رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تۆت چاسا كاتەكچە سىزىپ ئۇ كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقلارنى سىزدى.شۇنىڭ بىلەن يەنە كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقچىلارنى سىزدى ۋە:« بۇ ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئىنسان، ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى بۇ كاتەكچە بولسا ئۇنىڭ ئەجىلى، كاتەكچىدىن چىقىپ تۇرغىنى بولسا، ئۇنىڭ ئارزۇسى. بۇ كىچىك سىزىقلار بولسا دۇنيادىكى دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئەگەر كىشى بىر كىچىك سىزىقتىن قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا يەنە بىرى چىرمىۋالىدۇ.» دېدى . -بۇخارى رىۋايەت قىلغان.