رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى (1)

 1-ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتا كۆيمىگەنلىك مۆجىزىسى_____ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىن باشلاپ قەۋمنىڭ بۇتقا چۇقۇنغانلىقىغا ئىنكار قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى. ئۇلار: «ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز (يەنى ئۇلارغا ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا تەقلىد قىلىپ چوقۇنىمىز)» دېدى. ئىبراھىم: «سىلەرمۇ ئاتا - بوۋاڭلارمۇ (پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى}. سۈرە ئەنبىيا 52- 54.

   كىيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ھەقىقەتەن ئازغۇن، ئەقلى يوق قەۋم ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن، بىر چوڭ بۇتتىن باشقا بارلىق بۇتلارنى چېقىپ تاشلىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ۋەقەلىكنى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: {ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن) پەقەت چوڭ بۇتنى (چاقماي) قالدۇردى. (ئۇلار بايرىمىدىن قايتىپ كېلىپ بۇتلىرىىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى. (ئۇلارنىڭ بەزىسى) ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېدى. ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى): «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن» دېدى. ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى}. سۈرە ئەنبىيا 58- 62.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن: {«(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى}.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سوئالىغا مەسخىرە بىلەن جاۋاپ بەرگەن بولۇپ، بۇ جاۋاپ ئۇلارنى تەۋرەتتى، تەپەككۇر قىلىشقا، خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

   ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھالىنى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: {ئۇلار بىر - بىرىنى ئەيىبلەپ: «(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى. ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتى) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى}. سۈرە ئەنبىيا 64- 65.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: {«سىلەر ئاللاھنى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟. سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»}. سۈرە ئەنبىيا 66- 67.

   ئۇلار سۆزدە يېڭىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە ئورۇنۇپ ئېيتتى: {«ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»}. سۈرە ئەنبىيا 68- ئايەت.

   ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىدى، ئوت ناھايىتى شىددەت ۋە ھەيۋەتكە تولدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتا كۆيمەي خاتىرجەم ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن كاپىرلار ئوتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلدى لېكىن مۇتلەق قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالا ئوتقا مۇنداق خىتاب قىلغانىدى: {ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە بىخەتەر بولۇپ بەرگىن»}. سۈرە ئەنبىيا 69- ئايەت.

   ئاللاھ تائالا ئوتتىكى كۆيدۈرۈش قانۇنىيىتىنى بىكار قىلدى، ئوت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا سالقىن ۋە بىخەتەر بولۇپ بەردى، ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە گويا باغچىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرغاندەك ئولتۇردى، مانا بۇ يەردە بىرىنچى مۆجىزە نامايان بولدى.

   بۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئالىملاردىن كۆپلىگەن بايانلار نەقىل قىلىنغان بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بەزىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:

    مۇجاھىد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق بايان قىلىدۇ: قەۋمنىڭ باشلىقى بولغان نەمرۇد ئىسىملىك كىشى قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنى يىغىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى قانداق ئۆلتۈرۈش ھەققىدە ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى، ۋاھالەنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇ ۋاقىتتا ياش يىگىت ئىدى، ئۇلار: {«ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار»} دەپ مەسلىھەت بەردى. سۈرە ساففات 97- ئايەت.

   بۇ قاراردىن كېيىن ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇپ قاماپ قۇيۇپ، قىرىق كۈنگىچە ئوتۇن يىغدى، تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن يىغقان ئوتۇنلارغا ئوت ياقتى، ئوت كۈچىيىپ، ئۈستىدىن ئۆتكەن ھەر قانداق ئۇچارلىقلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغۇدەك ئاسمانغا ئۆرلىگەندە، ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇت - قوللىرىنى مەھكەم باغلاپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان مەنچاناق بىلەن ئوتقا تاشلىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: "سېنىڭدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، سەن پۈتۈن ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاكسەن، پۈتۈن ئالەملەرنىڭ رەببىسەن، ھەمدۇ - سانالار ساڭىلا مەنسۇپ، پۈتۈن ئىگىدارچىلىق، پادىشاھلىق ساڭىلا خاس، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوق! دەپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلدى، ئاللاھ تائالا ئوتقا خىتاب قىلىپ: {ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە بىخەتەر بولۇپ بەرگىن»}. دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئوت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا سالقىن ۋە بىخەتەر بولۇپ بەردى.

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئاللاھ تائالا: "سالقىن بولۇپ بەرگىن" دەپ، "بىخەتەر بولۇپ بەرگىن دېمىگەن بولسا ئىدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئوتتا توڭلاپ قالغان بولاتتى لېكىن ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيۈپ كېتىشتىنمۇ، توڭلاپ قېلىشتىنمۇ ساقلىدى، كاپىرلار ئۇنى ئوتقا تاشلىغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى دەرھال تۇتۇۋالدى ۋە ئوتنىڭ ئىچىدە بىخەتەر ئولتۇرغۇزدى، نەمرۇد ئۇنى ئوتتا قىرىق كۈن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئوت ئۇنىڭ پۇت - قوللىرىدىكى ئارغامچىلاردىن باشقىسىنى كۆيدۈرمىدى.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاشۇ كۈنلەردە ياشىغاندەك، گۈزەل بىر ھاياتتا ياشاپ باقمىدىم، دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ".

