رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

4/98 - ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىرى نامازدا تۇراتتى، ھەتتاكى پۇتلىرى قاپىرىپ كېتەتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەن تۇرسا- دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەنمۇ شۈكۈر ئېيتقۇچى بەندىلەردىن بولۇشنى ياخشى كۆرمەمدىم؟» دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

5/99 - ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسى كىرگەندە ئۇخلىمايتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى. ئىبادەتتە شۇنداق تىرىشچان ئىدىكى. ئاياللىرىدىنمۇ ئايرىلىپ تۇراتتى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]