رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىش

بىز ھازىر غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى توقۇنۇشۇۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز, ئۆز ۋاقتىدا ياۋرۇپا ئەللىرىگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىن يىراقلىشىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيا كاپىرلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى بىرلىشىپ، مۇسۇلمانلار گەۋدىسىنى پارچىلاپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قايتىدىن ئىسلام بايرىقى ئەتراپىغا ئۇيۇششتىن توسۇپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن يىراقلاشتۇرۋەتكەنلىكىدۇر.

   ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە قايتىپ، بۇزۇلغان سەپلىرىنى تۈزەپ، ئىسلام بايرىقى ئاستىغا قايتا توپلىنىشىدىن قورقىدۇ. چۈنكى دۈشمەنلەر ئىلگىركى مۇسۇلمانلار ئىززىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتمىسى بىلىپ، ئۇنىڭغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ ئىسلام بايرىقى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە قايتىپ مۇستەھكەم بىر گەۋدە بولىشىغا قارشى كىچە - كۈندۈز ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتىنى ئەمەلىي تەتبىقلاش پۇرسىتىنى بەرمەيۋاتىدۇ. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنى تەتبىقلاش، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەر بۇيىچە ھۆكۈم قىلىش چۈشەنچىسى ئاجىزلىشىپ كېتىشى بىلەن بىرگە, ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىمۇ ئاجىزلاشتى، دۈشمەنلىرى ئالدىدا خار بولدى. مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەرنى توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراق ۋە مۇسىبەت سورۇنلىرىدا چىرايلىق تىلاۋەت قىلىپ قويۇش، زىننەت بۇيۇملىرى ئورنىدا تام - تۇرۇسلارغا ئېسىپ قويۇشلار بىلەن كۇپايىلەنمەستىن بەلكى ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا دەستۇر بىلىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقى ئەمەل قىلغان ۋاقتىدا چوقۇمكى، بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىدىن قۇتۇلۇپ ئەجدادلىرى ئېرىشكەن ئىززەتنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىدا شەك يوق! دۇشمەننىڭ ھىلى - مىكرىلىرىگە ئالدىنىپ، ھازىرقى ئەسىردە ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى، ياكى ھازىرقى ئەسىردە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ دەستۇر بولۇش سالاھىيىتى يوق, دەپ ئويلايدىغان ساددا مۇسۇلمانلارنىڭ سەمىگە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئايەتلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم، قۇرئان كەرىمدە بۇ مەزمۇندا كەلگەن ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ لېكىن ئەقلى ھوشى جايىدا كىشىلەرگە تۆۋەندىكى ئايەتلەر كۇپايە دەپ قارايمەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

    {ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى شەيتاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) غا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن, قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟. ئەنە شۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (يالغان ئېيتىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى مۇناپىقلىقىنى، مىكرىنى) بىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارغا تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغىن. بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى. (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا  تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ}. نىسا سۈرىسى 60- ئايەتتىن 65- ئايەتكىچە.

   {(مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۆمىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ يا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللانىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر. (پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر}. نۇر سۈرىسى 47- 51- ئايەتلەر.

 

   ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.