رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m030.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ھەبقۇق ئەلەيھىسسالاملارنىڭ فاران شەھىرىدىن بىر ئۇلۇغ پەيغەمبەر چىقىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن بىشارەتلىرىدۇر.

ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن ئەتتەسنىيە تومىدا ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئالدىدا ئىسرائىل ئەۋلادلىرىگە مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان: رەب سېينادىن كەلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سەئيەردىن نۇر چاچتى، فاران تېغىدىن پارلىدى. (ئەتتەسنىيە 33/2).

ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئۇنىڭغا سېينادىكى تۇر تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندا كەلگىنىدەك، ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ پەلەستىننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەئيەر تېغىىدىن نۇر چاچىدىغانلىقىدىن، ئاندىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ فاران تېغى ئۈستىدىن پارلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

ھەزرىتى ھەبقوق ئەلەيھىسسالام فاران تېغىدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرنىڭ چىقىدىغانلىقى بىلەن بېشارەت بېرىپ: فاران تېغىدىن ئۇلۇغ، پاك پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى پۈتۈن ئاسمانلارنى قاپلايدۇ، ئۇنىڭ ۋە ئەگەشكۇچىلىرىنىڭ ئەيتقان زىكرى - تەسبىھلىرى پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ، دېگەن. (ھەبقوق 3/3).

فاران تېغىدىن چىقىدىغان، ئۇنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىكرى - تەسبىھلىرى پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلايدىغان، ھەيۋەتلىك بۇ پاك بەندە كىم؟

فاران سۆزىدىن نېمىنىڭ ۋە قەيەرنىڭ مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن بۇ ھەيۋەتلىك كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز!. تەۋرەت فاران سۆزىدىن مەككە مۇكەررەمەنى كۆزدە تۇتىدۇ. تەكۋىن تومىدا ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ فاراندا ئۇسۇپ يىتىلگەنلىكى مۇنداق قەيت قىلىنغان: فاراندا ئۆلتۇراقلاشقان بۇ يىگىت ئاللاھنىڭ ھىمايىسى بىلەن ياخشى چوڭ بولدى. (تەكۋىن 21/21).

مانا شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلىك ئەڭ گۈزەل بىر شەكىلدە نامايان بولدى، ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجاز زېمىنى بولغان فاراندا ياشىغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك نۇرى فاران تېغى ئۈستىدىن پارلىدى!.

بۇنىڭغا ئوخشىغان ئوچۇق ۋە كۈچلۈك بېشارەتلەر ئەھلى كىتابتىن بولغان ئىنساپ ئىگىلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشىگە، ئۇنىڭ ئىلگىركىلەرنىڭ كىتابلىرىدا بېشارەت بېرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا مۇسۇلمان بولغان، يەھۇدىلار ئالىمى ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدۇر. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىللە كەلگەنىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى سالام: مەن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يالغانچىنىڭ يۈزى ئەمەسلىكىنى بىلگەنىدىم، ئى خالايىق! سالامنى يېيىڭلار، (مۇھتاجلارغا) تائام بېرىڭلار، خالايىق ئۇخلاۋاتقاندا سىلەر ناماز ئوقۇڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) جەننەتكە سالامەت كىرەلەيسىلەر دېگەن سۆز ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئەۋۋىلى بولغانىدى، دېگەن.

ئىمام سىندىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يالغانچىنىڭ يۈزى ئەمەسلىكىنى بىلگەنىدىم دېگەن سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ يۈزىدىن پەيغەمبەرلىك نۇرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلگەن. كىچىلىرى ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋا، سالىھ كىشىلەر يۈزلىرىدىن تونۇلغان يەردە، پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى قانداقمۇ يۈزىدىن تونۇلمىسۇن؟!، دېگەن.

