رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىتبان ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:مەن رەسۇلۇللاھننى ئىزدەپ كىلىپ :ئى، رەسۇلۇللاھ ،مىنىڭ كۆزۈم يىقىندىن بۇيان يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى ، داۋاملىق جامائەت نامىزىنى ئوقۇپ بىرىمەن .بەزىدە قاتتىق يامغۇر ياققان چاغلار دا مىنىڭ ئۆيۇم بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۇتتۇرىسىدا يامغۇر سۈيى ئىقىپ ئېرىق شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن جامائەت نامىزىغا كىلەلمەي قالىمەن، ئى ، رەسۇلۇللاھ، مەن سېنىڭ مىنىڭ ئۆ يۇمگە كىلىپ ،ئۆيۇمنى مەسجىد قىلىپ جامائەت نامىزى ئۇقۇشىڭنى ئۈمۇد قىلاتتتىم ،دىدى.رەسۇلۇللا:<<ئەزان ئېيىت>>دىدى. مەن ئەزان ئېيىتتىم،رەسۇلۇللاھ ئۆيگە كىرىپ ئۇلتۇرمايلا :<<سەن ئۆيۇڭنىڭ قەيىرىدە ناماز ئۇقۇپ بىرىشىمنى خالايسەن ؟>>دەپ سۇرىدى .مەن رەسۇلۇللاھقا ئۆينىڭ بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ قۇيدۇم ، رەسۇلۇللاھ تۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن تەكبىر ئېيىتتى ، بىزمۇ سەپكە تىزىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى رەككەت ناماز ئۇقۇدۇق ،ئاندىن سالام بەردى، مەن ئۇنىڭغا بىر پارچە گۆش پىشۇرۇپ بەردىم، كىيىن ئۆيگە نۇرغۇن كىشىلەر كىلىشىپ  راسا خۇشال ئۇلتۇرۇشتۇق .ئارىدىن بىرى:مالىك ئىبنى دۇخشۇن نەگە كەتتى ؟دىدى. يەنە بەزىلەر :ئۇ دىگەن مۇناپىق . ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئۇنى ياختۇرمايدۇ، دېيىشتى . رەسۇلۇللاھ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن :<<ئۇنداق دىمەڭلار سىلەر ئۇنىڭ :<لائىلاھە ئىللەللاھۇ> دىگەنلىكىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئۇ ئاللاھنىڭ يۇلىنى تاللىدى. ھىلىقى كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ گەپىنى ئاڭلاپ :ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئەڭ ئۇبدان بىلىدۇ ،لىكىن بىز ئۇنىڭ سىرىتقى ھالىتىدىن ھەقىقىي مۇناپىقتەك كۆردۇق،دىدى. رەسۇلۇللاھ:<<اللاھ <لائىلاھە ئىللەللاھۇ> دىگەن ھەم شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىگە دۇزاقنى ھارام قىلدى>>دىدى. ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.