رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆئمىنلەر ، بەخىتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار .  سۈرە نۇر 31-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ...

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ : سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار،ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار .   سۈرە ھۇد 3-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ...

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆئمىنلەر ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار ،ئۈمىدكى پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ .. سۈرە تەھرىم 8- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ...

1-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى،مەن بىر كۈندا ئاللاھ تىن يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن ۋە تەۋبە قىلىمەن .   بۇخاري