سەھىھۇلبۇخارىدا ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ: مەن سىزدىن پەيغەمبەرنىڭ غەيرى بىلمەيدىغان ئۈچ سوئال سورايمەن: قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ئەۋۋىلى نېمە؟ جەننەت ئەھلى يەيدىغان تائامنىڭ ئەۋۋىلى نېمە؟ قايسى سەۋەپتىن بالا ئاتىسىغا ئوخشاش توغۇلىدۇ ۋە قايسى سەۋەپتىن ئانا تەرەپ تاغىلىرىغا ئوخشاش توغۇلىدۇ؟ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: بۇلار ھەققىدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ماڭا ھازىر خەۋەر بەردى. قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ئەۋۋىلى شۇكى، ئوت خالايىقلارنى مەشرىقتىن مەغرىبكە قوغلايدۇ، جەننەت ئەھلى يەيدىغان تائامنىڭ ئەۋۋىلى بولسا، بېلىق جىگىرىنىڭ پارچىسىدۇر، بالىدىكى ئوخشاشلىق بولسا، ئەر ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئەرنىڭ سۈيى بۇرۇن كەلسە بالا دادىسىغا ئوخشاش توغۇلىدۇ، ئايالنىڭ سۈيى بۇرۇن كەلسە بالا ئانىسىغا ئوخشاش توغۇلىدۇ دېگەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام: ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىڭىزگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، دېگەن.

ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، يەھۇدىلار بوھتانچى قەۋمدۇر، ئەگەر ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى سىز ئۇلاردىن مەن توغرىلىق سوراشتىن ئىلگىرى بىلسە، ئۇلار ماڭا ھۇزۇرىڭىزدىلا بوھتان قىلغىلى تۇرىدۇ، دېگەنىدى. يەھۇدىلار كەلگەندە ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام بىلەن ئۇلار ئارىسىدا مۇنداق دىئالوگلار بولغانىدى.

- پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قانداق ئادەم؟

- يەھۇدىلار: ئالىمىمىز ۋە ئالمىمىزنىڭ ئوغلى، ئارىمىزدىكى ئەڭ ياخشى كىشى ۋە ئەڭ ياخشى كىشىنىڭ ئوغلى.

- پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: ئەگەر ئابدۇللاھ ئىبنى سالام مۇسۇلمان بولسىچۇ؟

- يەھۇدىلار: ئۇنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسون.

دەل بۇ ۋاقىتتا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئۆيدىن چىقىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، دېگەن.

يەھۇدىلار: ئابدۇللاھ ئارىمىزدىكى ئەڭ يامان كىشى ۋە ئەڭ يامان كىشىنىڭ ئوغلىدۇر، دەپ ئۇنىڭغا تىل ئۇزۇتۇشقا باشلىغان. [بۇخارى رىۋايىتى].

ئىلگىركى كىتابلارنىڭ ئالىمى ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىل ۋە شاھىدىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن دەيدۇ, ئېيتقىنكى, راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ائاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر. سۈرە رەئد 43- ئايەت.

ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىڭ جۈملىسىدىن سەلىمەتە ئىبنى سالامە ئەلبەدرىي رەزىيەللاھۇ ئۇنھۇنىڭ رىۋايىتىدۇر. ئۇ مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ بىر يەھۇدى قوشنىمىز بار ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كېلىشكە ئازغىنە ۋاقىت قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئابدۇلئەشھەل جامائىتىگە ۋەز ئېيتىپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، قىيامەت، ھېساب، مىزان، جەننەت، دوزاخ قاتارلىقلار ئۇستىدە توختالغانىدى. ۋاھالەنكى، بۇ جامائەت ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش بولمايدۇ، دەپ ئىتىقاد قىلىدىغان مۇشرىكلەر ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ئىدىم.

جامائەت ئۇنىڭغا: سىز ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن جەننەت، دوزاخ بار بىر دۇنياغا قايتا تىرىلىپ، ئىش - ھەرىكەتلىرى بويىچە، جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ، دەپ قارامسىز؟ دېدى.

ئۇ: قەسەم قىلىنىدىغان زات بىلەن قەسەمكى، شۇنداق بولىدۇ، دېدى.

ئۇلار: ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟ دېگەندە ئۇ: مۇشۇ شەھەر تەرەپتىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىلىدۇ، دەپ مەككە ۋە يەمەن تەرەپكە ئىشارەت قىلدى.

