رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى (2)

2. مەدىنىدىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدىكى تېخىغىچە مۇسۇلمان بولماي تۇرۇۋاتقان مۇشرىكلار مەسىلىسى - ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق تالاشقۇدەك كۈچ- مادارى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملار بۇ يېڭى دىنغا نىسبەتەن دەرگۇمان بولۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ تۇتقان يولىنى تاشلىغۇسى كەلمەي ئىككىلىنىپ يۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىللىرىدا ئاداۋەت ۋە سۇيىقەست پىلانلاپ يۈرمەيتتى. ئۇنداقلار ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىخلاسمەن مۇئمىن بەندىلەردىن بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا كۆڭلىدە قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە ئېغىر ئاداۋەت ساقلاپ يۈرىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەرمۇ بار ئىدى. لېكىن، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلالمايتتى، بەلكى تېخى زاماننىڭ شەرت-شارائىتىغا بېقىپ، مۇسۇلمانلارغا قارىتا نائىلاج دوستلۇق ۋە ساداقەت ئىزھار قىلىپ يۈرەتتى. بۇلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل دېگەن كىشى بولۇپ، ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى بۇئاس ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئۇنى ئۆزلىرىگە سەردار-پادىشاھ قىلىپ تىكلىۋالماقچى بولغان (بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار بىرەر كىشى ئەتراپىغا بۇنداق ئۇيۇشۇپ بىرلىككە كەلگەن ئەمەس) ۋە ئۇنىڭغا تاج كىيگۈزۈپ خانلىق مەقامىغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈنچە-مارجان تىزىپ خانلىق تاج تەييارلاۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇت مەدىنىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ قېلىپ كىشلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يۈزلىنىپ كەتتى. شۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇ مەدىنە خەلقىگە پادىشاھ بولاي دەپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مېنىڭ بولغۇسى خانلىق ئورنۇمنى تارتىۋالدى دەپ قارايتتى ۋە ئۇنىڭغا ئاستىرتىن ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرەتتى. ئەمما، ئۇ بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىز تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇشۇنداق شېرىك ئەقىدىسى بىلەن تۇرۇۋەرسە دۇنياۋى مەنپەئەتلەردە نۇرغۇن نەپتىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ تاشقى جەھەتتە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېغىزاكى جاكارلاپ قويغانىدى.  ; لېكىن، ئۇ دىلىدا كۇپرىدىن ۋاز كەچمىگەنىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇدەك پۇرسەت بولسىلا قولدىن بەرمەيتتى ۋە ئۇنىڭ (ئۇ پادىشاھ بولغان تەقدىردە ئېرىشىش ئېھتىمالى بولغان ئەمەل-مەنسەپلەرىن مەھرۇم قالغان كاندىدات ئەمەلدار) ئادەملىرى ئۇنىڭغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ، ئۇنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ مەدەت بېرەتتى. تېخى ئۇلار بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ رەزىل پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ، قىسمەن ساددا مۇسۇلمانلارنى قالقان ۋە لاخشىگىر ئورنىدا ئىشلىتەتتى.