   ئىبنى ئىسھاق رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ھەمسۆھبەت بولۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى، بۇ پەرىشتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە گەلگەنىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا جەننەت يىپەكلىرىدىن توقۇلغان بىر كۆينەك كۆيدۈرۈپ، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ئوتنىڭ زىيان سالمايدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

   قىرىق كۈندىن كېيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلمەي بەلكى ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر باغچىنىڭ ئىچىدە ھايات ئولتۇرغانلىقىنى ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ كۆرۈپ، ئەس - ھوشىنى يوقاتقان نەمرۇد: ئى ئىبراھىم! سەن تېخى ھاياتمۇ؟ دەپ ۋارقىرىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ھەئە، دېدى. نەمرۇد: ئۇنداق بولسا قېنى ئوتتىن چىقىپ باققىن؟!، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان يېرىدىن قوپتى - دە ئۇدۇل ئۇنىڭ تەرىپىگە كەلدى. نەمرۇد: مەن يېنىڭدا سېنىڭ سۈرىتىڭدە كۆرگەن كىشى كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئۇ ماڭا ھەمسۆھبەت بولۇش ئۈچۈن رەببىم ئەۋەتكەن سايە پەرىشتىسىدۇر، دېدى. نەمرۇد: سېنى ساقلىغان رەببىڭنىڭ قۇدرىتىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن رەببىڭگە قىرىق مىڭ كالا سويۇپ قۇربانلىق قىلىمەن، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: سەن ھازىرقى دىنىڭدىلا بولىدىكەنسەن رەببىم قۇربانلىقىڭنى ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدۇ، دېدى.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچى قىلدۇق}. سۈرە ئەنبىيا 70- ئايەت. يەنى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىۋىدى ئۆزلىرى يېڭىلدى، ئۇلار ئۇنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلىشىۋىدى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ زېھنىگە كەسكىن ھۆججەت، ئۇچۇق پاكىتنى سېلىپ بېرىپ، دۈشمەنلىرىنى مات قىلدى، ئۇلار دەلىلدە يېڭىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا كۈچ كۆرسىتىپ ئۇنى يوقاتماقچى بولىۋىدى ئاللاھ تائالا ئاجايىپ مۆجىزە ئارقىلىق ئۇنى ساقلاپ قېلىپ، دۈشمەنلىرىنى ئېغىر زىيان تارتقۇزدى.

   ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەمرۇد بىلەن بولغان مۇنازىرىسى:

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ}. سۈرە بەقەر 258- ئايەت.

  خۇدالىق داۋاسى قىلىپ، ئاللاھ ھەققىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلەشكەن پادىشاھ بابىل پادىشاھى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇلۇق ئىسمى نەمرۇد ئىبنى كەنئان ئىبنى كوش ئىبنى سام ئىبنى نۇھدۇر.

   مۇجاھىد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: تارىخچىلار زۇلقەرنەيىن، سۇلايمان ئەلەيھىسسلاملاردىن ئىبارەت ئىككى مۇسۇلمان، نەمرۇد، بۇختەنەسسەردىن ئىبارەت ئىككى كاپىر جەمى تۆت پادىشاھنىڭ پۈتۈن دۇنياغا پادىشاھ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

   تارىخ كىتابلىرىدا نەمرۇدنىڭ تۆت يۈز يىل پادىشاھ بولغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ چوڭچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقى ھەتتا خۇدالىق داۋاسى قىلىپ چېكىدىن ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

   زەيد ئىبنى ئەسلەم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا نەمرۇدغا ئادەم سۈرەتلىك بىر پەرىشتە ئەۋەتكەن بولۇپ، پەرىشتە ئۇنى بىرىنچى قېتىم ئىمانغا دەۋەت قىلدى، نەمرۇد چوڭچىلىق قىلىپ، ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلدى، بىر مەزگىلدىن كېيىن پەرىشتە ئۇنى ئىمان ئېيتىشقا ئىككىنچى قېتىم يەنە دەۋەت قىلدى، نەمرۇد بۇ قېتىممۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلدى، پەرىشتە ئۈچىنچى قېتىم يەنە دەۋەت قىلدى، نەمرۇد تېخىمۇ ھاكاۋۇرلىشىپ، ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلدى ۋە پەرىشتىگە: رەببىڭگە ئېيتىپ قويغىن، قوشۇنلىرىنى يىغىپ قويسۇن، مەنمۇ قوشۇنلىرىمنى يىغىمەن، كىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانىقىنى كۆرىمىز ، دېدى.

   نەمرۇد كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇننى يىغىپ تەييارلاپ بولدى، دەل بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاجىزى بولغان بىر پاشىنى ئەۋەتتى، پاشا ئۇچۇپ كېلىپلا ئۇنىڭ قاڭشىرىغا كىرىۋالدى، نەمرۇد قانچە قىلىپمۇ ئۇنى چىقىرالمىدى، ئۇنىڭ مېڭىسى قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى، ئەلەمگە چىدىيالمىغان نەمرۇد ۋارقىراپ ئۆزىنىڭ بېشىغا مۇشتلىغىلى تۇردى، بېشىغا مۇشتلىسا ئاغرىق پەسىيەتتى، ئۇرۇش توختىسا ئاغرىق باشلىناتتى، بېشىغا تۇلا مۇشتلاپ ھالى قالمىغان نەمرۇد ئەتراپتىكىلەرنى بېشىغا ئۇرۇشقا بۇيرىدى، ئۇلار ئۇرۇۋېرىپ قوللىرى تالغاندىن كېيىن كەشلىرى بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى، باشقا كەش تەگسە نەمرۇد بىر ئاز ئارام تاپقاندەك بولاتتى، باشقا كەش تەگمىسە نەمرۇد تولغىنىپ بىردەممۇ ئارام ئالالمايتتى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى مانا مۇشۇ ئۇسۇلدا نامايان قىلغاندىن كېيىن خۇدالىق داۋاسى قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان بۇ تۇزكورنى ئاخىر ھالاك قىلدى.

   ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.