رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Loading...
m009.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
بىزنىڭ ھەممىمىز غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر غەلبىگە ئېرىشىشنى مۇمكىن بولمايدىغان قىيىن بىر ئىش دەپ گۇمان قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز غەلبىگە ئېرىشتۈرىدىغان سەۋەپلەرگە سەل قاراپ، بىز مەڭگۈ غەلىبە قىلالمايمىز دېگەن ئاڭ بىلەن خورلۇققا كۆنۈپ كەتكەن.

m008.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:

10- ۋەسىيەت: دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، قارا نىيەتلىك قىلما. ئەگەر ئۇنىڭغا بېرەر مۇسىبەت يىتىپ قالسا، دۇئا ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە ئىشتىراك قىل. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئەزىيەتكە سەۋر قىلسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر. (سۈرە شۇرا 43- ئايەت. )
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قېرىندىشىڭغا كەلگەن كېلىشمەسلىكتىن خۇشاللىنىپ كەتمىگىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ سېنى كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇرۇپ قويمىسۇن. تىرمىزى رىۋايىتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيە دېگەن جايدىن قايتىپ كېلىپلا ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھ - ئەمىرلىرىگە مەكتۇب يوللاپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشىنى باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكتۇب يوللىماقچى بولۇۋىدى، پادىشاھ - ئەمىرلەرنىڭ مۆھۈر بېسىلمىغان مەكتۇبلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىرىن كالام (كىتاب)

ھﻪﺯﺭﯨﺘـــﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﻣﯘﺑـــﺎﺭەﻙ ﻧـــﺎﻣﻰ ﻣـــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴـــﺴﺎﻻﻡ ﺑﻮﻟـــﯘپ، ﺋﺎﺗﯩـــﺴﻰ‬‫ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھﺘﯘﺭ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻤﯘﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯩﭽﯩﻜــﻰ ﺋﯩــﺪﻯ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻤﯘﻪﻟﻠﯩﭗ ﻛﻪﺑﯩﻨﯩــﯔ‬ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺯەﻣﺰەﻡ ﻗﯘﺩﯗﻗﯩﻨﻰ ﻛﻮﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﯘﺭەﻳﺶ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ »ﺑﯘ ﻗﯘﺩﯗﻗﻘـﺎ ﺑﯩﺰﻣـﯘ ﺷـﯧﺮﯨﻚ« ﺩەپ ﺩﺍۋﺍ ﻗﯩﻠﯩـﭗ،‬‫ﺋﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ: »ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﺋﺎﻟﻼھ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋـﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ھﺎﻳـﺎﺕ‬‫ۋﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻣﯧﻨـﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺯﯨﻴﯩﺘﯩـﺪﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩـﺴﺎ، ﺷـﯘ ﺋـﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺋـﺎﻟﻼھ ﺋﯜﭼـﯜﻥ‬

m018.jpg

.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ياشلارغا نەسىھەت ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا بۈگۈن تەكەببۇرلۇقنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختىلىمىز تەكەببۇرلۇق - ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى پسىخىكى كېسەللىك

m009.jpg

مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى:

بىر كۈنى ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مەجلىستە ئىدى. ئىككى ياش يىگىت بىر ئادەمنى تۇتۇپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆمەر ئۇلاردىن سورايدۇ: بۇ نېمە ئىش؟
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: بۇ ئادەم ئاتىمىزنى ئۆلتۈرىۋەتتى، دەيدۇ.
ئۆمەر ئادەمدىن سورايدۇ: بۇ راستمۇ؟
ئادەم جاۋاب بېرىدۇ : ھەئە شۇنداق.
_ قانداق ئۆلتۈردۈڭ؟
_ تۆگىسى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمغا كىرىۋىدى، توسسام قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تاشنى ئېتىۋىدىم، بېشىغا تىگىپ ئۆلدى.
_ ئۇنداقتا، ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

m011.jpg

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىشتان سېتىۋالغان. ئۇ ئىشتاننى كىيىش ئۈچۈن سېتىۋالغانلىقى ئېنىق. ھەدىس بولمىغان رىۋايەتلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشتان كىيگەنلىكى بايان قىلىنغان. ساھابىلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىشتان كىيىشەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۆتۈك كىيگەن ۋە تاسۇمە دەپ ئاتىلىدىغان كەش كىيگەن.

رەسۇلۇللاھ يۈزۈك كىيەتتى. يۈزۈكنى ئوڭ قولىغا كىيەتتىمۇ ياكى سول قولىغا كىيەتتىمۇ دېگەن توغرىدا ئوخشاش بولمىغان ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ ھەممىسى سەھىھتۇر.

خۇزە دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغا كىيگەن، زەردىيە دەپ ئاتىلىدىغان ساۋۇت كىيگەن. بۇلارنى ئۇھۇد غازىتىدا كىيگەنلىكى مەلۇم.

m034.jpg

زامان تەرەققىي قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى، خۇسۇسەن بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە باشقا پەنلەردە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل بولىشى نەتىجىسىدە، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ ھەم بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيا خەلقىنى، خۇسۇسەن غەربتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى قايىل قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئوغىسى قايناشقا باشلىدى.

m021.jpg

قۇرئان ئىنسانلارنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ. بۇ ھەقتە اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىڭلاركى، «اﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز» ( [1]).

m019.jpg

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى نەپسىي ئارزۇلىرىغا قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن توسۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالىي ۋە ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇلاردا ئۈممەتلىرىدىن سادىر بولىدىغان ناچار ئەخلاق ۋە ئادەتلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار يامان ئۆرنەك بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرى بىكار بولغان بۇلاتتى. شۇڭا قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە جاكارلايدۇ.