   3. يەھۇدىيلار مەسىلىسى - ئۇلار يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھىجاز[+] تەۋەلىكىگە ئاشۇرىلەر ۋە رۇملۇقلارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ كېلىپ قالغان خەلقتۇر. ئۇلار ئەسلىدە ئىبران مىللىتىگە تەۋە خەلق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھىجازغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كىيىم-كېچەك، تىل ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تامامەن ئەرەبلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئەرەبچە ئاتالغانىدى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ بارلىققا كەلگەنىدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەت-ئىرق تەۋەلىكىنى قەتئىي ئېسىدىن چىقارماي، ئەرەبلەرگە مۇتلەق قوشۇلۇپ كەتمىگەنىدى. بەلكى، ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل (يەھۇدىي) مىللىتى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. ئەرەبلەرنى بولسا ئىنتايىن ھەقىر (تۆۋەن) كۆرەتتى. ئۇلارنى مەدەنىيەتسىز ياۋايى مەخلۇقلار، تۆۋەن تەبىقىدىكى ساۋاتسىز تومپايلار دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «ئۇممىي» (تۇغۇلما خەلق) دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتايتتى. ئۇلار ئەرەبلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىش دۇرۇس، قانداق ئۇسۇل بىلەن يەۋالسا بولىدۇ دەپ قارايتتى: ﴿قَالُواْ لَيْسَ عَلَيْنَا فِي اﻷُمِّيِّينَ سَبِيلٌ﴾ «ئۇلار: ‹ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)› دېدى» (3:75). ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىش قىزغىنلىقىمۇ يوق ئىدى.   ئۇلارنىڭ دىنى سەرمايىسىنىڭ بار-يوقى پەقەت پالچىلىق، سېھىرگەرلىك، دەمكەشلىك، دۇئاخۇنلۇق ۋەھاكەزالار بولۇپ، ئۇلار شۇ نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بىلىملىك پازىل روھىي يېتەكچىلەر دەپ قارايتتى.   ئۇلار ھۈنەرۋەنچىلىك، تىجارەت ۋە مەئىشەت پەنلىرىگە ماھىر خەلق ئىدى. شۇڭا، ئاشلىق - دان، يەل - يېمىش، شېكەر - ھاراق ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق تىجارەتلەر ئاساسلىقى شۇلارنىڭ قولىدىن چىقاتتى. ئۇلار ئاشلىق، رەخت ۋە ھاراق - شارابلارنى سىرتتىن كىرگۈزۈپ، خورما قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سىرتقا چىقىراتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئەرەبلەردىن ھەسسىلەپ پايدا ئالاتتى. ئۇلار يەنە بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، جازانىخورلۇق بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. ئۇلار ئەرەب پېشۋالىرى ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىغا شائىرلارنىڭ مەدھىيىلىرىگە ئېرىشىۋېلىشى ۋە خالايىق ئارىسىدا ياخشى نام قازىنىۋېلىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قلىشقا ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بېرىپ، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىن، باغ-ۋاران ۋە دەل-دەرەخلىرىنى ھەممىسىنى گۆرۈگە تۇتاتتى. كېيىنچە، ئاستا-ئاستا ھېلىقى يەر-زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىنىڭ مۈلۈك-زېمىنىغا ئايلاندۇرۇۋالاتتى.   ئۇلار يەنە ھىيلىگەر، قارا نىيەت، سۇيىقەستچى، پىتنىخور ۋە ئالـدامچى تەبىئەتلىك خەلق بولۇپ، ھەدېسىلا قوشنا ئەرەب قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچاتتى ۋە بۇ قەبىلىلەرگە سەزدۈرمەستىن ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ھىيلە-نەيرەڭلىرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزئارا چۇقۇشتۇراتتى. شۇڭا، ئۇلارغا قوشنا ئەرەب قەبىلىلىرى نەچچە ئەۋلاد داۋام قىلغان قانلىق ئۇرۇش قاتىلاڭچىلىقلىرىدا داۋاملىق جىددىي ھالەتتە ئۆتكەنىدى. قاچانىكى بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئوتلىرى ئۆچۈپ، ئىس-تۈتەكلىرى تارقىلىشقا باشلىسا، ئۇلار زەھەرلىك قوللىرىنى يەنە كۆسەي بولۇپ، ئۇرۇش زېدىلىرىنى قايتا تاتىلاپ، ئەرەب قەبىلىلىرىنى راسا كۈشكۈرتۈپ قويغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ بۇ بىچارىلەرگە كەلگەن كەلمىشلەرنى تاماشا قىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى.   ئۇلار تېخى بۇنى ئاز دەپ ئۇرۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەر چىقىمدىن قورقۇپ ئۇرۇش توختاتمىسۇن ئۈچۈن، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. ئۇلار بۇ سۇيىقەستى ئارقىلىق بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى تەڭ سوقاتتى، يەنى ئۇلار بىر جەھەتتىن ئۆزلىرىگە خاس (توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدىغان) خۇسۇسىيەتكە ۋارىسلىق قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ جازانىغا پۇل بېرىپ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەتتى.  ; ھىجرەت مەزگىلىدە يەسرەب (مەدىنە)تە ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ يەھۇدىي قەبىلىسى بار ئىدى. ئۇلار:

   1. بەنى قەينۇقا قەبىلىسى - ئۇلار خەزرەج قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇپ، ئولتۇراق ئورنى مەدىنىنىڭ ئىچىگە جايلاشقانىدى.