جامائەت: ئۇ پەيغەمبەر قاچان چىقىدۇ؟ دېدى.

ئۇ: بۇ يىگىت قېرىغانغا قەدەر ياشىغان تەقدىردە ئۇ پەيغەمبەرنى تاپىدۇ، دەپ، مېنى كۆرسەتتى. ۋاھالەنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدىم.

ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەھۇدى ئارىمىزدا ھايات ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ئەۋەتتى، بىز ئىمان ئېتتۇق، بۇ يەھۇدى ھەسەت قىلىپ ئۇنى ئىنكار قىلدى.

بىز: ئى پۇلانى! ئۇ پەيغەمبەر ھەققىدە بىزگە نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېيتمىغانمىدىڭىز؟! دەپ سورىساق، ئۇ ئېيتقىنىم راست لېكىن مېنىڭ دېگىنىم ئۇ ئەمەس، دەپ تۇرىۋالغانىدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزى تونۇغان، بىلگەن ۋە بېشارەت بەرگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى), ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاستە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كاپىرلارغا (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى. سۈرە بەقەرە 89- ئايەت.

ئۇلار كۆتكەن پەيغەمبەرنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇغىنىدىن كېيىن ئىنكار قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ) ئىمان ئېيتمايدۇ. سۈرە ئەنئام 20- ئايەت.

ئەھلى كىتاب بىشارەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن تەكۋىن تومىدا كەلگەن بىشارەتتۇر: رەب ماڭا ئېيتتىكى، ئۇلار ئۈچۈن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن بىر كىشىنى ساڭا ئوخشاش پەيغەمبەر قىلىپ، كالامىمنى ئۇنىڭ ئېغىزىدا قىلىمەن، ئۇ مېنىڭ بارلىق تەۋسىيەلىرىم بىلەن ئۇلارغا سۆزلەيدۇ، ئۇ مېنىڭ نامىمدىن سۆزلىگەن كالاملىرىمنى ئاڭلىمىغان ئىنساندىن مەن ئۆزەم ھېساب ئالىمەن (تەكۋىن 18/ 17-19).

بۇنىڭدا ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئوچۇق سۆزلەنگەن ۋە بۇ پەيغەمبەرنىڭ بىر قانچە سۈپەتلىرىنى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەۋۋىلى شۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىقىدۇ. يەنى ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن چىقىدۇ.

ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىشارەت بەرگەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ پەيغەمبەرگە ئاللاھنىڭ بارلىق ۋەسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھيى ئاتا قىلىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىدۇر.

ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىشارەت بەرگەن بۇ پەيغەمبەر كىم؟

شەكسىزكى ئۇ ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر!.

مانا شۇنىڭغا ئوخشىغان تەۋرات خەۋەرلىرى بىلەن مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىدىن بولغان قوشنىلىرىغا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ، مەدىنە ئەھلى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالاتتى.

ئىبنى ئىسھاق رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بەزى ئەنسارلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: بىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىمىزغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ بىزنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى بىلەن بىرگە، بۇتپەرەس، مۇشرىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى بىلەن كىتاب ئەھلى بولغان يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بەرگەندە يەھۇدىيلاردىن: يېقىندا بىر پەيغەمبەر ئۆتتۇرىغا چىقىدۇ، بىز ئۇ پەيغەمبەر بىلەن سىلەرنى ئاد ۋە ئىرم قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمىز دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىغانلىقىمىزدۇر.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ئەۋەتكەندە، بىز ئۇ پەيغەمبەرنىڭ يەھۇدىيلار بىزگە تەھدىت قىلغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلار كاپىر بولدى، ئاللاھ بىز ۋە ئۇلار ھەققىدە بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى), ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاستە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كاپىرلارغا (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى. سۈرە بەقەرە 89- ئايەت.

قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاستە قىلىپ ئەرەب كاپىرلىرىغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەرەبلەرگە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى ئىنكار قىلدى. ۋاھالەنكى ئۇلار ئۇنىڭ تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان، ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، دېگەن.

