رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى (2)

2- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ قانداق تىرىلىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىك مۆجىزىسى __ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزەڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەر بىر تاغقا  ئۇلاردىن بىر بۆلىكىنى قويغىن, ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر}. سۈرە بەقەرە 260 - ئايەت.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىدا ھەرگىز شەك قىلمىغانىدى لېكىن ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلىپ: {پەرۋەردىگارىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئىبراھىمنىڭ مۇستەھكەم ئىمانىنى بىلگەن ئاللاھ: {(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تېپىشى ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى}.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئارقىلىق تۇپراققا ئارىلىشىپ كەتكەن ئۆلۈكلەر جىسىملىرىنىڭ قانداق يىغىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىنى تېخىمۇ قانائەتلەندۈرۈشۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بوغۇزلاپ، پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرۇشقا، ئاندىن ھەر بىرتاغقا  ئۇلاردىن بىر بۆلىكىنى قويۇشقا, ئاندىن ئۇلارنى چاقىرىشقا بۇيرىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلىۋىدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كاتتا بىر مۆجىزە نامايان بولدى، قۇشلارنىڭ پارچە - پارچە قىلىنىپ ئەتراپىدىكى تاغلارغا تارقىتىۋىتلگەن جەسەتلىرى ئۇچۇشقا باشلىدى، بىر دەمدىلا قان، قانغا، گۆش، گۆشكە، پەي، پەيگە قېتىلىپ، قۇشلار تىرىلىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆز ئالدىدا ھازىر بولۇشتى.

   ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش ھەقىقىتى بولسا كاپىر ۋە مۇشرىكلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن بىر ھەقىقەت بولۇپ، بۇ ئايەت كەرىم تۇپراقلارغا ئارىلىشىپ كەتكەن ئۆلۈكلەرنىڭ قانداق تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئۆلۈكلەرنىڭ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلىرىنى يىغىدۇ, ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىنچىكە, ئەڭ نازۇك بولغان بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا قايتا ھاياتلىق بېرىدۇ.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئىنسان (يەنى كاپىر) بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئىي قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئىي قىلىمىز), ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە, ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز}. سۈرە قىيامەت 3-، 4- ئايەتلەر.

   3- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت بولغانلىق مۆجىزىسى

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (يەنى مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى}. سۈرە بەقەرە 126- ئايەت.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام رەببىگە دۇئا قىلىپ، بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپىنى تىنىچ شەھەر قىلىپ بېرىشنى، بۇ شەھەرنىڭ مۆمىن - مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاھالىسىنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرۇشنى تىلىدى.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئايالى ھاجەر ۋە ئوغلى ئىسمائىلنى ھېچقانداق زىرائەت، ئۆسۈملۈك بولمىغان ئېكىنسىز ۋادى مەككە - مۇكەررەمەدە قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئا - تىلەكلىرىنى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:

   {پەرۋەردىگارىمى! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسمىنى (يەنى ئوغلۇم ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنىڭ شۈكۈر قىلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن}. سۈرە ئىبراھىم 37- ئايەت.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن مەككە - مۇكەررەمە تىنىچ شەھەرگە ئايلاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئى ئاللاھ، ئىبراھىم مەككىنىڭ ھۆرمىتى قوغدىلىدىغان، تىنىچ شەھەر بولىشىغا دۇئا قىلغاندەك، مەن ھەم مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ھۆرمىتى قوغدىلىدىغان،  تىنىچ شەھەر بولىشىغا دۇئا قىلىمەن" دېگەن سۆزى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر دۇئاسى مەككە - مۇكەررەمە تىنىچ شەھەرگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇ شەھەرنىڭ مۆمىن - مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاھالىسىنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرۇشنى تىلەش بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ دۇئاسى ھەم ئىجابەت بولدى.

   ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر دۇئاسىنى بىزگە ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! بۇ جاينى (يەنى مەككىنى) تىنچ (جاي) قىلىپ بەرگىن، مېنى ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن}. سۈرە سۈرە ئىبراھىم 35- ئايەت.

   ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن مەككە - مۇكەررەمەنى تىنىچ شەھەر قىلىپ بېرىشنى تىلىگىنىدەك، ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلىشنى تىلىگەنلىكىنى بىلىمىز.

   مانا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئاسىنىڭمۇ ئىجابەت بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئىلگىرى بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپلىرىدا نۇرغۇن بۇتلار بار بولغان بولۇپ، مۇشرىكلار بۇ بۇتلارغا چۇقۇناتتى، مەككە پەتھىسىدىن كېيىن بۇ شەھەردە بۇتلارغا ۋە ئۇنىڭغا چۇقۇنىدىغانلارغا  ئورۇن قالمىدى.

   ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىنى مانا مۇشۇنداق ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ بارلىق تىلەكلىرىنى روياپقا چىقاردى.

   4- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇت يېشىدىن قالغان ئايالى سارەدىن پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىك مۆجىزىسى

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

   {ئۇنىڭ (يەنى ئىبراھىمنىڭ) ئايالى (يەنى سارە) بىر تەرەپتە تۇرۇپ (لۇت قەۋمىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ) كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا (يەنى سارەگە) ئىسھاق (ئاتلىق بالىسى بولىدىغانلىقى)   بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان  يەئقۇب (ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق}. سۈرە ھۇد 71- ئايەت.

   {ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: « يىمەمسىلەر» دېدى. (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار: «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەپلەنگەنلكىىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى. ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق) دېدى}. سۈرە زارىيات 25- 30.

   بۇ ئايەتلەر بىزگە، لۇت قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ماڭغان پەرىشتىلەرنىڭ ئەۋۋەل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسھاق ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت بېرىدىغانلىقى بىلەن بىشارەت بەرگەنلىكىنى، بۇ بىشارەتتىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇت يېشىدىن ئاللىقاچان قالغان ئايالى سارەنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى، پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

   مۇپەسسىرلەر پەرىشتىلەر بىشارەت ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتىتا، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان بوۋاي ۋە مومايلاردىن بولۇپ بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ بىشارەتتىن ھەيران قالغانلىقىنى، پەرىشتىلەرنىڭ بۇ ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قانائەتلەندۈرگەنلكىنى، بىشارەتتىن كېيىنلا ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەنىڭ قۇرسىقىدا بوۋاقنىڭ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەستىن ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىنى، بۇ ئوغۇلنىڭ ناھايىتى بىلىملىك بولۇپ يېتىشكەنلىكىنى بايان قىلىشقان.

   ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.