   2. بەنى نەزىر.

  3. بەنى قۇرەيزە - بۇ ئىككى قەبىلە ئەرەبلەردىن ئەۋس قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى. بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ ئولتۇراق جايى مەدىنىنىڭ سىرتىدىرەك بولۇپ، شەھەر ئەتراپىغا يېقىن ئىدى.

   مانا بۇ ئۈچ پۇتلۇق يەھۇدىيلار ئوچىقى ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئۇرۇش ئوتلىرىنى يالقۇنجىتىپ، پەسىيىپ قالسا ئۇلغايتىپ كەلدى، ھەتتا تېخى بۇئاس ئۇرۇشىدا ھەرقايسى يەھۇدىي قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر تەرەپ بولۇپ بىۋاسىتە جەڭگىمۇ قاتناشتى.          يەھۇدىيلارنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت نەزىرى بىلەن قارايدىغانلىقى تەبىئىي ئىدى. چۈنكى، بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارنىڭ مىللىتىدىن بولماي قالدى. شۇنداق بولغان بولسىدى، ئۇلارنىڭ نەپسانىيىتى، بىلەرمەنلىكى ۋە چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك ئەسەبىيلىكى ئاز-تولا تەسكىن تېپىپ قالار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دەۋىتى كىشىلەر ئارىسىدىكى گىنە-ئاداۋەت داغلىرىنى يۇيۇپ، چېچىلاڭغۇ قەبىلىلەرنى ئىناق ئۆتۈشكە تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىشلاردا سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولۇشقا، تىجارەتتە توغرا ۋە ئادىل يولنى تاللاپ، ھالال ۋە پاكىز رىزق بىلەن كۇپايىلىنىشكە چاقىرىدۇ. بۇ تەشەببۇس يەسرەب (مەدىنە) تەۋەلىكىدە ئۇزۇندىن بېرى تىركىشىپ كېلىۋاتقان ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئۆزئارا ئەپلەشتۈرۈپ، ئۆم-ئىناق قېرىنداشلاردىن قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا بۇ قەبىلىلەر يەھۇدىيلارنىڭ زەھەرلىك چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىۋالىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ تىجارەت بازىرى كاساتلىشىدۇ ۋە بايلىق تۈگمىنىنى چۆرگىلىتىۋاتقان جازانىخورلۇق بازىرىدىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ. بەلكى تېخى، بۇ قەبىلىلەر ئويغىنىپ يەھۇدىيلار جازانىخورلۇق يولى بىلەن بۇلىۋالغان ئاشۇ مال-مۈلۈكلىرىنى ھېسابلاپ چىقىشى، ئاندىن ئۆسۈم ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا تۇتقۇزۇپ قويغان يەر-زېمىن ۋە باغ-ۋارانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىشىمۇ مۇمكىن.   يەھۇدىيلار ئىسلام دەۋىتى يەسرەبتە يىلتىز تارتىشقا باشلىغاندىن بېرى، يۇقىرىقى ئېھتىماللىقلارنى ئاللىقاچان پەملەپ بولغان ئىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ ئويىنى دەماللىقچە ئاشكارىلىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنىغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قارىتا، ئۇ مەدىنىگە كەلگەن تۇنجى كۈندىن ئېتىبارەن ناھايىتى قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىپ كەلدى.   يەھۇدىيلارنىڭ بۇ قورساق ئاغرىقلىرى ئىبنى ئىسھاق رەھىمەھۇللاھ ئۇممۇلمۇئمىنىين (مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى) سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلغان مۇنداق بىر ۋەقەلىك بىلەن ئېنىق ئاشكارىلىنىدۇ. سەفىييە بىنتى ھۇيەي ئىبنى ئەختەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن ئاتامنىڭ ۋە تاغام ياسىرلارنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىدىم. ھەر قاچان بۇلارنىڭ قېشىدىن ئۆتسەم، ئۇلار مېنى قولدىن-قولغا ئېلىپ ئوينىتاتتى. باشقا بالىلار بىلەن ئانچە كارى بولمايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قۇبا كەنتىدە بەنى ئەمرى ئىبنى ئەۋف مەھەللىسىگە چۈشكەندە ئاتام ھۇيەي ئىبنى ئەختەب بىلەن تاغام ئەبۇ ياسىر ئىبنى ئەختەف ئىككىسى بىر كۈنى ئەتىگەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلار كۈن ئولتۇراي دېگەندە ئاندىن قايتىپ چىقىشتى. ئۇلار روھى چۈشكۈن ۋە باشلىرىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ناھايىتى روھسىز پايپاسلاپ ماڭاتتى. بۇ چاغدا مەن ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئويناقشىپ باردىم. