رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

15/109- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، تاغام ئەنەس ئىبنى نەزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتنىشالمىدى. ئۇ: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! مەن سەن مۇشرىكلار بىلەن قالغان تۇنجى ئۇرۇشقا قاتنىشالمىدىم. ئەگەر ئاللاھ مېنى مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسا، مىنىڭ قانداق قىلىشىمنى ئاللاھ كۆرسىتىپ قويىدۇ، دېدى.

ئۇھۇد كۈنىدە مۇسۇلمانلار قېچىشقا باشلىدى. ئۇ: ئى ئاللاھ! ھەمراھلىرىمنىڭ بۇنداق قىلغانلىرىدىن ساڭا ئۆزرە ئېيتىمەن. شۇنداقلا مۇشرىكلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن بىزارمەن دېدى. ئاندىن مۇشرىكلارغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئۇنىڭغا سەئد ئىبنى مۇئاز ئۇچراپ قالدى. ئۇ: ئى سەئد ئىبنى مۇئاز! ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن جەننەتنىڭ پۇرىقىنى ئۇھۇد تەرەپتىن پۇراۋاتىمەن، دەپ جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى. سەئد: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئەنەس ئىبنى نەزىرنىڭ قىلغىنىدەك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، دېدى. ئەنەس مۇنداق دېدى: بىز ئەنەس ئىبنى نەزرنى ئۇنىڭغا قىلىچ ئۇرۇلغان ، نەيزە سانجىلغان، ئوقيانىڭ ئوقى تەككەن بولۇپ جەمئى 80 نەچچە يېرى يارىلانغان ھالەتتە تاپتۇق. بىز ئۇنى ئۆلتۈرگەن، مۇشرىكلار ئۇنىڭ قۇلاق ـ بۇرۇنلىرىنى كېسىۋالغان ھالىتىدە تاپتۇق. ئۇنى ھېچكىم تونىيالىمىدى، پەقەت بىر سىڭلىسى بارماقلىرىدىن ئۇنى تونىدى: بىز (مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ غا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار(([1]) دېگەن ئايەتنى ئەنەس ئىبنى نەزر توغرىسىدا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر توغرىسىدا چۈشكەن دەپ ئويلايمىز. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]