رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى

بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا يارىدەم بېرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ھازىرلىق قىلىشۋېلىشى ۋە قىيامەت ئۈچۈن ئوزۇق تەييارلىۋېلىشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى كۆپلەپ ساۋابقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاتقىلى ۋاقىتنى يارىتىپ، ئۇنى بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلغان، بىر قىسىم ئاي، كۈن ۋە كېچىلەرنى بۈيۈك ئەجىر بېرىشتەك ئەۋزەللىكلەر بىلەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان جانابىي ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدۇ ئېيتىمىز.

 

- بۇ تائەت مەۋسۇمىدىن پايدىلىنىپ، ئاجىزلىقلىرىمىزنى تونۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، قولدىن بېرىپ قويغان پۇرسەتلەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر....

- مۇسۇلمان ھامان ئۆمرىنىڭ قەدرىنى، ھاياتىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى، پەرۋەردىگارىغا كۆپلەپ ئىبادەت قىلىشى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سەن ئۆزەڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن" ھىجر سۈرىسى، 99 - ئايەت.

 

بۇ بۈيۈك تائەت مەۋسۇملىرىنىڭ بىرى زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ كۈنلەرنى يىلنىڭ باشقا بارلىق كۈنلىرىدىن پەزىلەتلىك قىلدى. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "مۇشۇ كۈنلەردە (زۇلھەججنىڭ 1 ـ كۈندىن 10 ـ كۈنىگىچە) قىلىنغان ياخشى ئەمەل ئاللاھ غا ئەڭ سۆيۈملۈكرەك بولىدۇ" دېدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟ دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھ يولىدىكى جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ. پەقەت جېنى، مېلى بىلەن جىھادقا ئاتلىنىپ، ھېچنەرسە بىلەن قايتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولغان) ئادەمنىڭلا ئەمىلى بۇنىڭغا يېتىدۇ» دېدى. [بۇخارىدىن]

 

يۇقىرىدىكى ۋە باشقا دەلىللەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئون كۈننىڭ يىلنىڭ باشقا بارلىق كۈنلىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئەمما رامىزاننىڭ ئاخرىدىكى ئون كۈنمۇ قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر.

بۇ ئاينىڭ پەزىلىتى نۇرغۇن ئىشلاردا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ:

 

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا بۇ كۈنلەر بىلەن قەسەم قىلغان: بىر نەرسنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن قەسەمكى..."

 

ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسىدە ئۇنىڭ دۇنيادىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن.

 

ئۈچىنچى: ئومۇمىي دۇنيا ئەھلى ئۈچۈن ۋاقتىنىڭ شەرىپى، ئاللاھنىڭ بەيتىنى ھەج قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ماكاننىڭ شەرىپى ئېتىبارى بىلەن ئۇ كۈنلەردە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

 

تۆتىنچى: بۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇسانا ۋە تەكبىرلەرنى كۆپلەپ ئېيتىشقا بۇيرۇلغان: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇنىڭدىن كاتتا ۋە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك كۈن يوق. بۇ كۈنلەردە تەھلىيل، تەكبىر ۋە ھەمدۇ سانانى كۆپ قىلىڭلار" [ھەدىس شەرىف].

بەشىنچى: بۇ ئون كۈن ئىچىدە ئاللاھ تائالا دىنىنى تاماملىغان ئولۇغ ئەرەفات كۈنى بار. بۇنىڭدا يەنە يىلنىڭ مۇتلەق ھالدىكى ئولۇغ كۈنى بولغان قۇربانلىق كۈنىمۇ بار؛ بۇ كۈن ـ باشقا چاغدا بىر ئارىغا كەلمەيدىغان ئىبادەت ۋە تائەتلەر بىر ئارىغا كىلىدىغان چوڭ ھەج كۈنىدۇر.

 

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن ھەر بىرىمىزگە سوۋغا قىلىنغان زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنى چىڭ تۇتايلى! بۇ كۈننىڭ قەدرىنى ھەققىي تەقۋا ۋە سالىھ كىشىلەر كەبى قەدىرلەشكە تىرىشايلى! بۇ كۈننى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇيرىغان تۆۋەندىكى ئىشلارنى قەتئىي چىڭ تۇتۇشقا بارلىقىمىز بىلەن كۈچ چىقىرايلى!

