايدىغان پاسىبانغا ئايلاندى.

4. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ پېتى يول يۈرۈپ، ھەتتا بىر چاغدا خۇزائە قەبىلىسىدىن ئۇممۇ مەئبەد ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ كەپىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇ شىجائەتلىك ۋە قەيسەر ئايال بولۇپ، ئاشۇ سەھرادىكى كەپىسىدە تىرىكچىلىك قىلاتتى. ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە ئاش - تاماق ۋە ئۇسسۇلۇق بېرىپ يولغا سالاتتى. ئۇلار ئۇممۇ مەئبەدتىن: «بىز يېگۈدەك نەرسە بارمىكىن؟» دەپ سورىغانىدى، ئۇ: «ئەگەر يېنىمدا ئازراق بىر نەرسە بولغان بولسا ئىدى، ھەرگىز سىلەردىن ئايىمايتتىم، قويلار بولسا ئورۇق» دېدى. شۇ يىلى ھەقىقەتەن قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن يىل ئىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەپىنىڭ بىر چېتىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇۋاتقان بىر قوينى كۆردى - دە: «بۇ نېمە قوي ئى ئۇممۇ مەئبەد؟» دەپ سورىدى. ئۇممۇ مەئبەد: «ئۇ ئورۇق ئاۋارىلىقىدىن ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان قوي» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭدا سۈت بارمىدۇ؟» دېگەنىدى، ئۇممۇ مەئبەد: «ئۇ دېگەن بەك ئاۋارە، سۈت چىقماسمىكىن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەمىسە ئۇنى مېنىڭ سېغىشىمغا رۇخسەت قىلامسىز؟» دېۋىدى، ئۇممۇ مەئبەد: «ئەلۋەتتە ئاتا - ئانامنىڭ ھەققىدە تۇتتۇم، ئەگەر ئۇنىڭدا سۈت بار دەپ قارىسىڭىز مىڭ مەرتىۋە سېغىۋېلىڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ قوينىڭ ئەمچىكىنى «بسم اللە » دەپ قولى بىلەن سىلاپ دۇئا قىلىۋىدى، شۇئان ھېلىقى قوينىڭ ئەمچىكىدىن سۈت ئېتىلىپ چىقىپ قولىغا تۆكۈلۈشكە باشلىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قانچە ئادەمگە تائام سىغىدىغان بىر ئارا قاچىنى ئەكېلىپ، ئۇ قوينى سېغىشقا باشلىدى. بىردەمدىلا قاچىنىڭ يۈزىگە قايماقلار لەيلىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈتنى ئالدى بىلەن ھېلىقى ئايالغا سۇندى، ئۇ ئايال ئىچىپ قاندى. ئاندىن يېنىدىكى ھەمراھلىرىنى سۇغاردى، ئۇلارمۇ ئىچىپ قېنىشتى. ئەڭ ئاخىردا ئۆزى ئىچتى. يەنە سېغىپ قاچىنى لىقمۇلىق توشقۇزۇۋەتتى ۋە ئۇ سۈتنى ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ يولغا راۋان بولدى.

ئۇزاق ئوتمەي، ئۇ خوتۇننىڭ ئېرى (ئەبۇ مەئبەد) ئورۇقلۇقىدىن قەدەم ئېلىشقا ماجالى قالمىغان بىر قانچە تال شاخپاي ساغلىقنى ھەيدەپ پەيدا بولدى. ئۇ ئۆيىدىكى سۈتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە: «بۇ سۈتنى نەدىن پەيدا قىلدىڭ، ئۆيدە قالغان قوي ئورۇق، ئاۋارە تۇرسا، ئۆيدە ئۇنىڭدىن باشقا سېغىن بولمىسا؟» دەپ سورىدى. ئۇممۇ مەئبەد: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، باياتىن بىزنىڭ چېدىرىمىزغا مۇبارەك بىر كىشى چۈشۈپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق - مۇنداق سۆزلەرنى دېدى ۋە پالان - پالان ئىشلارنى قىلدى» دەپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇۋىدى، ئەبۇ مەئبەد: «قۇرەيشلەر ئىزدەۋاتقان كىشى شۇ بولۇپ قالمىسۇن يەنە! ئى ئۇممۇ مەئبەد، ئۇنى ماڭا تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرغىنە» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ مەئبەد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى گويا ئاڭلىغۇچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدىغان يۇقىرى پاساھەتلىك سۆز ماھارىتى بىلەن سۈپەتلەپ بەردى. بۇ چاغدا ئەبۇ مەئبەد: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قۇرەيشلەر گېپىنى قىلىپ يۈرگەن كىشى چوقۇم شۇ ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا ھەمسۆھبەت بولاي دېگەنىدىم، پۇرسەت بولسا چوقۇم شۇنداق قىلىمەن» دېدى.

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قايسى تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلەلمەي قالغانىدۇق، ئۇشتۇمتۇت بىر جىن مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن يۇقىرىقى مىسرالارنى ئۇقۇپ پەيدا بولدى. ئادەملەر «سۆزى بار، ئۆزى يوق» بۇ ئاۋازغا ئەگىشىپ مېڭىشاتتى، ھەتتا ئۇ مەككىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە چىقىپ كەتتى. بىز شۇئان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قايسى تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى، يەنى مەدىنىگە قاراپ يول ئالغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.

5. سەپەر داۋامىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ بۇرەيدىگە يولۇقتى. ئۇ قەۋمى - جامائىتى ئىچىدە كاتتا ئابرۇيلۇق كىشى ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم قۇرەيش دائىرىلىرى ئېلان قىلغان زور مىقداردىكى مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈش تەمەسىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىزدەپ چىققان. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەندىن كېيىن، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا بىللە چىققان 70 كىشى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە دەرھال بېشىدىكى سەللىسىنى ئېلىپ نەيزىسىگە چېگىپ، ئەمىنلىك ۋە تىنچلىق ئەلچىسى جاھاننى ئەدلى -ئادالەتكە توشقۇزۇش ئۈچۈن كەلدى دېگەننى بىلدۈرىدىغان ئەلەم قىلىپ كۆتۈرۈۋالدى.

6. مەدىنىگە بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ شامدىن قايتىپ كېلىۋاتقان تىجارەت كارۋىنى بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىردىن ئاق رەختتە تون كىيگۈزۈپ يولغا سالدى.