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنى قولىغا ئېلىپمۇ قويمىدى. ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇلارنىڭ قوشۇمىسىنىڭ ئەندىشىلىك تۈرۈلۇپ قالغانلىقىدىن ھېچقايسىسىغا ئەركىلەپ قارىيالمىدىم. مەن تاغام ئەبۇ ياسىرنىڭ ئاستا كېتىۋېتىپ ئاتام (ھۇيەي ئىبى ئەختەف) بىلەن:   — ئاشۇ شۇمۇ؟   — ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئاشۇ شۇ.   — ئۇنى تونۇمسەن ۋە چوقۇم شۇ دەپ جەزملەشتۈرەلەمسەن؟   — ھەئە، ئەلۋەتتە.   — ئۇنىڭغا قارىتا قانداق قارارغا كەلدىڭ؟   — ھاياتلا بولىدىكەنمەن ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىمەن، — دېيىشىپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلىدىم.   ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ھەققىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بۇنى كۈچەيتىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەھۇدىيلارنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنىگە كېلىپ بەنى نەججار مەھەللىسىگە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەردىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان بىر قانچە سوئالنى تاشلىدى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈردى. ئاندىن ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ، يەھۇدىيلار تۆھمەتخور، يۈزسىز خەلق، ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلىپ قالسا، سېنىڭ ئالدىڭدىلا قارىلىغىلى تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاۋۋال ئۇلاردىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ باققىن» دېدى. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىيلارنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئۆيگە كىرىۋالغانىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاردىن: «ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قانداق ئادەم؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئۇ بىزنىڭ كاتتا ئۆلىمايىمىز، ئۆلىمانىڭ ئوغلى، پازىل، ياخشى ئادىمىمىز، ياخشى ئادىمىمىزنىڭ ئوغلى (يەنە بىر ئىبارىدە بىزنىڭ كاتتىمىز ھەم كاتتىمىزنىڭ ئوغلى، يەنە بىر ئىبارىدە ياخشى كىشىمىز، ياخشى كىشىمىزنىڭ ئوغلى، ئۆزى پازىل ھەم پازىل كىشىنىڭ ئوغلى)» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ناۋادا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام مۇسۇلمان بولسا قانداق قارايسىلەر؟» دېۋىدى، ئۇلار بىردەك چۇقان كۆتۈرۈشۈپ: «ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي (ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم)» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى-دە: «أشهد أن لا إلە إلا اللە وأشهد أنّ محمدا عبدە ورسولە» (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن) دېدى. يەھۇدىيلار: «ھۇ نومۇسسىز، نومۇسسىزنىڭ پۇشتى» دېيىشىپ ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغىلى تۇردى. يەنە بىر ئىبارىدە، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى يەھۇدىيلار جامائەسى، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، يەككە-يېگانە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ھەق دىن» دېگەنىدى، ئۇلار: «يالغان ئېيتتىڭ، يالغان» دەپ چۇرقىرىشىپ كەتتى.   مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كىرگەن كۈنىدىلا يەھۇدىيلاردىن ئالغان تۇنجى سىناق ئىدى.