 

بىرىنچى: رۇزا تۇتۇش

 

مۇسۇلمان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى رۇزا تۇتۇشى سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئون كۈن ئىچىدە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا بۇيرىغان. رۇزا بولسا ئەمەللەرنىڭ ياخشىلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىسى قۇددىسىدا روزىنىڭ ئەجرىنى ئۆزى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ تۇققۇزىنچى كۈنى رۇزا تۇتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى، ئاشۇرا كۈنى ۋە ھەر ئايدا ئۈچ كۈن (قەمەرىيە ئېيىنىڭ 13،14،15-كۈنلىرى) ھەپتىنىڭ دۇشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى رۇزا تۇتاتتى" [ھەدىس شەرىف].

ئىمام مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان زۇلھەججىنىڭ 9 ـ كۈنى (ئەرەفات كۈنى) روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى يەنە بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالادىن ئەجىر كۈتۈپ ئەرەفات كۈنى تۇتقان روزا ئۆتكەنكى بىر يىلنىڭ ۋە كېلىدىغان يەنە بىر يىلنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ (يەنى گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ)".

 

ئىككىنچى: تەكبىر ئېيتىش:

 

بۇ ئون كۈن ئىچىدە تەكبىر، ھەمدۇسانا، زىكىر، تەسبىھ ئېيتىش سۈننەتتۇر. ئاللاھنىڭ ئولۇغلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بولىدىغان بارلىق جايلاردا ئىمكان بار ئونلۈك ئوقۇش لازىم. يەنى بۇنى ئەرلەر ئاۋازلىق، ئاياللار ئىچىدە ئېلىپ بارىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ـ ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ نىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن" ھەج سۈرىسى، 28 ـ ئايەت.

زامانىمىزغا كەلگەندە تەكبىر ئېيتىش بىر يېتىم قالغان سۈننەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنى ئۈنلۈك ئېيتىش ئارقىلىق سۈننەتنى ئىھيا قىلىشى ۋە غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرىشى لازىم. ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى ئىچىدە بازارغا چىقىپ تەكبىر ئېيتىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇ ئىككسىگە ئەگىشىدىغانلىقىغا دائىر ساغلام رىۋايەتلەر بار. بۇنداق دېگەنلىك كوللىتىپ ھالدا ئاھاڭغا بىر خىل ئاھاڭغا چۈشۈرۈپ تەكبىر ئېيتىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ھەر بىر كىشى تەكبىرنى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئېيتىشى لازىم.

سۈننەتنى ئىھيا قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەر بىر مۇسۇلمان ياخشى بىلىدۇ.

 

ئۈچىنچى: ھەج ۋە ئۆمرىنى ئادا قىلىش:

 

بۇ ئون كۈندە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ بەيتىنى ھەج قىلىش. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەيتىنى ھەج قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ، تەلەپ قىلىنغان پائالىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلالىغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس" دېگەن ھەدىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇۋاپىق نەسىۋىگە ئېرىشىدۇ.

 

تۆتىنچى: ئومۇمەن سالىھ ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا تىرىشىش:

 

سالىھ ئەمەللەرنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنداق ئەمەللەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى كاتتا ئەجىر بېرىلىدۇ. ھەج قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە باشقا كۈنلەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى، نەپلى ناماز، قۇرئان ئوقۇش، زىكىر، دۇئا، سەدىقە، ئاتا- ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە- رەھىم، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىش لازىم.

 

بەشىنچى: قۇربانلىق قىلىش:

 

قۇربانلىق قىلىشمۇ بۇ خۇسۇستىكى ياخشى ئىشلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىسلەر بار.

 

ئالتىنچى: سەمىمىي تەۋبە قىلىش:

 

بۇ ئون كۈن ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىپ، بارلىق گۇناھ ۋە مەسىيەتلەرنى تاشلاش تولىمۇ مۇھىم. تەۋبە دېمەك، ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن يېنىپ، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىر گۇناھنى سادىر قىلىپ، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن يەنە تەكرار ئۇنى سادىر قىلىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى ئېغىر گۇناھتۇر.

بىر مۇسۇلمان كىشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىكەن دەرھال، كىچىكتۈرمەستىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ۋە ئۇنى تەكرارلىماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بىر. گۇناھ يەنە بىر گۇناھنى ئۆزىگە تارتىدۇ، ئىككى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر" قەسەس سۈرىسى، 67 ـ ئايەت.

ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ دىنىمىزنىڭ بەلگۈلىمىلىرىگە ئويغۇن ھېيىت ئۆتكۈزىشىنى ۋە بۇ ئەھمىيەتلىك ئون كۈننى قولدىن بىرىپ قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.