مەدىنىدىكى يەھۇدى ئۆلىمالىرىدىن ئىبنى ھەيبان پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلىدىغان زېمىنى، دەپ قاراپ، شامدىن يۆتكىلىپ كېلىپ، مەدىنىدە يەرلەشكەنىدى.

ئىبنى ئىسھاق بەنى قۇرەيزىلىك بىر شەيخنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئىبنى ھەيبان دېيىلىغان بىر يەھۇدى ئالىم شامدىن كېلىپ مەدىنىدە يەرلەشكەن، بىز ئۇنىڭدەك ياخشى ئىبادەت قىلىدىغان ئادەمنى كۆرمىگەنىدۇق، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام ئەۋەتىلىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى كەلگەنىدى، بىز يامغۇر ياغماي قەھەتچىلىكتە قالغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭدىن يامغۇر تەلەپ قىلىپ، دۇئا قىلىشنى سورايتتۇق، ئۇ بىرەر سا خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى، بىز ئۇنىڭ دېگىنىنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ يامغۇر تەلەپ قىلىپ، دۇئا قىلاتتى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇئا قىلاتتۇق، ئۇ دۇئادىن قولىنى يىغماستا ئاسماندىن يامغۇر قويۇلۇشقا باشلايتتى.

ئۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتقاندا بىز ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغانىدۇق، ئۇ: ئى يەھۇدىيلار جامائىتى! ھاراق - شاراب يۇرتى بولغان شامدىن ئاچارچىلىق زېمىنى بولغان يەسرەبكە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسىلەر؟ دېدى. بىز: ئۇنى ئۆزىڭىز ياخشى بىلىسىز، دېدۇق. ئۇ: مەن بۇ يۇرتقا پەقەت يېقىندا چىقىدىغان بىر پەيغەمبەرنى دەپلا كەلگەنىدىم، بۇ شەھەر ئۇ پەيغەمبەر ھىجرەت قىلىدىغان شەھەردۇر. ئى يەھۇدىيلار جامائىتى! ئۇ ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۇنىڭغا دەرھال ئەگىشىڭلار، باشقىلار ئالدىڭلارغا ئۆتۈپ كەتمىسۇن!. ئۇ قارشىلاشقانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، كىچىك بالىلىرىنى ۋە ئاياللىرىنى ئەسىر ئېلىش بىلەن ئەۋەتىلىدۇ. بۇ ئىش سىلەرنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن توسۇپ قويمىسۇن، دەپ تەۋسىيە قىلىپ، ئاندىن ئۆلۈپ كەتكەن.

قۇرەيزە پەتھى قىلىنغان كېچىسى ئۇچ نەپەر يەھۇدى قورغان ئىچىدىن چىقىپ: ئى يەھۇدىيلار جامائىتى! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى ئۇ، ئىبنى ھەيبان سىلەرگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن كىشىدۇر، دېگەن. يەھۇدىيلا: ئۇ ئەمەس، دېگەن. ئۇلار: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇ سۈپەتلەپ بەرگەن كىشىنىڭ دەل ئۆزىدۇر، دەپ قۇرغاندىن چۈشۈپ، مۇسۇلمان بولغان. [ئىبنى ئىسھاق، ئىبنى ھىشام ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان].

ھەقىقەت مانا مۇشۇنداق قۇياش نۇرىدەك ئوچۇق پارلىماقتا، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ئىسمى - شېرىپى، دىنى ۋە ئۇلۇغلۇقى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام پەلەستىن زېمىندا بىنا قىلغان ئاللاھنىڭ قەدىمى بەيتىدىنمۇ شەرەپلىك بولغان ئۇلۇغ بەيتى توغرىسىدا ناھايىتى ئۇچۇق بىشارەتلەرتى بەرمەكتە.

ئاللاھ تائالا ئىلگىركىلەرنىڭ كىتابلىرىدا بىشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلاردىن مۇئمىن - مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ زور بەخىتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۈممى پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلگىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق, كويزا- كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان ) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. سۈرە ئەئراف 157- ئايەت.

http://sjrt.org/uyghur/maqale-5051.html