رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

12/106 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېقىرلاردىن بولغان خىزمەتچىسى؛ رەبىئە ئىبنى كەئب ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت سۈيىنى ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بېرەتتىم. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن بىرەر تىلىكىڭ بولسا، سورىغىن» دېدى. مەن: مەن سەندىن جەننەتتىمۇ ساڭا ھەمراھ بولۇشنى سورايمەن، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «باشقا تىلىكىڭ يوقمۇ؟» دېدى. مەن پەقەت مۇشۇلا تىلىكىم بار، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا ئۆزەڭ سەجدىنى كۆپ قىلىش بىلەن ماڭا ياردەم بەرگىن»، دېدى. [مۇسلىمدىن]